«ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە (ئىلىم) ھېكمەت ئاتا قىلىدۇ. ئىلىم – ھېكمەت ئاتا قىلىنغان كىشى كۆپلىگەن ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ…».
− قۇرئان كەرىم
بىلىم بايلىق ئول، گادايلاشمايدىغان،
قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان.
− قۇتادغۇبىلىك
ئەي ھاياتتىن مەنە ئىزدەۋاتقان، كۆڭۈللەرگە خۇرسەنلىك بەخش ئېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئەزىز ھەمشىرەم! دۇنيانىڭ قاراڭغۇ – زۇلمەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، قەدىر – قىممىتىڭىزنى تونۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىققا ئېرىشكۈڭىز بارمۇ؟ ئوقۇپ، بىلىملىك بولۇپ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ، بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلىق سۈپىتىڭىز بىلەن ياشاشنى خالامسىز؟
ھەممىگە ئايانكى، ئىلىم پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى مونوپول قىلىپ ئوڭچە ئىگىلىۋالالمايدۇ؛ ئىلىم ئىرق، مىللەت، جىنس ۋە ياش ئايرىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، مەن بېشىمغا كەلگەن شۇنچە كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا، ئۇزۇندىن بېرى تارتقان شۇنچىۋالا جەۋرى – جاپالارغا قارىماي، ئىلىم يولىدا كېچە – كۈندۈزلەپ، تىنىمسىز ئىزىدىنىۋاتقان بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ماقالەمدە «ھەمشىرەم!» دەپ خىتاب قىلىۋاتىمەن.
ئەزىز ھەمشىرەم! بۇ دۇنيادا ھەرقانداق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتنىڭ ئۆلۈپ تۈگەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ بىر ھەقىقەت. بىز ئىنسانلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەمما، بارچە مەۋجۇدات ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئىلىم ئۆلمەيدۇ يەنى ئىلىم ئۆگىنىپ، باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىپ، ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىمنىڭ ئىلمى ئۆلمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ دۇنيادا ئالىمنىڭ جىسمى ئۆلسىمۇ، روھى ئۆلمەيدۇ، ئىزى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، نامى تىللاردا داستان بولۇپ، مەڭگۈ ياشنايدۇ.
ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى، تۇنجى ئادەمزات ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان چاغدا، ئۇنىڭغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىلىم ئۆگەتكەنلىكى ۋە شۇ ئىلىم تۈپەيلى ئۇنى شۇ چاغدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتتىن يەنى پەرىشتە ۋە جىنلاردىنمۇ ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە قىلىپ، ھەممىنى ئۇنىڭغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى؛ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ سەردارى، پەيغەمبەرلەرنىڭ سەركىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان تۇنجى ۋەھىينىمۇ «ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇق بىلەن باشلاپ، ئارقىدىنلا ئىلىمنى يەتكۈزۈش ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد قالدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان قەلەمنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى؛ يەنە بىر يەردە قەلەم ۋە ئىنسانلار شۇ قەلەم ئارقىلىق يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئالاھىدە قەسەم قىلغانلىقى؛ قۇرئان كەرىمدە يەنە نۇرغۇن يەردە ئىلىمنىڭ ۋە ئالىمنىڭ پەزىلىتىنى تەكىتلەپ، ئىنسانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە تەرغىپ قىلغانلىقى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ماختىغاندا، ئۇلارغا ئىلىم بېرىش ئارقىلىق باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى قاتارلىقلار بۇ ھاياتتا ئىلىمنىڭ ۋە ئالىمنىڭ نەقەدەر پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتىپ ئاشسا كېرەك.
ئاللاھ تائالا يەنە قۇرئان كەرىمدە بىلىملىك كىشىلەر بىلەن بىلىمسىزلەرنىڭ ھەرگىز باراۋەر بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ [سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت]، ئۆزىدىن ھەقىقىي قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆلىمالار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ [سۈرە فاتىر، 28 – ئايەت] ھەمدە سەرلەۋھە ئايەتتە دېيىلگەندەك، ئاللاھ تائالانىڭ خالىغان بەندىسىگە ئىلىم – ھېكمەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىلىم – ھېكمەت بېرىلگەن كىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدىغانلىقىنى [سۈرە بەقەرە، 269 – ئايەت] ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئىلىمنىڭ نەقەدەر كاتتا نېمەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دېمەك، ئىسلامدا قەدىر – قىممەت ۋە سالاھىيەت باشقا ماددىي نەرسىلەر بىلەن ئۆلچەنمەستىن، ئىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ؛ ئىلىملىكلەر ھەر ۋاقىت قەدىرلىنىپ، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىدىن ئۆزلىرىگە ئۇرۇشتا قوماندانلىق قىلالايدىغان، تالانتلىق، ئىقتىدارلىق بىر رەھبەر ئەۋەتىشىنى سورايدۇ. پەيغەمبىرى ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ تالۇت ئىسىملىك بىر تەقۋادار، جەڭ ئىلمىنى پىششىق بىلىدىغان، بىلىملىك بىرەيلەننى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ھەر ئىشنى ۋە قەدىر – قىممەتنى ماددا بىلەن ئۆلچەپ كۆنۈپ قالغان ئىسرائىل ئەۋلادى ئۇنىڭ مال – دۇنياسىز بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئىقتىدارسىز، ئاجىز، باش بولۇش سالاھىيىتى يوق دەپ قارايدۇ – دە: «پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ لايىقراق تۇرساق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا كەڭرى مال – دۇنيا بېرىلمىگەن تۇرسا، ئۇنىڭ بىزگە قانداقمۇ پادىشاھ بولۇش سالاھىيىتى بولسۇن؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبىرى ئۇلارغا جاۋابەن: «ئاللاھ تائالا ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تاللىدى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى» دېيىش ئارقىلىق، ئىقتىدار، تالانت ۋە سالاھىيەتنىڭ مال – دۇنيا ياكى قانداقتۇر بىر ماددىي نەرسە بىلەن ئۆلچەنمەستىن، ئىلىم بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن تالۇتنىڭمۇ ئۇلارغا پادىشاھ، جەڭدە قوماندان قىلىپ تاللىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ ئىلىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ [سۈرە بەقەرە، 247 – ئايەت].
مەن بىردىنبىر ھايات دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلىمگە نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەرقانداق مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرزدۇر» دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يېشىمنىڭ چوڭلۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي، ئىلىم يولىدا ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان بىر ئاجىزە بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنى شۇنىڭغا چاقىرىمەنكى، ئەي ئەزىز ھەمشىرىلىرىم!
بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختسىزلىك ۋە قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مەڭگۈلۈك بەخت – سائادەت ۋە ياخشىلىققا ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز، ئۆتمۈشتىكى جاھىللىق ۋە نادانلىققا خاتىمە بېرىپ، ھەربىرىمىز قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىلىم يولىغا ئاتلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز ھەدىس شەرىفتە: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى چوقۇم دىندا ئالىم قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتىدۇ.
ئەزىز ھەمشىرىلىرىم! نېمىشقا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان كىشىگە مال – دۇنيا، شان – شەرەپ، باي – باياشات تۇرمۇش، خاتىرجەم ھايات ياكى كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك گۈزەللىك بېرىدۇ» دېمەي، «دىندا ئالىم قىلىدۇ» دەيدۇ؟
يەنە كېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا زالىملىقتا چېكىدىن ئېشىپ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ھەتتا ئاياللارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەي، يۈرەك پارىلىرى بولغان قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋېتىدىغان، بەدەۋى، جاھىل ئەرەبلەرنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىزگە تۇنجى بولۇپ رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھىي جىھاد توغرۇلۇق ياكى دىننىڭ ئەڭ چوڭ تۈۋرۈكى بولغان ناماز توغرۇلۇق بولماي، ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىلىم توغرۇلۇق بولدى ئەمەسمۇ؟! يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى بولۇپ: ﴿سېنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن (يېزىشنى) ئۆگەتتى، ئۇنىڭغا بىلمىگەننى بىلدۈردى﴾ دەپ نازىل قىلدى ئەمەسمۇ؟!
ئەزىز ھەمشىرىلىرىم! بىز ھەممىمىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن؛ ئاندىن بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ، ھازىرقىدەك ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇم ۋە ئاسارەت ئاستىدا قالغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق، ھەرقانداق ئىنساننىڭ نادانلىق ۋە خارلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىققا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىردىنبىر ئامىلنىڭ ئىلىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. چۈنكى، ئىلىم بىر نۇرلۇق چىراغ. قاراڭغۇ زۇلمەتلەردە يول تېپىشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان مەشئەل. ئەگەر سىز ئىلىمنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي تونۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئېرىشەلىسىڭىز، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىسىز. شۇ ۋەجىدىن، مەن ئۆزۈم بىلىمسىزلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ، تالاي مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىغان، نۇرغۇن ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئاجىزە بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنى كېچە – كۈندۈز تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىلىم بىلەن قوراللىنىشقا چاقىرىمەن.
سۆيۈملۈك ھەمشىرىلىرىم! ئاللاھ تائالا بىزنى بۇ دۇنياغا ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت بىر جۈپ قىلىپ ياراتتى، بۇ دۇنيانى ئاۋاتلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەرلەرگە ئوخشاش ئاياللارغىمۇ يۈكلىدى. ئادەتتە ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش نىسپىتى ئاياللارغا قارىغاندا بىرقەدەر يۇقىرى؛ ھەرخىل ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي ساھەلەردە ئۆزىنى ئىپادىلەپ، تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپە يارىتىش پۇرسىتى يەنىلا ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئەزەلدىن بېرى ھەر ساھەدە ئۇتۇق قازانغان، ھەر ساھە تەرەققىياتلارغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئەرلەرنىڭ نىسپىتى ئاياللارغا قارىغاندا ئارتۇق بولۇپ كەلگەن. بىز ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى پائالىيەتلىرىمىز ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بەلگىلىك چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك بەزىدە ئۆز رولىمىزنى لايىقىدا جارى قىلدۇرالماي، تالانتىمىزنى نامايان قىلالماي قالىمىز ھەتتا ئارمانىمىزغا تۇشلۇق دەرمانىمىز يوق بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بىز ئاياللار ئىلىم ئۆگىنەيلى دېسەك، ئادەتتە بىز ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆيلەردە كۆپرەك ئولتۇرىدىغان بولغاچقا، ئاشۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بوش ۋاقىتلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساق، بەلكىم ئەرلەرگە قارىغاندا بىزنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش پۇرسىتىمىز كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا بىز ھەر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ، جاپاغا چىداپ، كېچە – كۈندۈز تىرىشىپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىلىمگە بېرىلسەك، بەلكىم شۇ ئارقىلىق بىزمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش بۇ ھاياتتىكى رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تالانتىمىزنى نايامان قىلالىشىمىز ۋە بىر مۇسۇلمان ئايال بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالىشىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئومۇمەن ئىسلام تارىخىدا، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخىدا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئاياللارمۇ كەم بولمىغان ھەتتا نى – نى ئەرلەردىن ئېشىپ چۈشكەن ئاياللارمۇ يوق ئەمەس.
ئەزىز ھەمشىرەم! ناۋادا سىز كىچىك قىز بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ ئوقۇپ، ئاللاھ بىزگە رەھمەت قىلىپ نازىل قىلغان بۇ ئۇلۇغ دىننى تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشىنىپ، ھەقىقىي مۇسلىمەلەرگە خاس ئىپپەت ۋە شەرم – ھايا بىلەن قوراللىنىڭ! ئىلىم ئارقىلىق دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشتىكى ھېكمەتنى، باشقىلار ئالدىدىكى قەدىر – قىممىتىڭىزنى ھەقىقىي تونۇپ، كەلگۈسىدە ئائىشە ئانىمىز كەبى ئىلىم بۇلىقى ۋە ئۈممەتنىڭ نۇرلۇق مەشئىلى بولۇپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىقىڭىزنى تېپىۋېلىڭ!
ئەزىز ھەمشىرەم! شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى، ئىلىم − پۈتۈن ھاياتىڭىزنى، ۋاقتىڭىزنى، زېھنىڭىزنى ۋە ئۆمرىڭىزنى بېغىشلىسىڭىزمۇ ئازلىق قىلىدىغان، سىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پۇشايمانغا قويمايدىغان، تۆلىگەن بەدەل ۋە قىلغان ئەقىدە، ئىخلاسىڭىزغا تۇشلۇق سىزنى مەڭگۈلۈك خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان، مەيلى بېشىڭىزغا قانداق قىسمەت كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنى قەتئىي تاشلىۋەتمەيدىغان، مەڭگۈلۈك ۋاپادار ھەمراھتۇر.
قەدىرلىك ھەمشىرەم! ناۋادا سىز ئائىلە قۇرۇپ بولغان ۋە ئانا بولۇپ ئائىلىڭىزنىڭ ھەم پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى زىممىڭىزگە يۈكلەنگەنلىك سەۋەبتىن ئوقۇش سىزگە قىيىن كېلىۋاتقان بولسا، شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئىلىمسىز تۇرۇپ ئائىلىڭىز ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن ھەرقانچە بەدەل تۆلەپ، جاپا تارتسىڭىزمۇ، ئاخىرىدا ئۇلارنى كۆڭۈلدىكىدەك مەمنۇن قىلىپ، مىننەتدارلىقىغا ئېرىشەلمەيسىز. چۈنكى، ئىلىمسىز ئايال بىرىنچىدىن، رەببىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى جايىدا ئادا قىلالماي، رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى رەببىمىزنى رازى قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى بىلىپ ئەمەل قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالىمنىڭ ئىلىمسىز ئىبادەتگۇي كىشىدىن ئارتۇقچىلىقى تولۇن ئاينىڭ باشقا يۇلتۇزلاردىن ئارتۇق بولغىنىغا ئوخشايدۇ» دېگەن [ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان]. ئىككىنچىدىن، ئىلىمسىز ئايال ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلالمايدۇ – دە، بىلىمسىز تۇرۇپ ھالال جۈپتى بولغان ئېرىنى قانداق خۇرسەن قىلىشنى، ئۇنىڭغا قانداق ئىتائەت قىلىشنى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى قەدىر – قىممىتىنى قانداق تىكلەشنى بىلەلمىگەنلىكتىن، بىلىمسىز تۆلىگەن بەدەللىرى، تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرى ئاخىردا ھەسرەت بىلەن پۇشايمانغا قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك ھەمشىرەم! ناۋادا سىز ئىلىم يولىدىكى بىر ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىققا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئىلىم يولىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ! بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئۈن – تىنسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ! ھەربىر قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭىزدا، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىز ھېچكىم تۆلىمىگەن بەدەلنى تۆلىيەلىگەن چېغىڭىزدىلا، ھېچكىم ئېرىشەلمىگەن بەختكە ئېرىشەلەيسىز!
ئاخىردا بارلىق ئىلىمسۆيەر ھەمشىرىلىرىمگە شۇنداق ئىلتىجا قىلىمەنكى، بېشىمىزغا كەلگەن بۇ زۇلۇم ۋە مۇسىبەتتىن پات پۇرسەتتە قۇتۇلۇپ، مىللەتنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بۇ نادانلىققا خاتىمە بېرىپ، ھەربىرىمىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قولدىن بېرىپ قويغانلىرىمىزغا ئۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، ھاجەر ئانىمىز كەبى تەۋەككۈلچى، ئاسىيە ئانىمىز كەبى ئىمانلىق، مەريەم ئانىمىز كەبى ئىپپەتلىك، خەدىچە ئانىمىز كەبى پەم – پاراسەتلىك، ئائىشە ئانىمىز كەبى ئىلىم بۇلىقى، ئۈممەتنىڭ نۇرلۇق چىرىغى بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈزلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تىرىشايلى!
ئىلىم، ئەخلاق ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ زىننىتى،
ئىلىم بىلەن ئىنساننىڭ ئاشار قىممىتى،
ئەمەل قىلسا گەر ئىنسان ئوقۇپ، بىلگەنگە،
كېلەر ھامان رەببىنىڭ غەلىبە – نۇسرىتى.
ئىلىمسىز ھاياتتا ھېچ مەنە بولماس،
ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى ھەم بولماس،
ئىلىمسىز چەكسەڭمۇ تالاي مۇشەققەت،
ئاتىلىسەن ئاخىر پەقەت «بىر يارىماس».
ئىلىم ئۇ ھاياتنىڭ چىرىغى، نۇرى،
ۋە لېكىن، جاپالىق، مۈشكۈلدۇر يولى،
تىرىشىپ ئاداققا بەل قويۇۋەتمەيمەن،
بولىمەن رەببىمنىڭ سۆيۈملۈك قولى.
ئىلىمسىز ھاياتتىن تاپماسكەن مەنە،
بىلمەسكەن نېمىدۇر تۆۋەن ۋە ئەلا،
ياشاركەن يەپ-ئىچىپ قۇرت-قوڭغۇز كەبى،
ئۆتەركەن ئۆمرى ھەم ئاققان بىر دەريا.
0 Comments