يازمىلار
ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى
مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.
جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر
مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]
رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.
دىللىرىمىزنىڭ كور بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر قىلايلى!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىننىڭ پاراسىتىدىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ» دېگەندىن كېيىن: ﴿ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى» [«تىرمىزىي»، 3127].
تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى كىندىينىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى
ئىسلام دۇنياسىغا سىڭىپ كىرگەن ئارىستوتېل ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ كىندىينىڭ «ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسىگە مۇراجىئەت قىلىمىز. مەزكۇر رىسالە كىندىينىڭ پەلسەپە چۈشەنچىسىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، دىن بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ستوئىكوئىي (تەركىدۇنياچىلىق) ئېقىمىنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالغان، «غەمدىن خالاس بولۇشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسى ئىسلام ئەخلاق پەلسەپىسى ساھەسىدە پەلسەپىۋى ئەخلاق تۈرى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ نادىر ئەسەرلەردىن دېيىشكە بولىدۇ .
﴿ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار﴾
2. ئىلمىي ياكى ئەمەلىي، دىنىي ياكى دۇنيالىق ئىشلاردا كۆزلەنگەن نىشانغا يەتمەكچى بولغان ئادەم شۇنىڭغا ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ يېقىن ئىشىكتىن كىرىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، سەۋەبلەر بىلەن ۋاسىتىلەرنى توغرا ۋە ئەتراپلىق دەڭ سېلىپ، يېتەرلىك ئىلىم بىلەن قوراللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئستېداتلىق ئالىم شەيخ ئەھمەد فەرىدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كوممۇنىست رېجىمى دۇنيا سىياسىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، بولۇپمۇ تۈركىستان تېررىتورىيەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى، ئائىلە ئەنئەنىلىرى ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان. ھەقسۆيەر ئۆلىمالار ۋە مەرىپەتپەرۋەر بايلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەردە شېھىت قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلىپلا قالماي، چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى سالغان. شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇنلىغان ئالىملار دىنىنى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەزىز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، ئەي ئايال!
ئەي ھاياتتىن مەنە ئىزدەۋاتقان، كۆڭۈللەرگە خۇرسەنلىك بەخش ئېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئەزىز ھەمشىرەم! دۇنيانىڭ قاراڭغۇ – زۇلمەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، قەدىر – قىممىتىڭىزنى تونۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىققا ئېرىشكۈڭىز بارمۇ؟ ئوقۇپ، بىلىملىك بولۇپ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ، بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلىق سۈپىتىڭىز بىلەن ياشاشنى خالامسىز؟
شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار
كىرىش سۆز ساھابە، تابىئىن ۋە تەبەئى تابىئىن قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىدا قانچىلىك چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دىنغا خىزمەت قىلىش يولىدا پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخ ھەممەيلەنگە ئايان. ئەمما، بىزنىڭ مەزكۇر...
شەرقشۇناسلارنىڭ نىشانغا يېتىش ۋاسىتىلىرى
1. ئىسلام ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشلىرىگە، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە «قۇرئان كەرىم»گە دائىر خىلمۇخىل تېمىلاردا كىتاب يېزىش. ئۇلار بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىسلامىي مەنبەلەردىن نەقىل قىلغان مەزمۇنلارنى قەستەن بۇرمىلايدۇ ھەتتا تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، ئاندىن يەكۈن چىقىرماي، ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە، مەقسەتلىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.
شەرقشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ساھەلىرى
غەربلىكلەرنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىغا كىرىشىشىگە تۈرتكە بولغان بىرىنچى ئامىل دىن بولۇپ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، شەرقشۇناسلىق دەسلىپىدە خىرىستىيان راھىبلار بىلەن باشلىنىپ، ھازىرغا قەدەر شۇنداق داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئەللامە مۇسا جارۇللاھنىڭ ئۆمەر بايغا يازغان مەكتۇپى
مۇسا جارۇللاھ ئىبنى فاتىمە قازانىي تاتارىي (1292−1369ھ/1875−1949م) رۇسىيەنىڭ روستۇف شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ئەرەبچە، پارسچە، تاتارچە، تۈركچە، رۇسچە قاتارلىق بىرقانچە تىلنى پىششىق بىلىدىغان، تەفسىر، فىقھ، پەلسەپە ئىلىملىرىدە يېتىشكەن ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان كاتتا ئالىم.
تەرجىمە ھەرىكىتى: پەلسەپىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كىرىشى
مەھمۇت روزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئىران، مېسسوپوتامىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا چۆللىرىگىچە تارقىلىپ، كەڭرى بىر جۇغراپىيەنىڭ دىنى ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن تونۇشقان...
شەرقشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئۆلچەملىرى
1. شەرقشۇناس گولدزىھەر پۈتۈن ھەدىسلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بولماستىن، بەلكى ھىجرەتنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ توقۇپ چىققان سۆزلىرى دېگەن دەۋاسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرئىي ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا كاتتا ئىماملارنىڭمۇ شەرئىي ھۆكۈملەرنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تارىخىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يەنە بۇ خاتا قارىشىغا ئاساسسىز، ئويدۇرما رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ دەمىيرىينىڭ «ھاياتۇل ھەيەۋانىل كۇبرا» ناملىق كىتابىدىن: «ئەبۇ ھەنىفە (رەھىمەھۇللاھ) بەدر غازىتى بۇرۇن بولغانمۇ ياكى ئۇھۇد غازىتىمۇ، بىلمەيتتى» دېگەن رىۋايىتىنى نەقىل قىلغانلىقى مۇشۇ جۈملىدىندۇر.
قايغۇرماڭ، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە!
قەدىرلىك دوستۇم! قايغۇرماڭ، چۈنكى ئاللاھ سىز بىلەن بىللە.
قايغۇرماڭ! چۈنكى، سىزنىڭ دۇنيادا ھېچقانداق قەۋمدە بولمىغان، مۇقەددەس قۇرئانىڭىز بار.
ئەللامە سابىت داموللام چەتئەل سەپىرىدىن نېمە ئېلىپ كەلگەن؟
ئەللامە سابىت داموللام چەتئەل سەپىرىدىن نېمە ئېلىپ كەلگەن؟
رېئاللىقىمىزدىكى تەتۈر قىسمەتلەر
رېئاللىقىمىزدىكى تەتۈر قىسمەتلەر «سۇ كۆتۈرگەن خار، كوزا چاققان ئەزىز» ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدىن ئەقلىمگە كەلسەم، يۇرتىمىزدا ئەھلى ئىلىملەر سالۋار تۇماقلارنى كىيىپ، ئامان قالغان جېنىنى ئاران ساقلاپ يۈرىدىغان؛ ۋائىزلار يەكتەك كىيىپ، ئادەم توپلاشقان يەرلەردە...
خىلۋەتتىكى گۇناھلار
خىلۋەتتىكى گۇناھلار ئاللاھ قەلب پەردىلىرىنى ئېچىۋەتكەن، پەزىلەتلىك ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بىر ئايەتنىڭ ئاجايىپ پايدىلىق ھېكمىتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى يازغان: بىلەمسىز؟ ئاللاھ ساھابىلەرنى ئۇلار ئىهرامدا تۇرىۋاتقان مەزگىللەردە ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇلارغا...
ئىسلامىي دۆلەت (شەرىئەت دۆلىتى) شەرتمۇ؟
بسم الله الرحمن الرحيم بارلىق گۈزەل ماختاش ۋە ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا بولسۇن. سالام ۋە رەھمەت سەرۋەرى كائىنات، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى، رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستەپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتى مۇبارەكنىڭ...
شەرقشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئۆلچەملىرى (4)
كۆپىنچە شەرقشۇناسلار ئىسلامىي تېمىلاردىكى تەتقىقاتلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە تامامەن يات بەزى ئۆلچەملەرگە تايىنىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، سەمىمىي ئالىملار تەتقىق قىلماقچى بولغان تېمىلاردا ھەر تۈرلۈك ھاۋايى - ھەۋەسلەردىن، شەخسىي غەرەزلەردىن خالىي ھالدا دەلىل -...






