شەرقشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ساھەلىرى

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

ئىيۇن 2, 2023

(2)
دوكتور مۇستافا سىبائىي
شەرقشۇناسلىق ھەرىكەتلىرى دەسلەپتە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلامنى تەتقىق قىلىش بىلەن باشلانغان. بىز تۆۋەندە دەپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىزدەك، غەربلىكلەرنىڭ شەرق ئەللىرىنى تەتقىق قىلىشىنى تېزلەشتۈرگەن بىر قاتار سىياسىي ۋە دىنىي ئامىللار بار بولۇپ، ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن تېمىلار ئىسلام، ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى قاتارلىقلاردۇر. غەربنىڭ شەرق ئەللىرىگە قاراتقان جاھانگىرلىكىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ شەرقشۇناسلار پۈتۈن شەرق ئەللىرىنىڭ دىن، ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت، جۇغراپىيە، ئەنئەنە ۋە ئەڭ مەشھۇر تىل شېۋىلىرى قاتارلىق ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن.
شەرقشۇناسلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى
1. دىنىي سەۋەب
غەربلىكلەرنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىغا كىرىشىشىگە تۈرتكە بولغان بىرىنچى ئامىل دىن بولۇپ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، شەرقشۇناسلىق دەسلىپىدە خىرىستىيان راھىبلار بىلەن باشلىنىپ، ھازىرغا قەدەر شۇنداق داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مەزكۇر خىرىستىيان راھىبلار ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن تېمىلاردىن بىرى ئىسلامنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش، گۈزەللىكلىرىنى چاكىنىلاشتۇرۇپ سەت كۆرسىتىش، ھەقىقەتلىرىنى بۇرمىلاش ئىدى. (ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب)، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىگە مۇتلەق بويسۇنىدىغان خىرىستىيان خەلققە ئىسلامنىڭ تارقىلىشقا لايىق دىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش؛ مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋايى، قوپال، ئوغرى، قان تۆكۈشكە خۇمار ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ماددىي ھۇزۇر – ھالاۋەتلەرگىلا قىزىقتۇرۇپ، ئالىي روھ ۋە ئېسىل ئەخلاقتىن مەھرۇم قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىدى. چۈنكى، (شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى دەسلەپ باشلانغان) چاغلاردا، ئىسلام دىنى غەربلىكلەرنىڭ قارىشىدا خىرىستىيانلىقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ئىدى.
ئۇلار دەۋرىمىزدىكى يېڭى مەدەنىيەتنىڭ غەربلىكلەرنىڭ ئەقىدە ئاساسلىرىنى تەۋرىتىپ، ئۆتمۈشتىكى دىن ئەربابلىرىدىن ئۆگەنگەن پۈتۈن تەلىماتلاردىن گۇمانلاندۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ دىققىتىنى خىرىستىيان ئەقىدىسىدىن ۋە مۇقەددەس كىتابلاردىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئىسلامغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش دەپ قاراشتى.
يەنە كېلىپ، ئۇلار غەربلىكلەردە تۇنجى ئىسلام پەتىھلىرىدىن، ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرىدىن، كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپادىكى پەتىھلىرىدىن، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىشىدىن خەۋپسىرەش ۋە مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىش تۇيغۇسى بارلىقىنى ياخشى بىلگەچكە، بۇ روھىي ھالەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئىسلام تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى.
بۇ يەردە (يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى)، ئۇلار خىرىستىيان دىن ئەربابلىرى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا خىرىستىيانلاشتۇرۇش نىشانىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئىسلام ئەقىدىسىگە ئاستىرتىن خاتا قاراشلارنى سىڭدۈرۈپ، ئىسلام ئىلىملىرىدە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىدە، ئىسلام ئەدەبىياتىدا، قىسقىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن مەنىۋى مىراسلىرىدا گۇمان پەيدا قىلىش ئۈچۈن خىرىستىيان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان.
2. جاھانگىرلىك
قارىماققا دىنىي، ماھىيەتتە جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ھېسابلىنىدىغان ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرى ئەھلىسەلىپلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقاندا، غەربلىكلەر ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش نىيىتىدىن زىنھار يانمىدى. ئۇلار (غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن) بىر تەرەپتىن مەزكۇر ئەللەرنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىپ ئاجىزلاشتۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقسىتىدە، ئىشغال قىلماقچى بولغان ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىلىرىنى، ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىنى، قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
ئۇلار ئىسلام ئەللىرىنى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلغاندىن كېيىن، شەرقشۇناسلىقنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولغان ئامىللاردىن بىرى بىز مۇسۇلمانلاردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى بەربات قىلىش، قولىمىزدىكى مەنىۋى مىراسلىرىمىزدىن گۇمانلاندۇرۇپ، ئەقىدىمىز ۋە ئىنسانىي قەدىر – قىممەتلىرىمىزدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىدىيەنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قورقۇنچاقلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىشتۇر. چۈنكى، بۇ ئىشلار ئەمەلىيلەشكەندە، بىز ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ، غەربنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىمىزنى ئاتىمىز، ئەخلاقىي قىممەت قاراشلارنى ھەتتا ئەقىدە ئاساسلىرىنى غەربتىن قوبۇل قىلىمىز – دە، يىقىلىپ چۈشكەن يېرىمىزدىن دەس تۇرۇپ قەددىمىزنى رۇسلىيالماي، تا ئەبەد غەربنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىگە بېقىندى بولۇشىمىزدىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى ئىشقا ئاشىدۇ.
ئۇلار ئەرەب ئەللىرىدە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىزلىرى ئۆچۈپ كەتكەن، ئەرەبلەر مۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپ تىلى، ئەقىدىسى ۋە دۆلەتلىرى بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئىسلامنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىپ، باشقا خەلقلەر بىلەن ئىنسانىي، تارىخىي ۋە مەدەنىي جەھەتلەردە قويۇق مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىپ، كۈنسايىن كۈچىيىپ، يۈكسىلىش نەتىجىسىدە تامامەن ئۇنتۇپ كېتىلگەن تارىخىي مىللەتچىلىكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قانداق جانلاندۇرۇۋاتىدۇ؟ ئۇلار يېرىم ئەسىردىن بېرى مىسىردا پىرئەۋنچىلىكنى؛ سۈرىيە، لىۋان ۋە پەلەستىندە فىنىك مەدەنىيىتىنى؛ ئىراقتا ئاشۇر مەدەنىيىتىنى قايتىدىن قانداق بازارغا سېلىۋاتىدۇ؟
ئۇلارنىڭ (كۆمۈلۈپ كەتكەن تارىخىي مىللەتچىلىكنى يېڭىدىن قېزىپ چىقىشتىكى غەرىزى) ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇشى، مەملىكەتلىرى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا بولغان مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت كارۋانلىرىنى يېڭىدىن يېتەكلەپ مېڭىشى، دىنىي قېرىنداشلىرى بىلەن ئەقىدە بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق تارىخ ۋە ئورتاق مەدەنىيەت ئاساسىدا بىرلىشىپ قېلىشىنى قەتئىي شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرماسلىقتۇر.
3. ئىقتىسادىي سەۋەب
شەرقشۇناسلىق ھەرىكەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولغان ھالقىلىق ئامىللارنىڭ يەنە بىرى غەربتە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ سېتىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئىسلام ئەللىرىدىكى خام ماتېرىياللارنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىش ۋە ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدە گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلغان يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىپ، ۋەيران قىلىش مەقسىتىدە ئىسلام ئەللىرى بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدا سودا – سانائەت ئالاقىسى ئورنىتىشتۇر.
4. سىياسىي سەۋەب
نۇرغۇن ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، شەرقشۇناسلىقنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئەللىرىدىكى كونسۇلخانىلىرىدا ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىدىغان سېكرىتار ياكى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار بار بولۇپ، (ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى) شۇ دۆلەتلەردىكى مۇتەپەككۇرلار، ئاخباراتچىلار ۋە سىياسەتچىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلاردىن پىكىر ئېلىش، ئۇلارغا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي قاراشلىرىنى سىڭدۈرۈشتۇر.
ئۆتمۈشتە بۇنداق مۇناسىۋەتلەر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر بىلەن تۈگەللىنەتتى. ئەينى ۋاقىتتا غەربنىڭ باش ئەلچىلىرى چىرايلىقچە ياراشتۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش باھانىسى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ (ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ)، ئۇلارنى ئۆزئارا دۈشمەن قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن باشقا ئىسلام ئەللىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلاتتى. ئۇلار ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدە مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي قىزىقىشلىرىنى بىلىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىكى ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى بايقاپ، خەلق ئىچىدىكى غەربلىكلەرنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە ۋە جاھانگىرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تەرەپلەرنى ئېنىقلاپ چىقاتتى.
5. ئىلمىي سەۋەب
ئاز بىر قىسىم شەرقشۇناسلار شەرق ئەللىرىنىڭ پەقەت تىل، دىن، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئارزۇسى بىلەنلا شەرقشۇناسلىققا كىرىشكەن. بۇنداق شەرقشۇناسلار ئىسلامنى ۋە ئۇنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىنى چۈشىنىشتە باشقىلارغا قارىغاندا خاتالىقلارنى ئازراق سادىر قىلغان. چۈنكى، بۇلارنىڭ ئىسلامغا بوھتان چاپلاپ، بۇرمىلاش غەرەزلىرى بولمىغاچقا، باشقا كۆپ سانلىق شەرقشۇناسلارغا قارىغاندا بۇلارنىڭ تەتقىقات مېتودى بىر قەدەر ساغلامراق ۋە توغرىغا يېقىنراق ئىدى. ھەتتا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلارمۇ بار.
بۇ يەردە يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى (ھېچقانداق تەرەپ تۇتماي) ئامانەتدارلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدىغانلار پەقەت ئىقتىسادىي كىرىمى يېتەرلىك بولغانلاردۇر. چۈنكى، شەرقشۇناسلارنىڭ ھېچبىر غەرەزسىز ھالدا، ئوبيېكتىپلىقنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتى پوپلارغا، سىياسەتچىلەرگە ۋە تەتقىقاتچىلارغا ياقمايدۇ ھەمدە بۇنداق تەتقىقاتلار ئاپتورلىرىغا ھېچقانداق ماددىي پايدا ياكى ئىقتىسادىي قىممەت ياراتمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ تىپتىكى شەرقشۇناسلار غەربلىك شەرقشۇناسلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كەم تېپىلىدۇ.
شەرقشۇناسلىقنىڭ نىشانلىرى
پۈتۈن شەرقشۇناسلارنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئومۇمىي نىشانلىرىنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
بىرىنچى: گۇمانلىق ئىلمىي نىشان
(بۇ نىشان تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر):
1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە ئىسلامنىڭ ئىلاھىي مەنبەسى بولغان ۋەھىينىڭ چىنلىقىدا گۇمان پەيدا قىلىش:
شەرقشۇناسلارنىڭ كۆپ سانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي نازىل قىلىنغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار ساھابىلەردىن بولۇپمۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش شەكىللىرى توغرۇلۇق رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر ھەققىدە كەلسە – كەلمەس گەپلەرنى قىلىدۇ.
ھەتتا شەرقشۇناسلار ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي نازىل بولغان چاغدىكى روھىي ھالىتىنى «غالجىرلىق كېسىلى» دېگەنلەرمۇ بار. بەزىلىرى ۋەھىينى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زېھنىنى چىرمىۋالغان قالايمىقان خىيال دېسە، يەنە بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي نازىل بولغان چاغدىكى روھىي ھالىتىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. گويا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى ھېچبىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ باقمىغاندەك، شەرقشۇناسلارغا ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش شەكىللىرىنى چۈشەندۈرۈش تولىمۇ قىيىن.
شەرقشۇناسلار يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان بولغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت تەۋراتتا ئىسىملىرى زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر پەيغەمبەرلەر تارىختىكى ئورنى، تەسىرى ۋە دەۋەت ئاساسلىرى جەھەتتە ھەزرىتى رەسۇلۇللاھتىن تۆۋەن ئىدى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ، كۆپلىگەن راھىبلار، پوپلار ۋە خىرىستىيان دىن تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرى رادىكال دىنىي مۇتەئەسسىپلىككە تولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى زورمۇزور ئىنكار قىلىدۇ.
(شەرقشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي نازىل قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلغاندەك)، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار «قۇرئان كەرىم»دىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدىغان بىرى ھەرگىز ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئۆتمۈشتىكى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان جاھىلىيەت مۇشرىكلىرىدەك، بۇ مەلۇماتلارنى مەلۇم كىشىلەردىن ئالغانلىقىنى دەۋا قىلىپ، ئىنتايىن خاتا قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە «قۇرئان كەرىم»دىكى پەقەت مۇشۇ ئەسىردىلا بايقالغان بەزى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زېرەكلىكىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، يۇقىرىقى قاراشلاردىنمۇ غەلىتە ۋە خاتا پوزىتسىيەلەردە بولىدۇ.
2. ئىسلامنىڭ ساماۋى دىن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش
شەرقشۇناسلار دەسلەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلاھىي كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئارقىدىنلا ئىسلامنىڭ ساماۋى دىن ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دىنى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتى يوق. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شەرقشۇناسلارنىڭ بۇ قاراشلىرى ئىسلام دىنى بىلەن يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنىدىكى قىسمەن ئوخشاشلىقلارغا تايانغان قۇرۇق سەپسەتىلەردۇر، خالاس.
ئىسلام دىنىنىڭ يەھۇدىي دىنىدىن شاخلاپ چىققانلىقىنى ۋە بۇ دىننىڭ ئىسلام دىنىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەڭ كۆپ دەۋا قىلىدىغانلار گولدزىھەر ۋە شاخىتقا ئوخشاش يەھۇدىي شەرقشۇناسلار ئىكەنلىكى مەلۇم. خىرىستىيان شەرقشۇناسلار بۇ مەسىلىدە يەھۇدىيلارغا ئەگىشىدۇ. چۈنكى، خىرىستىيان دىنىدا ئىسلامغا تەسىر كۆرسەتكەن دېيىشكە بولىدىغان بىرەر ھۆكۈم يوق. خىرىستىيان دىنى پەقەت دىنىي ئەخلاقلاردىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. بۇ نۇقتىدىن خىرىستىيانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىدىن ئىسلام دىنىغا قوشۇلغان ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن نۇقتىلارنىڭ پەقەت دىنىي ئەخلاق ئىكەنلىكىنىلا ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خۇددى ساماۋى دىنلارنىڭ ئەخلاق ئاساسلىرى بىر – بىرىگە چوقۇم زىت بولىدىغاندەك، بىر دىننى ۋەھىي قىلغان ئاللاھ باشقا دىننى ۋەھىي قىلغان ئاللاھتىن باشقىدەك ئۆزئارا باغلاشمايدىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن تامامەن پاكتۇر، ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۇر.
3. تارىخ مابەينىدە ئىسلام ئالىملىرى تايانغان ھەدىسلەردىن گۇمانلاندۇرۇش
شەرقشۇناسلار ھەدىسلەرگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن ئويدۇرما سۆزلەرنى باھانە قىلىپ تەتقىقاتچى ئۆلىمالار تارىختىن بېرى تايىنىپ كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىكىدىن گۇمانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئالىملىرىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرنى ئايرىپ چىقىشى ئۈچۈن ئەڭ ئىنچىكە قائىدە – پىرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا سەرپ قىلغان زور تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرمەسكە سالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىنىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ سەھىھلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن (مۇسۇلمانلارنىڭ تەكشۈرۈش مېتودلىرى ۋە قائىدىلىرىدىن) ئوندىن بىرىمۇ يوق.
شەرقشۇناسلارنىڭ ھەدىس ھەققىدىكى قاراشلىرىنى «ئەسسۈننە ۋەمەكانەتۇھا فىتتەشرىيئىل ئىسلامىي» ناملىق كىتابىمدا ئىلمىي شەكىلدە تەنقىد قىلغان ئىدىم. (شۇڭا، بۇ يەردە بەك ئۇزۇن توختىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن).
شەرقشۇناسلارنىڭ ھەدىس ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرما ھەدىسلەرنى ۋاسىتە قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ (دىنىي تېمىلارنى كونكرېت چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن) ئاساسلانغان ھەدىسلەردە ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان قانۇن ۋە پىكىر بايلىقى بارلىقىنى كۆرگەنلىكىدىندۇر. ئۇلار (بۇنىڭ بىلەنلا قالماي) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدىغان بىرىنىڭ بۇنداق بۈيۈك بىر مەدەنىيەت بايلىقىغا ئاساس سېلىشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالماي، ھەدىسلەرنى تۇنجى ئۈچ ئەسىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئويدۇرمىلىرى دەپ دەۋا قىلىدۇ.
شەرقشۇناسلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننىڭ سىرى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەنلىكىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىياللىرى ۋە خاتا قاراشلىرىنىڭ مەنبەسى دەل مۇشۇ تۈگۈندۇر.
4. ئىسلام فىقھشۇناسلىقىنىڭ ئوبرازىنى يەرگە ئۇرۇش
يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، شەرقشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇلار تارىخنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە مىسلى تېپىلمايدىغان ئىسلام فىقھشۇناسلىقىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك بىر قانۇن سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپلا (نومۇس قىلماستىن)، بۇ بۈيۈك فىقھشۇناسلىقنىڭ رىم قانۇنشۇناسلىقىدىن يەنى غەربلىكلەردىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەتقىقاتچى ئىسلام ئالىملىرى بۇ خىل قاراشنىڭ ئاساسسىز، پاكىتى يوق، خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ لاھايدا ئېچىلغان خەلقئارالىق «سېلىشتۇرما قانۇنشۇناسلىق» قۇرۇلتىيىدا ئىسلام فىقھشۇناسلىقى باشقا قانۇنلاردىن قوبۇل قىلىنغان بولماستىن، مۇستەقىل بىر قانۇن سىستېمىسى ئىكەنلىكى ئېنىق بېكىتىلدى. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا تەرەپباز شەرقشۇناسلارنى مات قىلىشقا، پەقەت ھەقنى تېپىشنىلا كۆزلەيدىغان، ئىنساپلىق ئالىملارنى قانائەتلەندۈرۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ.
5. ئەرەب تىلىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغانلىقىدا گۇمان پەيدا قىلىش
شەرقشۇناسلارنىڭ ئەرەب تىلىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغانلىقىدا گۇمان پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمانلارنى غەرب ئەدەبىياتىغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ كۈچى ۋە ئارتۇقچىلىقىنىڭ ئەرەبلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غەرب ئەدەبىياتىغا موھتاجلىقىنى ئىسپاتلاش، ئەرەب ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ مەنىۋىيەتكە باي ئەدەبىيات ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندۇرۇش، ئىسلام ئەدەبىياتىنى نامرات ۋە يوقسۇل ئەدەبىيات قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. شەرقشۇناسلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتىگە يانداشقان ئەدەبىيات ئىشغالىيىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي نىشانلار پۈتۈن شەرقشۇناسلارنىڭ ياكى كۆپىنچىسىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىكى ئاساسىي نىشاندۇر.
ئىككىنچى: دىنىي ۋە سىياسىي نىشانلار
شەرقشۇناسلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي نىشانلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرىگە، «قۇرئان»ىغا ۋە شەرىئەت قانۇنىغا ئىشەنچىنى تەۋرىتىش
مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرىگە، «قۇرئان»ىغا، شەرىئەت قانۇنىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىنى تەۋرىتىپ، مەزكۇر مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى زەھەرلەشتۇر. بۇنىڭدىن دىنىي ھەم جاھانگىرلىكتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك غەرەز كۆزدە تۇتۇلغان.
2. مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش
شەرقشۇناسلار مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ رىم مەدەنىيىتىدىن يۆتكەلگەن مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلار رىم مەدەنىيىتىنىڭ پەلسەپىسىنى ۋە كۈلتۈر ئەسەرلىرىنى نەقىل قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلارمىش، ئۇلار ھېچبىر يېڭى پىكىر سىستېمىسى ئوتتۇرىغا قويمىغانمىش، ھېچبىر يېڭى مەدەنىيەت يوللىرىنى ئاچمىغانمىش، ئىسلام مەدەنىيىتى باشتىن – ئاخىر ئەيىب – نۇقسانلار بىلەن تولغان بىر مەدەنىيەتمىش.
بۇلاردىن سىرت، شەرقشۇناسلار بەزىدە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە توغرا كەلسە، ئۆزلىرىنى زورلاپ، بەك تەستە سۆزلەيدۇ ھەمدە نۇرغۇن ئەيىب – نۇقسانلارنى قوشىدۇ.
3. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز كۈلتۈرلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلىتىش
مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز كۈلتۈرلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلىتىش، ئۇلارنى پۈتۈن ئىنسانلىق قەدىر – قىممەتلىرىگە، ئەقىدە ئاساسلىرىغا ۋە پىرىنسىپلىرىغا گۇمانلىق نەزەردە قارايدىغان قىلىشتۇر. شەرقشۇناسلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى غەرىزى جاھانگىرلارنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىنى قولايلاشتۇرۇش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا غەرب مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشتۇر. چۈنكى، بۇ غەرەزلىك نىشان ئەمەلگە ئاشقاندا، مۇسۇلمانلار غەرب مەدەنىيىتىگە ئەسىر بولىدۇ؛ شۇ مەدەنىيەتكە ئاشىق بولۇپ، غەربلىكلەرنىڭ قۇچىقىغا ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ غەربكە قارشى تۇرۇش روھىمۇ بارغانسېرى زەئىپلىشىپ، يوقىلىدۇ.
4. مۇسۇلمانلاردىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىق روھىنى زەئىپلىتىش
شەرقشۇناسلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئىرقچىلىق ۋە مىللەتچىلىك دەۋالىرىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىق روھىنى ئاجىزلىتىپ، مۇسۇلمان خەلقلەر ئارىسىدا پۈتمەس – تۈگىمەس ئىختىلاپ ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ، جاھىلىيەت ئىرقچىلىقىنى يېڭىدىن بازارغا سالىدۇ. ئۇلار يىللاردىن بېرى ئەينى تاكتىكىنى ئەرەب دۆلەتلىرىدە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىرلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىشقا، تارىختىكى خۇسۇسىي ۋەقەلەرنى ئومۇمىيلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. چۈنكى، بۇ قارا نىيەت ئەمەلگە ئاشقاندا ئۇلارنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىشى، ئەرەب خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىشىنى توسۇش غەرەزلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ئەرەبلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىقىرىپ، يېڭى بىر تارىخ سەھىپىسى ئاچالايدۇ.
ئۈچىنچى: ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلا كۆزدە تۇتۇلغان ئىلمىي نىشانلار
(شەرقشۇناسلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئىچىدە) ئىسلام كۈلتۈرىنى پەقەت ئىلمىي شەكىلدە تەتقىق قىلىش ۋە كۆمۈلۈپ قالغان بەزى ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلاشنىلا نىشان قىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلارمۇ بار.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، شەرقشۇناسلار ئىچىدە مۇشۇ نىشان بىلەن تەتقىق قىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز. بۇ تىپتىكى شەرقشۇناسلار تەتقىقاتلىرىدا ۋە ئىزدىنىشلىرىدە ھەرقانچە سەمىمىي ھەم ئاق كۆڭۈل بولسىمۇ، يا ئەرەب تىلىنىڭ ئىنچىكە تىل ئۇسلۇبلىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن، يا تەتقىقات تېمىسى قىلغان تارىخىي ۋەقەلەردىكى ئىسلامىي مۇھىتنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكىدىن بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ، رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان خۇلاسىلەرنى چىقىرىشتىن خالىي بولالمىغان. مەلۇمكى، ئۇلار تەتقىق قىلماقچى بولغان تارىخىي مۇھىت بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ تۇرۇۋاتقان تەبىئەت، پىسخولوگىيە ۋە زامان پەرقلىرىنى ئۇنتۇپ، ئىسلامىي مۇھىتنى ئۆز جەمئىيەتلىرىدىكى مۇھىتقا ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بۇ تىپتىكى شەرقشۇناسلار يۇقىرىدىكى ئۈچ گۇرۇپپا شەرقشۇناسلار ئىچىدە نىشانى ئەڭ ساغلام، خەتىرى ئەڭ ئاز بولغانلىرىدۇر. بۇلار ھەقنى تونۇپ يەتكەن ھامان (خاتا پىكىرلىرىدىن يېنىپ) ھەقىقەتكە قايتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەتقىق قىلماقچى بولغان مۇھىتتا قەلبى ۋە پىكرى بىلەن ياشاپ، ھەقىقەتكە ۋە رېئاللىققا ئۇيغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلارمۇ بار. بىراق، ئۇلار يۇقىرىدىكى ئىككى خىل نىشاندىكى شەرقشۇناسلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپلا تۇرىدۇ؛ ئۇلارغا ئىلمىي مېتودتىن چەتنىدى، ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىردى، مۇسۇلمانلارغا يېقىنچىلىق قىلىپ، ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇندى، دېگەندەك بوھتانلارنى چاپلايدۇ. مەسىلەن، ئۇلار شەرقشۇناس «توماس ئارنولد»قىمۇ شۇنداق بوھتانلارنى چاپلىغان. دەرۋەقە، بۇ كىشى «ئىسلامغا چاقىرىش» ناملىق قىممەتلىك كىتابىدا مۇسۇلمانلار ھەققىدە ھەققانىي سۆزلەرنى قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئۇلارغا ھەر دەۋردە ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى دەلىل – پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ كىتاب ئىسلامدىكى ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئەڭ ساغلام ۋە ئىشەنچلىك مەنبە دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، مۇتەئەسسىپ شەرقشۇناسلار بولۇپمۇ خىرىستىيان دىن تەشۋىقاتچىلىرى ئاپتورنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان مايىللىقىنى ۋە كۈچلۈك سۆيگۈسىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ۋاھالەنكى، ئاپتور مەزكۇر كىتابىدا ھېچبىر ۋەقەلىكنىڭ مەنبەسىنى ئالماستىن نەقىل قىلمىغان.
بۇ تىپتىكى شەرقشۇناسلار ئىچىدە پەقەت ھەقىقەتنى تېپىش نىيىتى بىلەنلا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە مۇسۇلمان بولۇپ، غەربلىكلەر ئارىسىدا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغدىغانلارمۇ بار. مەسىلەن، جەزائىردا ياشىغان فىرانسىيەلىك شەرقشۇناس «دەنىئەر» شۇلاردىن بىرىدۇر. «دەنىئەر» تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۆزىنى «ناسىرۇددىن دەنىئەر» دەپ ئاتىغان. ئۇ جەزائىرلىق بىر ئالىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر «ئىسلام نۇرىنىڭ ئۆزگىچە شولىلىرى» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىققان. ئاپتور بۇ كىتابىدا فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى بايان قىلغان.
بۇ مۇسۇلمان شەرقشۇناس فىرانسىيەدە ۋاپات بولۇپ، جەسىتى جەزائىرغا يۆتكەپ ئېلىپ كېلىنىپ، شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان1.
داۋامى بار…
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
—————
1 مۇستافا سىبائىي: «ئەلئىستىشراق ۋەلمۇستەشرىقۇن (مالەھۇم ۋەمائەلەيھىم)»، 17 – 33 – بەتلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This