(3)
دوكتور مۇستافا سىبائىي
شەرقشۇناسلار ئىسلامغا دائىر تەتقىقات ۋە قاراشلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاسىتىلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. ئىسلام ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشلىرىگە، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە «قۇرئان كەرىم»گە دائىر خىلمۇخىل تېمىلاردا كىتاب يېزىش. ئۇلار بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىسلامىي مەنبەلەردىن نەقىل قىلغان مەزمۇنلارنى قەستەن بۇرمىلايدۇ ھەتتا تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، ئاندىن يەكۈن چىقىرماي، ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە، مەقسەتلىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.
2. ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام ئەللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدىغان مەخسۇس ژۇرناللارنى چىقىرىش.
3. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانا، ياردەم جەمئىيەتلىرى، مەكتەپ، مۇھاجىرلار لاگېرى ۋە دارىلئېتام قاتارلىق ئورۇنلارغا ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلىدىغان خىرىستىيان تەشۋىقات ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىش. خىرىستىيان ياشلار جەمئىيىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم جەمئىيەتلەر بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.
4. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلەردە لېكسىيە سۆزلەش. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇكى، ئىسلامنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان شەرقشۇناسلار قاھىرە، دەمەشق، باغداد، رابات، كاراچى، لاھور، ئەلىگەر ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىسلام توغرۇلۇق لېكسىيە سۆزلەشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
5. يەرلىك ئاخباراتلاردا ماقالە ئېلان قىلىش. (مىڭ ئەپسۇسكى)، شەرقشۇناسلار ئىسلام ئەللىرىدىكى بىرقانچە يەرلىك ئاخباراتلارنى سېتىۋالغان. دوكتور ئۆمەر فەررۇخ ۋە دوكتور مۇستافا خالىدىي شەرقشۇناسلارنىڭ ۋە خىرىستىيان تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ جاھانگىرلىك پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپ شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تارىخي پاكىت بولۇشقا يارايدىغان «ئەتتەبشىير ۋەلئىستىئمار (خىرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە جاھانگىرلىك)» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«خىرىستىيان دىن تەشۋىقاتچىلىرى خىرىستىيانلىقنى تارقىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن بەكرەك مىسىر ئاخبارات ساھەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئېلان قىلدى. دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ مىسىر مەتبۇئاتلىرىدا نەشر قىلىنىپ، كۆپىنچە ھەقلىق، بەزىدە ھەقسىز تارقىتىلغان نۇرغۇن ماقالىلىرى بار».
6. كۆرۈنۈشتە ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ماھىيەتتە رەزىل پىلانلىرىنى تېخىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن قۇرۇلتايلار ئېچىش. بۇنداق قۇرۇلتايلار 1783 – يىلدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
7. «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنى نەشر قىلىش. شەرقشۇناسلار بۇ ئېنسىكلوپېدىيەنى بىرقانچە تىلدا نەشر قىلىپ، كىتابنىڭ يېڭى نەشرلىرىنى بېسىپ چىقىرىشنى ئاللىبۇرۇن باشلاپ بولغان. كەمىنە 1956 – يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان چېغىمدا، مەزكۇر ئېنسىكلوپېدىيەنىڭ ئىككىنچى نەشرىنىڭ ئاۋۋالقى توملىرىنى ئېنسىكلوپېدىيە سېكرىتارىنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرگەن ئىدىم. ئېنسىكلوپېدىيەنىڭ بىرىنچى نەشرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىنىپ، ئۇنىڭدىن ھازىرغىچە 13 توم نەشردىن چىقىپ بولدى.
بۇ ئېنسىكلوپېدىيەگە ئىسلامنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى بولغان شەرقشۇناسلارنىڭ پېشۋالىرىنىڭ ئىمزالىرى قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئېنسىكلوپېدىيە ئىسلامغا زىت، باتىل قاراشلارغا تولغان، «زەھەر يالىتىلغان شېكەر»دەك ئازغۇن پىكىرلەر كىرگۈزۈۋېتىلگەن كىتابتۇر. ئىشنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ ئېنسىكلوپېدىيەنىڭ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇقۇمۇشلۇقلار ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىردىنبىر مەنبە ئەسەر بولۇپ قالغانلىقىدۇر. بۇ ئەھۋالنى ھەتتا ئاشۇ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزنىڭمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلمىگەنلىكىدىن ۋە ئىسلام ئىلىملىرىدە يېتەرلىك مەلۇماتى بولمىغانلىقىدىن دېيىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىدا شەرقشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، نىشانلىرى ۋە غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قوللانغان ۋاسىتىلىرى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىنكى ماۋزۇلاردا ھازىرقى زامان شەرقشۇناسلاردىن ئەڭ خەتەرلىك بولغانلىرىنى، ئۇلارنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنى، جاھانگىر دۆلەتلەردە نەشر قىلغان ئەڭ مۇھىم ژۇرناللىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى ئوقۇرمەنلەرگە پايدىلىق دەپ قارىدۇق.
شەرقشۇناسلار نەشر قىلغان ژۇرناللار
1. 1787 – يىلى فىرانسىيەلىكلەر بىر شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتى قۇرۇپ، 1820 – يىلى پارىژدا «Societe Asiatique (ئاسىيا جەمئىيىتى)» ناملىق يەنە بىر جەمئىيەت قۇرغان. كېيىن ئۇلار «journal Asiatique (ئاسىيا ژۇرنىلى)»نى نەشر قىلغان.
2. 1823 – يىلى لوندوندا شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن «Royal Asiatic Society (ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاسىيا جەمئىيىتى)» ناملىق بىر جەمئىيەت قۇرۇلغان ھەمدە ئەنگلىيە خان جەمەتى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالغان. كېيىن ئۇلار «Journal of the Royal Asiatic Society (ئەنگلىيە خان جەمەتى ئاسىيا جەمئىيىتى ژۇرنىلى»نى نەشر قىلغان.
3. 1842 – يىلى ئامېرىكىلىقلار «American Oriental Society (ئامېرىكا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى)»نى قۇرۇپ، «Journal of the American Oriental Society (ئامېرىكا شەرق تەتقىقات جەمئىيىتى ژۇرنىلى)»نى نەشر قىلغان. يەنە شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەرقشۇناسلارمۇ خىلمۇخىل ژۇرناللارنى نەشر قىلىشقا كىرىشكەن.
4. دەۋرىمىزدىكى ئامېرىكىلىق شەرقشۇناسلار نەشر قىلغان ژۇرناللاردىن بىرى « Journal of the Oriental Society (شەرق جەمئىيىتى ژۇرنىلى)» بولۇپ، بۇ ژۇرنال «Ohio» ۋىلايىتىگە تەۋە «Gambier (جامبىيەر)» شەھىرىدە نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ لوندون، پارىژ، لېيپزىگ ۋە تورونتو قاتارلىق شەھەرلەردە تارماقلىرى مەۋجۇت، ئەمما ھازىر نەشر قىلىنىپ – قىلىنمايدىغانلىقى نامەلۇم. بۇ ژۇرناللار بەزىدە دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە بولۇپمۇ دىنىي كىتابلارنىڭ تۈزۈلۈش قۇرۇلمىلىرى توغرۇلۇق پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئاساسلىق يۆنىلىشى سىياسىي شەرقشۇناسلىققا مەركەزلەشكەن.
5. ئامېرىكىلىق شەرقشۇناسلار دەۋرىمىزدە «Middle Eastern Affairs (ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى ژۇرنىلى)» ناملىق ئىككى خىل ژۇرنال چىقارغان. بۇ ژۇرناللارنىڭمۇ ئاساسىي يۆنىلىشى سىياسىي شەرقشۇناسلىق يولىنى ياقىلايدۇ.
6. ئامېرىكىلىق شەرقشۇناسلار دەۋرىمىزدە نەشر قىلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك ژۇرنال 1911 – يىلى سامۋېل زۇۋەيمىر چىقارغان «The Muslim World (ئىسلام دۇنياسى)» ناملىق ژۇرنالدۇر. بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى «K. Gragg (كەنىس گۈرەگ)» ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ژۇرنال ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ «HartFord (ھارتفېرد)» شەھىرىدە نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ژۇرنالنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى ئوچۇق – ئاشكارا خىرىستىيانلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەركەزلەشكەن.
7. فىرانسىيەلىك شەرقشۇناسلارنىڭمۇ خىرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىشتا يۇقىرىدىكى «The Muslim World (ئىسلام دۇنياسى)» ناملىق ژۇرنالغا ئوخشايدىغان ژۇرناللىرى مەۋجۇت. بۇلارنىڭمۇ «Le Monde Musulman (ئىسلام دۇنياسى)» ناملىق بىر ژۇرنىلى بولۇپ، يۇقىرىقى ژۇرنالغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
دەۋرىمىزدىكى ئەڭ خەتەرلىك شەرقشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى
1. «(جون ئاربېرى) John Arberry» (1905−1969) ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئەنگلىيەلىك شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ ئەنگلىيە «Gambridge (كامبىرىج)» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋە «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ باش مۇھەررىرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەپسۇسكى، ئۇ ئەنگلىيەدە ئىسلام ۋە تىل تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن نۇرغۇن مىسىرلىق ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئۇستاز بولغان.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن:
1). «بۈگۈنكى ئىسلام»: بۇ كىتاب 1943 – يىلى نەشر قىلىنغان.
2). «(تەسەۋۋۇپ تارىخىدىن ئاساس) Introduction to the Hitory of Sufism»: بۇ كىتاب 1947 – يىلى نەشر قىلىنغان.
3). «(تەسەۋۋۇپ) Sufisme»: بۇ كىتاب 1950 – يىلى نەشر قىلىنغان.
4). «(قۇرئان تەرجىمىسى) The koran Interpreted»: بۇ تەرجىمە 1950 – يىلى نەشر قىلىنغان.
2. «(ئالفرد گىيولم) Alfred Guillaume» (1888−1965) ئىسلامغا ئەشەددىي دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئەنگلىيەلىك شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇنىڭ پۈتۈن يازمىلىرىدا ۋە قاراشلىرىدا خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئىدىيەسى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ «ئىسلام» ناملىق بىر كىتابى بار. مىسىر ھۆكۈمىتى شەرق تىللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چەتئەللەرگە ئەۋەتكەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭدىن دەرس ئېلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەنلىكى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر.
3. «(بارون كاررا دىي ۋوكس) Baron Carra de Vaux» (1867−1953) ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق زەھەرخەندىلىك قىلغان فىرانسىيەلىك شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇ «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ بەزى ماددىلىرىنى تەھرىرلەشكە قاتناشقان.
4. «(جىب، ھامىلتون ئالىكساندېر روسكېن) GIBB, Hamilton Alexander Roskeen» (1895−1971) دەۋرىمىزدىكى ئەنگلىيەلىك شەرقشۇناسلارنىڭ پېشۋالىرىدىن بولۇپ، مىسىردىكى تىل ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىرمۇ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام ۋە ئەرەب تىلى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنى نەشر قىلغان باش مۇھەررىرلەردىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىسلامىي تېمىلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان نۇرغۇن خەتەرلىك كىتابلىرى بار. ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ خەتەرلىك بولۇشىدىكى سەۋەب كىتابلاردا ئىسلامىي تېمىلار تەگ – تېگىدىن تەتقىق قىلىنىپ، ئىسلامنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇلغانلىقىدۇر.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن:
1) «(ئىسلام) Mohammedanisme»: ئاپتور بۇ كىتابنى باشقا شەرقشۇناسلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان. كېيىنچە بۇ كىتاب «تەرىيقۇل ئىسلام (ئىسلام يولى)» دېگەن ئىسىم بىلەن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان.
2). «(ئىسلامدىكى زامانىۋى يۆنىلىشلەر) Modern Trends in Islam»: بۇ كىتاب 1947 – يىلى نەشر قىلىنىپ، بىرقانچە قېتىم بېسىلغان. كېيىنچە بۇ كىتاب «ئەلئىتتىجاھاتۇل ھەدىيسە فىل ئىسلام (ئىسلامدىكى زامانىۋى يۆنىلىشلەر)» دېگەن ئىسىم بىلەن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان.
3). «(مۇھەممەدنىڭ يولى) Mohammedanisme»: بۇ كىتاب 1947 – يىلى نەشر قىلىنىپ، بىرقانچە قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان.
4). «(ئىسلام جەمئىيىتى ۋە غەرب) Islamic Society and The West»: بۇ كىتاب بىرقانچە جىلد ھالەتتە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشىغا باشقا شەرقشۇناسلارمۇ ھەمكارلاشقان.
جىب، ھامىلتون ئالىكساندېرنىڭ يەنە باشقا تېمىلاردا يازغان ماقالىلىرىمۇ بار.
5. «(گولدزىھەر) Ignas Goldziher» (1850−1921) ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىسلام توغرۇلۇق خەتەرلىك يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان ۋېنگىرىيەلىك يەھۇدىي شەرقشۇناس بولۇپ، «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ باش مۇھەررىرلىرىدىن بىرى، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» توغرۇلۇق بىر قىسىم كىتابلارنىمۇ يازغان شەخستۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن: «Die Richtuhgen der Islamichen Koranauslegung (قۇرئان كەرىم تەفسىرىدىكى ئىسلامىي مەزھەپلەر)» ناملىق كىتابى بار. كېيىنچە، بۇ كىتاب «مەزاھىبۇت تەفسىرىل ئىسلامىي (ئىسلامىيەتتىكى تەفسىر مەزھەپلىرى)» دېگەن ئىسىم بىلەن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان.
6. «(جون ماينارد) John Maynard» (1850−1921) ئىسلام دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكىلىق شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇ «Journal of the American Oriental Society (ئامېرىكا شەرق جەمئىيىتى ژۇرنىلى)»نى تەھرىرلەشكە قاتنىشىپ، بولۇپمۇ ئىسلام ۋە شەرق تېمىلىرىغا دائىر يېڭى كىتابلارغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان.
7. «(سامۋېل مارىنۇس زۇۋەيمېر) Zweimer, Samuel Marinus» (1867−1952) ئىسلامغا ئەشەددىي دۈشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان خىرىستىيان شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇ «The Muslim World (ئىسلام دۇنياسى)» ژۇرنىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە 1908 – يىلى نەشر قىلىنغان «Islam a Challenge to Faith (ئەقىدىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئىسلام)» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسىدۇر. ئۇ يەنە 1911 – يىلى ھىندىستاننىڭ لۇكنوۋ شەھىرىدە ئېچىلغان ئىككىنچى قېتىملىق خىرىستىيانلار قۇرۇلتىيىدا سۇنغان ماقالىلىرىنى توپلام قىلىپ، «ئىسلام» ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلدۇرغان. ئامېرىكىلىقلار زۇۋەيمېرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە تەقدىرلەپ، ئۇنىڭ ئىسمىدا «خىرىستىيان ئىلاھىيەت تەتقىقاتى ۋە خىرىستىيان دەۋەتچى يېتىشتۈرۈش ۋەخپى»نى قۇرغان.
8. «(ئەتىيە ئەزىز سۇريال) Atiya, Aziz Suryal» (1898−1988) مىسىرلىق خىرىستىيان شەرقشۇناس بولۇپ، ئىلگىرى ئىسكەندەرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ھازىر ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرىدە دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە. ئۇ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن ئاداۋەتخور، ئىسلامغا دائىر مەلۇماتلارنى بۇرمىلاشقا قالتىس ماھىر بىرىدۇر. ئۇنىڭ مىسىردىن ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ يىراق ئەللەردە تۇرۇشى، ئىسلامغا دائىر مەلۇماتلارنى بۇرمىلاپ، ئىسلامغا بولغان زەھەرخەندىلىكىنى ئاشكارىلاشتا خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ يەنە ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرىغا دائىر بەزى كىتابلىرى بار.
9. «(گىرونباۋم، گۇستاۋ ئېدموند ۋان) GRUNEBAUM, Gustave Edmund von» (1909−1972) ئەسلىدە گېرمانىيەلىك يەھۇدىي شەرقشۇناس بولۇپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرىدە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېلىپ، شۇ يەردە يەرلىشىپ قالغان ۋە چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ پۈتۈن يازمىلىرىدا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شان – شەرەپلىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان ئىسلامنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىدىن بىرىدۇر. باشقا شەرقشۇناسلارمۇ ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەيران قالاتتى.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن:
1) «(ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام) Medieval Islam»: بۇ كىتاب 1946 – يىلى نەشر قىلىنغان.
2) «(ئىسلامنى زامانىۋى چۈشەندۈرۈش) Attmps of Selfinterpretation in Contemporary »: بۇ كىتاب 1947 – يىلى نەشر قىلىنغان.
3) «(مۇھەممەدنىڭ بايراملىرى) Mohammedan Festivals »: بۇ كىتاب 1954 – يىلى نەشر قىلىنغان.
4) «(ئىسلامنىڭ كۈلتۈر تارىخى ھەققىدە تەتقىقاتلار) Islam-kunde und Kulturwissenchaft»: بۇ كىتاب 1954 – يىلى نەشر قىلىنغان.
5) «ئىسلام»: بۇ كىتاب ھەر خىل ماقالىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 1957 – يىلى نەشر قىلىنغان.
6) «(ئىسلام مەدەنىيىتىدە بىرلىك ۋە كۆپ خىللىق) Unity and Variety in Muslim Civilization»: بۇ كىتاب 1955 – يىلى نەشر قىلىنغان.
10. «(فىلىپ ھىتتى) Philip Hitti» (1886-1978) ئامېرىكا پۇقراسى بولغان لىۋانلىق خىرىستىيان شەرقشۇناس بولۇپ، دەسلەپتە ئامېرىكىدىكى «Princeton (پىرىنسىتن)» ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرق ئەللىرى كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيەتلىرى تەتقىقات بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، كېيىن شۇ بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقلىقىغا ئۆسكەن. ھازىر دەم ئېلىشتا. فىلىپ ھىتتى ئامېرىكىدا ئەرەب مەسىلىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تونىغا ئورىنىۋالغان ئىسلامنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىنىڭ بىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسىدۇر.
ئۇ ھەمىشە ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەت كۈلتۈرى قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدە رولىنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىر ئەۋزەللىكىنى تىلغا ئېلىشنى قەتئىي خالىمايدۇ. مەسىلەن، ئۇ 1948 – يىلى «Encyclopedia American (ئامېرىكا ئېنسىكلوپېدىيەسى)»دىكى «ئەرەب ئەدەبىياتى» ماددىسىدا مۇنۇلارنى يازغان: «يېڭى ئەدەبىي ھايات 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا زوھۇر قىلىشقا باشلىغان. دەرۋەقە، بۇ يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرى ئامېرىكىلىق خىرىستىيانلارنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىققان لىۋانلىق خىرىستىيانلاردۇر».
فىلىپ ھىتتى ھازىرقى زامان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شان – شەرىپىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپلا قالماي، ئىسلام تارىخىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت – شەرىپىنى يەرگە ئۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ بۇنداق قارا نىيىتى تۆۋەندىكى كىتابلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن:
1) «(ئەرەب تارىخى) The History of Arabs»: بۇ كىتاب ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىپ، بىرقانچە قېتىم بېسىلغان. باشتىن – ئاخىر ئىسلامغا داغ تەگكۈزۈش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىش بىلەن تولغان.
2) (سۈرىيە تارىخى) The History of syria».
3) «(دېرۇزىلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ مەنبەلىرى) The Origins of The Druze People and Religion»: بۇ كىتاب 1928 – يىلى نەشر قىلىنغان.
11. «(ۋەنسىنك ئارەنت جان) WENSINCK, Arent Jan » (1881−1939) ئىسلامنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى مىسىردىكى تىل ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى، «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: «پەيغەمبەر ‹قۇرئان كەرىم›نى ئىلگىرىكى دىنىي ۋە پەلسەپىۋى كىتابلاردىكى مەلۇماتلارنىڭ جەۋھەرلىرىنى سۈزۈپ، يېزىپ چىققان» دېگەندەك باتىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن شەرقشۇناستۇر. 1936 – يىلى نەشر قىلىنغان «ئىسلام ۋە شەرقشۇناسلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور ھۈسەين ھەۋۋارىي ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ ئەزالىقىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ «The Mulim Creed (ئىسلام ئەقىدىسى)» ناملىق بىر كىتابى بارلىقىمۇ مەلۇم.
12. «(كىراج ئالبېرت كېنېس) CRAGG, Albert Kenneth» (1913−2012) ئىسلامغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلغان ئامېرىكىلىق خىرىستىيان شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇ بىر مەزگىل قاھىرەدىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىر ئامېرىكىلىق خىرىستىيانلار چىقىرىۋاتقان «The Muslim World (ئىسلام دۇنياسى ژۇرنىلى)»نىڭ باش مۇھەررىرى، ھارتفېرد ئۇنىۋېرسىتېتى خىرىستىيان ئىلاھىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە خىرىستىيان دەۋەتچىلەرنىڭ يېتەكچىسىدۇر. ئۇنىڭ «The Cell of the Minaret (ئەزان مۇنارى دەۋىتى)» ناملىق كىتابى 1956 – يىلى نەشر قىلىنغان.
13. «(لويس ماسىنون) Louis Massignon» (1883−1962) دەۋرىمىزدىكى فىرانسىيەلىك شەرقشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى، شىمالىي ئافرىقا مەسىلىلىرىدە فىرانسىيە جاھانگىر مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى، مىسىردىكى فىرانسىيە خىرىستىيان جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋى داھىيسىدۇر. لويس ماسىنون ئىسلام دۇنياسىنى بىرنەچچە قېتىم زىيارەت قىلغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فىرانسىيە ئارمىيەسىدە بەش يىل ئىشلىگەن، مىسىر تىل ئاكادېمىيەسى ۋە دەمەشقتىكى ئەرەب پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئەزا بولغان، ئىسلام تەسەۋۋۇپى ۋە پەلسەپە ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن. ئۇنىڭ « La Passion d’al-Hosayn-ibn-Mansour al-Hallaj: Martyr Mystique de l’Islam (ئىسلامدىكى سوپى شېھىت ئىبنى مەنسۇر ھەللاجى)» ناملىق ئەسىرى 1922 – يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە پەلسەپە ۋە تەسەۋۋۇپ ساھەسىدە بىرقانچە ئەسىرى بار. ئۇ «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ باش مۇھەررىرلىرىدىن بىرىدۇر.
14. «(مەكدانېلد دانكېن بىلاك) MACDONALD, Duncan Black» (1863−1943) ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئاداۋەتخور ئامېرىكىلىق شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇنىڭ يازمىلىرىغا خىرىستىيانلاشتۇرۇش روھى چوڭقۇر سىڭگەن. ئۇ «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى قاتارىدا ئورۇن ئالغان.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن:
1) «(ئىسلامدىكى كالام، فىقھ ئىلىملىرى ۋە قانۇن نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتى) Development of Muslim Theology, Jurisprdence and Constituonal Theory»: بۇ كىتاب 1903 – يىلى نەشر قىلىنغان.
2) «(ئىسلامدىكى دىنىي مەيدان ۋە ھايات) The Religious Attitude and Life in Islam»: بۇ كىتاب 1908 – يىلى نەشر قىلىنغان.
15. «(مەجىد قەدۇرىي) Mecid Kadduri» (1909−2007) ۋاشىنگتون «john hsodgen (جون ھادجن)» ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋاشىنگتوندىكى ئوتتۇرا شەرق تەلىم – تەربىيە ۋە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئىراقلىق، خىرىستىيان شەرقشۇناستۇر. ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇرمىلاشلىرى بىلەن تولغان كىتابلىرىدىن بىرى 1955 – يىلى نەشر قىلىنغان «War and Peace in the Law of Islam (ئىسلامدا تىنچلىق ۋە ئۇرۇش)» ناملىق كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە باشقا ماقالىلىرىمۇ بار.
16. «(مەرجوليوس دەيۋىد سامۋېل) MARGOLIOUTH, David Samuel» (1858−1940) «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن بىرى، مىسىر تىل ئاكادېمىيەسى ۋە دەمەشقتىكى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى، ئىسلامغا قاتتىق ئۆچ، ئەنگلىيەلىك شەرقشۇناستۇر.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن:
1) «(ئىسلامدىكى تۇنجى تەرەققىياتلار) The Early Development of Mohammedaism»: بۇ كىتاب 1913 – يىلى نەشر قىلىنغان.
2) «(مۇھەممەد ۋە ئىسلامنىڭ نۇرى) Mohammad and the Rise of Islam»: بۇ كىتاب 1905 – يىلى نەشر قىلىنغان.
3) «ئىسلام جەمئىيىتى»: بۇ كىتاب 1912 – يىلى نەشر قىلىنغان.
17. «(نىكولسون رېينالد ئەللېن) NICHOLSON, Reynold Alleyne» (1868−1945) دەۋرىمىزدىكى ئەنگلىيەلىك شەرقشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى، «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن بىرى. نىكولسون رېينالد ئەللېن ئىسلام تەسەۋۋۇپى ۋە پەلسەپىدە ئىختىساسلاشقان، مىسىر تىل ئاكادېمىيەسىگە ئەزا بولغان. ئىسلامنىڭ روھقا خىتاب قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ماتېرىيالىزم دىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شەرقشۇناستۇر.
ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن:
1) «(ئىسلامدىكى سوپىلار) The Mistics of Islam»: بۇ كىتاب 1910 – يىلى نەشر قىلىنغان.
2) «(ئەرەبلەرنىڭ ئەدەبىيات تارىخى) Literary History of the Arabs»: بۇ كىتاب 1930 – يىلى نەشر قىلىنغان.
18. «(ھېنرى لامېنس) Henri Lammens» (1862−1937) «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيەلىك شەرقشۇناستۇر. ھېنرى لامېنس ئىسلامغا ئەڭ ئاداۋەتخور كىشى بولۇپ، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە بوھتان چاپلاشتا چېكىدىن ئېشىپ ھەتتا شەرقشۇناسلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەت ھېس قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئۇنىڭ فىرانسۇزچە يازغان «ئىسلام» ۋە «تائىف» ناملىق ئىككى كىتابى بار.
19. «(جوزېف شاخت) Joseph Schacht» (1902−1969) ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلغان گېرمانىيەلىك شەرقشۇناس بولۇپ، ئۇنىڭ فىقھ ۋە فىقھ قائىدىلىرى توغرۇلۇق نۇرغۇن كىتابلىرى بار. ئۇ «دائىرەتۇل مەئارىپىل ئىسلامىيە» ناملىق ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق بىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى «An Introduction to Islamic Law (ئىسلام فىقھشۇناسلىق ئاساسلىرى)» ناملىق كىتابىدۇر.
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
0 Comments