ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.
مەشھۇر شەخسلەر
تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى كىندىينىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى
ئىسلام دۇنياسىغا سىڭىپ كىرگەن ئارىستوتېل ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ كىندىينىڭ «ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسىگە مۇراجىئەت قىلىمىز. مەزكۇر رىسالە كىندىينىڭ پەلسەپە چۈشەنچىسىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، دىن بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ستوئىكوئىي (تەركىدۇنياچىلىق) ئېقىمىنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالغان، «غەمدىن خالاس بولۇشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە» ناملىق رىسالىسى ئىسلام ئەخلاق پەلسەپىسى ساھەسىدە پەلسەپىۋى ئەخلاق تۈرى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ نادىر ئەسەرلەردىن دېيىشكە بولىدۇ .
ئستېداتلىق ئالىم شەيخ ئەھمەد فەرىدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كوممۇنىست رېجىمى دۇنيا سىياسىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، بولۇپمۇ تۈركىستان تېررىتورىيەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى، ئائىلە ئەنئەنىلىرى ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان. ھەقسۆيەر ئۆلىمالار ۋە مەرىپەتپەرۋەر بايلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەردە شېھىت قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلىپلا قالماي، چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى سالغان. شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇنلىغان ئالىملار دىنىنى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەزىز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئەللامە مۇسا جارۇللاھنىڭ ئۆمەر بايغا يازغان مەكتۇپى
مۇسا جارۇللاھ ئىبنى فاتىمە قازانىي تاتارىي (1292−1369ھ/1875−1949م) رۇسىيەنىڭ روستۇف شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ئەرەبچە، پارسچە، تاتارچە، تۈركچە، رۇسچە قاتارلىق بىرقانچە تىلنى پىششىق بىلىدىغان، تەفسىر، فىقھ، پەلسەپە ئىلىملىرىدە يېتىشكەن ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان كاتتا ئالىم.
تەرجىمە ھەرىكىتى: پەلسەپىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كىرىشى
مەھمۇت روزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئىران، مېسسوپوتامىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا...
