تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى كىندىينىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

ئىيۇن 2, 2023

Fotoğraf açıklaması yok.مەھمۇت روزى
تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى
كىندىي ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ قۇرغۇچى شەخسىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، «تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. ئەلۋەتتە بۇ، مۇسۇلمانلاردا كىندىيدىن بۇرۇن پەلسەپە يوقتى دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى كىندىي پەلسەپىنى سىستېمىلاشتۇرغان ۋە يېزىق ئەدەبىياتىغا كۆچۈرگەن تۇنجى شەخس دېمەكتۇر. چۈنكى، كىندىيدىن بۇرۇن بەزى مۇئتەزىلىي ئالىملارمۇ يۇنان پەلسەپىۋى تەلىماتلىرىدىن خەۋەردار ئىدى. ئەبۇلھۇزەيل ئەللاف ۋە نەززام شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەبۇلەسەن ئەشئەرىي ئەللافنى ماددىنىڭ چەكسىز ھالەتتە پارچىلىنىدىغان بارلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلەن تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ بۇ تەلىماتنى يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن ئۆگەنگەنلىكى بىلەن ئەيىبلەيدۇ. ئەمما، ئالىملار ۋە پەلسەپە تەتقىقاتچىلىرى كىندىينىڭ تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا بولۇپ، بۇ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر . يەنە كىندىينىڭ مىللىتى ئەرەب بولغاچقا، «فەيلاسوفۇل ئەرەب» (ئەرەب پەيلاسوپى) دەپمۇ نام بېرىلگەن . بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كىندىي ئىسلام چۈشەنچىسى (پەلسەپىسى) ۋە مەدەنىيىتىدە كىچىك سانىغىلى بولمايدىغان بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۇرى بولۇپ، ئۇ يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كىرىشىگە ۋەسىلە بولغان ھەم ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇننىڭ دەۋرىدە «بەيتۇلھېكمە» (ھېكمەتخانا) دەپ ئاتالغان تەرجىمە مۇئەسسەسەسىنىڭ قوللىشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك تەرجىمە ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ تەشكىللىشى ۋە پائالىيەتكە ئۆتۈشى نەتىجىسىدە پەلسەپىۋى ئەسەرلەر يۇنانچە، سۈريانچە ۋە پارسچە قاتارلىق تىللاردىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام ئىلىم – پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن ئېلىشىغا شارائىت ھازىرلىغان؛ شۇنداقلا غەربلىكلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ھەيرانلىقىنى قوزغىغان. شۇ ۋەجىدىن، كىندىينى «ئىسلام تەپەككۇرى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ ئەقىل ئامبىرى بولغان مۇھىم شەخس» دېسەك، قەتئىي ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
ھاياتى
كىندىينىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ يۈسۈف يەئقۇب ئىبنى ئىسھاق ئەسسابباھ ئەلكىندىي بولۇپ، ئەرەبىستاننىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان كۇفە شەھىرىدە، باي ۋە ئابرۇيلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئائىلىسى كىندە قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، چوڭ دادىسى قەبىلە ئاقساقىلى ئىدى. ئىسلامىيەت ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كەلگەندە كىندىينىڭ بوۋىسى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە قوشۇلۇپ، يارەنلىرى بىلەن كۇفەگە كۆچۈپ بارغان. ئەمەۋىلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن كىندىي ئائىلىسى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلىشتىن توختاپ قالمىغان. دادىسى ئىسھاق ئەسسابباھ ئۇزۇن يىل كۇفەنىڭ ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .
كىندىينىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە خىلمۇخىل قاراشلار بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ سانلىق تارىخچىلار ئۇنىڭ 801 – يىلى تۇغۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دادىسى ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ۋاپات تاپقان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنى كۇفە ۋە بەسرە رايونلىرىدا ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئىلمى كالام (ئىلاھىيەتشۇناسلىق، ئەقىدىشۇناسلىق) ساھەسى مۇئتەزىلىلەرنىڭ مونوپوللۇقىدا بولغان بىر دەۋردە ياشىغان پەيلاسوپ بولۇپ، ئاساسىي مائارىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تىل – ئەدەبىياتتا يېتىشكەن ھەمدە بەسرەدە ياشىغان مەزگىلدە مۇئتەزىلە ئېقىمىنىڭ بەسرە جامائىتىدىن كۆپ پايدىلانغان . بۇنىڭلىق بىلەن كىندىينى مۇئتەزىلە ئېقىمىغا تەۋە دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كىندىينىڭ ئۆزىگە خاس، مۇستەقىل چۈشەنچىسى بار بولۇپ، كىندىي پەلسەپىسى «كىندىي مەكتىپى» نامىدا بىر پىكىر ئېقىمى بولۇپ شەكىللەنگەن.
مۇئتەزىلە ئېقىمىنى ئۆزلىرىنىڭ مەزھىپى قىلىپ بېكىتكەن مەئمۇن، مۇئتەسىم بىللاھ ۋە ۋاسىق بىللاھ قاتارلىق ئابباسىيلار خەلىپىلىرىنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كىندىي مۇئتەسىمنىڭ ۋەلىئەھدلىككە تەيىنلەنگەن ئوغلى ئەھمەدنىڭ ئۇستازى بولۇپ، سارايدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. مەزكۇر ئۈچ خەلىپىنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىپ، مۇتەۋەككىل بىللاھنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، كىشىلەر ئىچىدە مۇئتەزىلىيلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ كىندىيگە بولغان ئۆچمەنلىكمۇ ئۇچىغا چىققان. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ سارايدىن قوغلىنىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى 20 يىلىنى سارايدىن ئۇزاق ئۆتكۈزگەن. كىندىينىڭ سارايدا قارشى ئېلىنماسلىقى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مۇئتەزىلە ئېقىمىغا تەۋە بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شۇلارغا ئوخشاش ئەقىل ۋە مەنتىقكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ھەمدە پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، پەلسەپە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر .
ئەسەرلىرى
كىندىي تەرجىمە ھەرىكىتى راۋاجلانغان دەۋىردە ياشىغان ۋە تەرجىمە ھەرىكىتىگە ئۆزى بىۋاسىتە باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتكە ئائىت پۈتۈن بىلىملەرگە قىزىقىپ باققان، شۇنداقلا ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر ئالىمىغا ئايلىنىپ، فىزىكىدىن مېتافىزىكىغىچە، ماتېماتىكىدىن ئاسترونومىيەگىچە، ئىلاھىيەتتىن سىياسەتكىچە، پىسخولوگىيەدىن تېبابەتكىچە، مۇزىكىدىن مەنتىق ئىلمىگىچە، ئاسترولوگىيەدىن ئىلمىنۇجۇمغىچە، شېئىردىن ئەدەبىياتقىچە بولغان ھەر ساھەدە كۆپلىگەن ئەسەرلەر يازغان . كىندىينىڭ ئەسەرلىرىدىن 22سى پەلسەپە ھەققىدە، 20سى مەنتىق ھەققىدە، يەتتىسى مۇزىكا ھەققىدە، 29ى ئاسترولوگىيە ھەققىدە، 23ى گېئومېتىرىيە ھەققىدە، 12سى سىياسەت ھەققىدە،10ى مېتېئورولوگىيە ھەققىدە، 16سى ئاسترونومىيە ھەققىدە، 22سى تېبابەت ھەققىدە، 17سى بەس – مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە ھەققىدە، بەشى پىسخولوگىيە ھەققىدە يېزىلغاندىن سىرت، قالغان 50 پارچە ئەسىرى باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە ئۇنىڭ جەمئىي 270 پارچىدىن كۆپرەك ئەسەر يازغانلىقى قەيت قىلىنغان . بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن ھەمدە نەشرگە تەييارلىنىپ، بېسىلغان ۋە ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما، بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى لايىقىدا تونۇيالمىدى، دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن ھەم خاتالاشقان بولمايمىز. شۇنىڭدەك، ئۇ ھەر ساھەدە كۆپلىگەن ئەسەرلەر يازغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەر ئۇنى ماتېماتىكىچى دېسە، بەزىلەر پىسخولوگ، يەنە بەزىلەر ئاسترونوم دەيتتى .
كىندىينىڭ فىزىكا ۋە مېتافىزىكىغا دائىر ئەسەرلىرى ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدا پەقەت بىرلا نۇسخىدىن ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ ھەجىملىك ئەسەرلىرىدىن بىرى تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان، «تۇنجى پەلسەپە ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدۇر. بىز بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بىرىنچى قىسمىغىلا ئېرىشەلىدۇق. بۇ ئەسەر كىندىينىڭ پەلسەپە چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ھەقىقىي «بىر»نىڭ تەڭرى ئىكەنلىكى ۋە تەڭرى بىلەن ئالەمنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر چۈشەنچىلىرى ھەققىدە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «تەرىپلەر» ناملىق ئەسىرى 100 خىل ئاتالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پەلسەپە لۇغىتى خاراكتېرىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئۇنى بۇ ساھەدىكى تۇنجى ئەسەرلەردىن دېيىشكە بولىدۇ. تەڭرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئالەمنىڭ ئەزەلىي ئەمەسلىكى مەسىلىسىدە «ئالەمنىڭ چەكلىكلىكى ھەققىدە، چەكسىزلىك ھەققىدە، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئالەمنىڭ چەكلىكلىكى ھەققىدە» ناملىق مۇستەقىل ئۈچ رىسالە يازغان بولۇپ، ئاللاھ ۋە ئالەم ئارىسىدىكى سەۋەب مۇناسىۋىتىنى «ھەقىقىي بىلەن مەجازىي (تەمسىلىي) تەسىر ھەققىدە ۋە ئاسماننىڭ (كۆك يۈزى جىسىملىرىنىڭ) ئاللاھقا سەجدە ۋە ئىتائەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسىدە ئىزاھلىغان. ئاي ئۈستى ئالەمنىڭ ئاي ئاستى ئالەمگە بولغان تەسىرلىرىنى «بولۇش ۋە بۇزۇلۇشنىڭ يېقىن پائال سەۋەبى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسىدە، پىسخولوگىيەگە دائىر مەسىلىلەرنى «جىسىمسىز جەۋھەرلەر ھەققىدە، رۇھ ھەققىدە، ئۇيقۇ ۋە چۈشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسىدە ئىزاھلىغان. ئۇنىڭ «ئەقىل ھەققىدە» ناملىق رىسالىسى ئۆزىدىن كېيىنكى ئىسلام پەيلاسوپلىرىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن، ئەقىل ھەققىدىكى تالاش – تارتىش ۋە بەس – مۇنازىرىلەردە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنى يەنە ئەقىلنىڭ بىلىش باسقۇچىدىكى رولى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى پەلسەپىۋى رىسالە دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئىسلام دۇنياسىغا سىڭىپ كىرگەن ئارىستوتېل ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ كىندىينىڭ «ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسىگە مۇراجىئەت قىلىمىز. مەزكۇر رىسالە كىندىينىڭ پەلسەپە چۈشەنچىسىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، دىن بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ستوئىكوئىي (تەركىدۇنياچىلىق) ئېقىمىنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالغان، «غەمدىن خالاس بولۇشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسى ئىسلام ئەخلاق پەلسەپىسى ساھەسىدە پەلسەپىۋى ئەخلاق تۈرى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ نادىر ئەسەرلەردىن دېيىشكە بولىدۇ .
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەر كىندىينىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ تەرجىمە پائالىيىتى جەريانىدا روياپقا چىقارغان قىممەتلىك ئەسەرلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. كىندىينىڭ يۇنانچە بىلىدىغان – بىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە دەتالاش بولسىمۇ، يۇنانچە ۋە سۈريانچىدىن بىر قىسىم كىتابلارنى تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ بىر قىسىم تەرجىمانلارنى تەشكىللىشى ھەمدە مەشھۇر پەلسەپىۋى ئەسەرلەر تەرجىمانى ۋە دەۋردىشى ھۇنەين بىن ئىسھاق بىلەن ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلەرمۇ روياپقا چىققان بولۇپ، جۈملىدىن، سىياسەت، ئىلاھىيەت، پەلسەپە ۋە مەنتىقكە دائىر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئارىستوتېلنىڭ «مېتافىزىكا» ۋە «ئەسۇلۇجيا ئارىستوتالىس (ئارىستوتېل تېئولوگىيەسى)» ناملىق ئەسەرلىرى ؛ پىروكلوسنىڭ «تېئولوگىيەنىڭ ئۇنسۇرلىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولغان ۋە ئارىستوتېلغا مەنسۇپ قىلىنغان «ئەلخەيرۇل مەھز (ساپ ياخشىلىق)» ناملىق ئەسەر؛ فورفورىيوسنىڭ «ئىيساغوجى» ناملىق مەنتىق كىتابى؛ ئارىستوتېلنىڭ «كاتېگورىيەلەر»، «مۇلاھىزە ھەققىدە»، «بىرىنچى ئانالىتىكلار (مەنتىقنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرى)»، «توپېكلەر (مۇنازىرە ئىلمى)» ۋە «فىزىكا» قاتارلىق ئەسەرلىرى كىندىي ۋە ئۇنىڭ تەرجىمە ھالقىسى روياپقا چىقارغان قىممەتلىك ئەسەرلەردۇر .
كىندىي «تۇنجى پەلسەپە ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدە مەزكۇر تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ مۇئەللىپلىرىگە ۋە مەزكۇر مۇئەللىپلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ سەۋەبكارى بولغان ئاتا – ئانىسى ۋە ئەجدادلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى «تەپەككۇر ئاتىلىرىمىز، بىز بىر قېرىنداش» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان چۇڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ھەقىقەتكە بولغان ئىشقىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كىندىينىڭ بۇ دەرىجىدە ھەقىقەتسۆيەرلىكىدىن، شۇ سۆيگۈسىنى ئىسپاتلاشتىكى ئەمەلىياتچانلىقى ۋە بۇ ساھەدە روياپقا چىقارغان ئەمگەك مەھسۇللىرىدىن «تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى» ۋە «فەيلاسوفۇل ئەرەب» (ئەرەب پەيلاسوپى) دېگەن نامغا ھەقىقەتەن لايىق زات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
خاتىمە
كىندىينىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى ۋە ھەر ساھەدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇنى «ئېنسىكلوپېدىك يازغۇچى» دېيەلىشىمىز تامامەن مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، غەرب ئەللىرى كىندىي ۋە باشقا ئىسلام پەيلاسوپلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئىسلام دۇنياسى تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ پەيلاسوپلىرىغا لايىقىدا ئەھمىيەت بېرەلمىدى ھەتتا پەلسەپە تەنقىدچىلىرى كىندىي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كاپىرغا چىقىرىپ، تۆھمەت قىلىپمۇ كەلدى. بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ بۇ ئېقىم يەنە شۇ سەپسەتىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. ھەسەن ھۈسەين بىرجان، ئىسلام پەلسەپىسىگە كىرىش، ئەنسار نەشرىياتى.
2. مەھمەت بايراقتار، ئىسلام پەلسەپىسىگە كىرىش، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى.
3. جەۋھەر شۇلۇل، تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى كىندىي ۋە پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى، 2015 – يىلى، 11 – سان، مۇھاپىزكار چۈشەنچە ژۇرنىلى.
4. م. جۈنەيت كايا، ئىسلام پەلسەپىسى: تارىخ ۋە مەسىلىلەر، ئىسام نەشرىياتى.
5. شەمسۇددىن شەھرەزۇرىي، نۇزھەتۇل ئەرۋاھ (پەيلاسوپلارنىڭ تارىخى ۋە كەچۈرمىشلىرى)، يازما – ئەسەر كۈلتۈر مىنىستىرلىكى نەشرىياتى.
İstatistikleri ve reklamları gör
Gönderiyi Öne Çıkar
<img class="x16dsc37" role="presentation" src="data:;base64, » width=»18″ height=»18″ />
Tüm ifadeler:

7

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This