مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئىران، مېسسوپوتامىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا چۆللىرىگىچە تارقىلىپ، كەڭرى بىر جۇغراپىيەنىڭ دىنى ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن تونۇشقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمان خەلق يېڭىچە پىكىر ۋە ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىپ يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىدۇ. تەبىئىي ھالدا، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پىكرىي تەرەققىياتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىر تەرەپتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ھەدىس چۈشەنچىلىرى ۋە سۆزلىرىنى شەرھلەپ، خاتىرىلەپ، توپلىشى ئارقىلىق ئىسلامىي چۈشەنچە ئالغا باسقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە يېڭىلىق سانىلىدىغان ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان.
ئەمەۋىلەر دەۋرىدە يېڭى ۋە ئوخشىمىغان كۈلتۈر – مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقان، بىپايان جۇغراپىيەنىڭ ئىگىلىرى بولغان مۇسۇلمانلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ياتلار ماھىر بولغان تېبابەت، ئاسترونومىيە ۋە مالىيە ئىلىملىرىگە ئېھتىياجى چۈشكەن بولۇپ، ئەمەۋىلەر سارىيىدا بەزى خىرىستىيان ۋە سۈريانىيلارنى مالىيە ئىشلىرىدا ۋەزىپىگە قويۇشقا مەجبۇر بولغان. مەسىلەن، مەشھۇر سۈريانىي ئىلمى كالامچى، پەيلاسوپ يەھيا دەمەشقىينىڭ ئاتىسى بىلەن چوڭ دادىسى مۇئاۋىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە شامدا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ئۆتىگەن.
مۇسۇلمانلارنىڭ ياتلارنى باشقۇرۇشتا يېڭى ئىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشقان بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئىلىمگە تەشۋىق قىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقەتنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقى چۈشەنچىسى نەتىجىسىدە ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئېشىشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلار ئەمەۋىلەر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپلا يېڭى ئىلىملەرگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قىزىققان بولۇپ، بولۇپمۇ تېبابەت ۋە خېمىيە ساھەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى تارىخ بەتلىرىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. ئەمەۋىلەر خەلىپىسىنىڭ سارايغا غەيرى مۇسلىم ئالىملىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلاردىن مەلۇمات ئىگىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى ئىلىملەرگە بولغان قىزىقىشى؛ غەيرى مۇسلىم ئالىملارنىڭ سۈريانچە، يۇنانچە ۋە قىبتىچە تىللاردىن بۇ ئىلىملەرنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىش ھەرىكىتى مۇسۇلمانلاردا ئىلمىي پائالىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ۋە ئالغا بېسىشىغا سەۋەبچى بولدى.
ئەمەۋىلەر دەۋرى ئاخىرلىشىپ، ئابباسىيلارنىڭ ئىسلام خەلىپىلىكىنى قولغا ئېلىشى بىلەن تەڭ ئىلمىي پائالىيەتلەر تېخىمۇ گۈللەنگەن بولۇپ، «ھېكمەت يۇرتى» ياكى «ھېكمەتخانا» نامىدىكى «بەيتۇلھېكمە» تەرجىمە مەركىزى ئىلمىي ۋە پىكرىي تەرەققىياتنىڭ ئالغا بېسىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تېبابەت، پەلسەپە، ئاسترونومىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خىلمۇخىل ساھەلەردە يۇنانچە، سۈريانچە ۋە قىبتىچىدىن ئەرەبچىگە نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنغان.
ئومۇمىي جەھەتتىن، ئىسلام دۇنياسىدا باشلانغان تەرجىمە ھەرىكىتى مەلۇم دەۋىرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ: 1) ئەمەۋىلەر دەۋرىدىكى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياج ئاساسىدا باشلانغان تەرجىمە ھەرىكىتى؛ 2) مەنسۇر دەۋرىدە باشلىنىپ، مەھدىي ۋە ھارۇن رەشىد بىلەن داۋاملاشقان تەرجىمە ھەرىكىتى؛ 3) ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇننىڭ تەشكىللىشىدە باشلانغان كىندىي ۋە ئۇنىڭ تەرجىمە ھالقىسى ئەتراپىدا شەكىللەنگەن تەرجىمە ھەرىكىتى؛ 4) ئىسھاق بىن ھۇنەين ۋە ئۇنىڭ ھالقىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان تەرجىمە ھەرىكىتى؛ 5) باغدادتىكى ئارىستوتېلچى ئېقىمدىن ئەبۇ بىشر مەتتا بىن يۇنۇس ۋە يەھيا بىن ئادىي ھالقىسى ئەتراپىدا ئوتتۇرىغان چىققان تەرجىمە ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ .
تەرجىمە ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەسەرلەر نۇقتىسىدىن تەرجىمە ھەرىكىتىنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈشىمىز مۇمكىن. بىرىنچى تۈردىكى ئەسەرلەر ئەمەۋىلەر دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياجى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، خەلق ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىلىملىرىگە ئائىت ساھەلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈنگەن ۋە بەزى پەلسەپىۋى كىلاسسىك ئەسەرلەرمۇ تەرجىمە قىلىنغان، شۇنداقلا ئارىستوتېل بىلەن ئىسكەندەرنىڭ يېزىشقان مەكتۇپلىرى توپلانغان بىر مەجمۇئەنىڭمۇ تەرجىمىسى قىلىنغانغانلىقى مەلۇم. ئىككىنچى تۈردىكى تەرجىمە ھەرىكىتى ئابباسىيلار خەلىپىسى مەنسۇر دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، كۆپرەك پەلسەپىۋى ئىلىملەر ساھەسىگە ئائىت مەنتىق، ئاسترولوگىيە، گېئومېترىيە ۋە ئارىتمەتىك ھەققىدىكى ئەسەرلەر بۇ تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى بولغان. ئىبنى مۇقەففا فورفورينىڭ ئىيساغوجىنى، ئارىستوتېلنىڭ كاتېگورىيەلەر، مۇلاھىزە ھەققىدە ۋە بىرىنچى ئانالىزلار ناملىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان ياكى قىسقارتىپ يازغان بولۇپ، بۇنىڭ يېنىدا مەھدىي دەۋرىدە ئارىستوتېلنىڭ توپىكا ئەسىرىنى نەستۇرىي پاترىكى تىموتىي ۋە ھارۇن رەشىد دەۋرىگە كەلگەندە فىزىكا ئەسىرىنى سەللام بىن ئەبراش ئەرەبچىگە ئۆزلەشتۈرگەن . ئىككىنچى تۈردىكى بۇ پەلسەپىۋى تەرجىمە پائالىيىتى ئابباسىيلار دەۋرىدە سەككىزىنچى ئەسىردە باشلانغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 11 – ئەسىرگىچە داۋملاشلاشقان .
مەئمۇن ۋە مۇئتەسىم دەۋرىدە تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى كىندىي ھالقىسى ئەتراپىدا باشلانغان تەرجىمە ھەرىكىتى پەلسەپىۋى تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي باشلانغان ۋاقتى بولۇپ، ئابباسىي ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشى ۋە كىندىينىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا ئەپلاتۇن، ئارىستوتېل، ئىسكەندەر ئافرودىئوس، نىكوماس، پىلوتىنۇس، پىروكلۇس، جون فېلىپونس، ئولىمپئودورس، ستېپھانسقا ئوخشاش پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇلار، ئۇستاز (ئېئۇستاتىس) نىڭ «مېتافىزىكا» ناملىق ئەسىرى يېنىدا ئارىستوتېلنىڭ فىزىكا، بىرىنچى ئانالىزلار، سەپسەتىۋى چۈرۈتمىلەر، ئاسمان ھەققىدە (ئاسترونومىيە ۋە ئاسترولوگىيە)، مېتېئورولوگىيە، جانلىقلارنىڭ تەركىبى، جانلىقلارنىڭ پارچىلىرى ناملىق ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ يېنىدا پىلوتىنۇسنىڭ ئەننەئادلار توپلىمىنىڭ ئۇسۇلۇجيا قىسمى، فارابىيغا ئائىت دەپ قارىلىۋاتقان «رىسالە فى ئىلمىل ئىلاھىي» قاتارلىق ئەسەرلەر كىندىي ھالقىسىنىڭ تەرجىمە مېۋىلىرىدىن بولۇپ، پىروكلۇسنىڭ «كىتابۇل ئىيزاھ فىل خەيرىل مەھز (ساپ ياخشىلىق ھەققىدە ئىزاھات)»، ئىسكەندەرنىڭ «فىل ئىنايە»، ئولىمپئودورسنىڭ «بولۇش ۋە بۇزۇلۇش ھەققىدە» ۋە جون فېلىپونسنىڭ «فىزىكا شەرھى» ناملىق ئەسەرلىرى كىندىي ھالقىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەسەرلەردۇر .
كىندىي ھالقىسىدىن كېيىن، ھۇنەين بىن ئىسھاق ۋە ئوغلى ئىسھاق بىن ھۇنەين ھالقىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تەرجىمە ھالقىسى كىندىي دەۋرىدە ئەرەبچىگە ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەسەرلەرگە قاراپ چىققان بولۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىش بىلەن بىرگە، تەرجىمە تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئالغا باسقان ۋە يېڭى ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ۋەسىلە بولغان دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا پەلسەپىۋى تەرجىمە ساھەسىدە بۇرۇنقى تەرجىمە ھالقىلىرىغا نىسبەتەن ئالاھىدە كەسپىيلەشكەن. كاتېگورىيەلەر، بىرىنچى ئانالىزلار، رېتورىكا، فىزىكا، بولۇش – بۇزۇلۇش ھەققىدە، روھ ھەققىدە ۋە مېتافىزىكا كىتابلىرى بۇ ھالقىنىڭ تەرجىمە قىلغان مۇھىم ئەسەرلىرىدۇر. بۇنىڭ يېنىدا ھۇنەين بىن ئىسھاق ھالقىسى گالەن كۇللىياتىنى تامامەن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئىسكەندەر ئافرودىئوسنىڭ مېتافىزىكا ھەققىدىكى شەرھى، روھ ھەققىدە، ئەقىل ھەققىدە، كۈللىي پىرىنسىپلار ناملىق ئەسەرلىرىمۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان .
ھۇنەين ھالقىسىدىن كېيىن پەلسەپىۋى تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى باغداد مەششائىي ئېقىمىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئەبۇ بىشر مەتتا بىن يۇنۇس ۋە يەھيا بىن ئادىي ھالقىسى كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ھالقا ئىبنى سەمھ، ئىبنى زۇرئە ۋە ئىبنى سۇۋارغا ئوخشاش پەيلاسوپلاردىن تەركىب تاپقان. مەتتا بىن يۇنۇس ئارىستوتېلنىڭ ئىككىنچى ئانالىزلار، پوئېتىكا، ئاسمان ۋە ئالەم، بولۇش – بۇزۇلۇش ھەققىدە، مېتافىزىكا ۋە شەرھىنى تەرجىمە قىلغان؛ ئىبنى سۇۋار ئىسكەندەرىيە ئېقىمىغا تەۋە سايمپىلىكسنىڭ كاتېگورىيەلەر شەرھىنى ۋە يەھيا بىن ئادىي مېتافىزىكا، سوفېستېكا، توپىكا كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ يېنىدا ئىسكەندەرنىڭ ئەلئاسارۇل ئۇلۋييەسىنى ۋە تېمىستىئۇسنىڭ ئاسمان ۋە ئالەم كىتابىنىڭ شەرھىسىنىمۇ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان .
بۇ تەرجىمە پائالىيىتى نەتىجىسىدە ئىسلام دۇنياسىدا ئىلمىي پائالىيەت ئالاھىدە گۈللەنگەن بولۇپ، بۇ تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى مېۋىسى ۋە باشلامچىسى كىندىيدىن كېيىن سىجىستانى، فارابىي، ئىبنى سىنا، غەززالىي، ئىبنى رۇشد، فەخرۇددىن رازىي ۋە ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق مۇسۇلمان مۇتەپەككۇر ئالىملار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسىدا پەلسەپىنىڭ ئۇستازلىرى مۇسۇلمانلار ئىدى. شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا دەۋرى ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىناتتى، شۇنداقلا پەيلاسوپلار تەرىپىدىن ئىبنى سىنا پەيلاسوپلارنىڭ شاھى، مەلىكى نامى بىلەن تونۇلۇپ، پەيلاسوپلارنىڭ ئۇستازى نامىدا يەنە «شەيخ» نامى بىلەنمۇ مەشھۇر بولغان. بۇنىڭ يېنىدا ئەخلاق، قانۇن، سىياسەت ۋە تېبابەتتە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مۇسۇلمانلار، جۇغراپىيە جەھەتتىنمۇ كېڭىيىش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دۆلەت قۇرۇش، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى بولۇش، ئىسلام يۇرتلىرى مەزلۇملارنىڭ سىغىنىدىغان ماكانى بولۇشتەك ئادالەت يۇرتى نامى بىلەن ئىسلام پەقەت بىر دىن بولۇشتىن ھالقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە ئايلانغان. سەرخىل كۈلتۈرلەردىن تەركىب تاپقان بۇ مەدەنىيەت دىن، ئىرق ۋە مىللەت ئايرىماستىن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قۇچاق ئاچقان، ھەق ۋە ھوقۇق ئالدىدا دىن ۋە مىللەت ئايرىمىچىلىقى قىلماستىن، قانۇن ۋە ئادالەتتىن پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، غەيرى مۇسۇلمانلارمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. مانا مۇشۇنداق تەرەققىياتلار يۈزىسىدىن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كىندىي ۋە ئۇنى قوللىغان ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسلام خەلىپىلىرىگە چەكسىز تەشەككۈر بۇرچى بار. چۈنكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ھېكمەت ۋە پەلسەپە دېڭىزىدا مۇسۇلمانلار ۋە ياتلار كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن سىرت، ئوخشىمىغان پىكىرلەرمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىزدىنىش سەپىرىدىكى بۇ ھەر خىللىق پەلسەپە ۋە ھېكمەت دېڭىزىدا سەرخىللىق ۋە رەڭدارلىقلارمۇ بارلىققا كەلگەن.
تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىدىن يەنە بىرى، بۇ ھەرىكەتتىن پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەنپەئەتلەنگەن. بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، بۇ تەرجىمە پائالىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان، تەڭدىشى يوق بىر تەرجىمە پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئەلۋەتتە بۇ كەڭ كۆلەملىك ئىلمىي يۈزلىنىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدا ئىلىم ۋە ئەقىلگە ئىجابىي قارايدىغان ئىسلام دىنى بار بولۇپ، مۇسۇلمانلاردا ئىسلام روھى بولغاچقا، ئىسلام دىنى ۋە بۇ دىننىڭ ئېتىقادچىلىرى دۇنيا مەدەنىيىتى ساھەسىگە كېيىنكى بىرنەچچە يۈز يىل مابەينىدىلا كىرگەن ۋە تارىخىي رېكورت يارىتىپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئەللىرىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان. بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئىسلام مۇتەپەككۇر ئالىملىرى ئىنسانىيەتكە تۈگمەس بايلىق خەزىنىسى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، لاتىنچە، يۇنانچە، ئارامىچە، سۈريانچە ۋە پەھلەۋىچەدىن ھەر مەدەنىيەتنىڭ ئىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن ئورتاق بەھرىلەنگەن ھەمدە ئىلىم ۋە مائارىپ ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىسلام دىنى پەقەت بىر ئېتىقاد سىستېمىسى بولۇشتىن بەكرەك ئىنسانىيەتنىڭ بىر مەدەنىيەت سىستېمىسىغا ئايلىنىپ، مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇسسىغىنىدا سۇ ئىچىدىغان ئىنسانىيەت كۆلچىكىگە ئايلانغان. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا مەقبۇل كۆرگەن ئىسلام دىنى نۇرغۇن ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ، قىزىقىپ تەتقىق قىلىدىغان بىر مەدەنىيەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
ئىسلام مەدەنىيىتى تارىختا ئوتتۇرا ئەسىردە ئەڭ كۆپ غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئۇلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابلىرىنى ھەۋەس بىلەن ئوقۇيدىغان ۋە ئىسلامچە كىيىم – كېچەكلەرنى پەخىرلىنىپ كىيىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولغان. بۈگۈنكى كۈنىمىزگە كەلگەندە ئىسلام بىر دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن گەرچە غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئۆچ ۋە دۈشمەن كۆرۈلسىمۇ، ئەلۋەتتە ئىسلام مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى تا بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كىندىي، ئىبنى سىنا، فارابىي، ئىبنى تەيمىييە، غەززالىي ۋە ئىبنى رۇشد قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەتقىقاتى غەربتە ئىسلام دۇنياسىدىن كۆپرەك تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، غەربلىكلەرنىڭ بۇ ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدىكى قىزىقىشلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى تارىختىلا قالماستىن، كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمما، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆز مىراسلىرىغا ئىگە چىقماسلىقى ۋە ئەھمىيىتىنى يەتكۈچە ھېس قىلالماسلىقىدەك پاسسىپ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىدە ئارقىدا قېلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. م. جۈنەيت كايا، ئىسلام پەلسەپىسى: تارىخى ۋە مەسىلىلىرى، ئىسام نەشرىياتى.
2. مەھمەت بايراقتار، ئىسلام پەلسەپىسىگە كىرىش، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.
3. جەلال تۈرەر، پەلسەپە تارىخى، بىلئاي نەشرىياتى.
4. نەجمەتتىن ئەرباكان، ئىسلام ۋە بىلىم، مىللىي ياشلار ۋەقفى نەشرىياتى.
5. ئىبراھىم كالىن، ئىسلام ۋە غەرب، ئىسام نەشرىياتى
0 Comments