رېئاللىققا ئوچۇق – ئاشكارا زىت بولۇشىغا قارىماي، ئاساسسىز تېمىلارنى پەيدا قىلىش ياكى چۈشەنچىلەرنى بۇرمىلاش ھەقىقەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ھەقىقەت ئەھلىگە زەربە بېرىشتە كەڭ قوللىنىلىدىغان ئۇسلۇبلاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن، بىر كىشى زېمىنى، ئابرۇيى، تارىخى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، «تېرورچى» ئاتىلىدۇ! ئەمما، باشقىلارنىڭ تۇپرىقىنى بېسىۋالغان مۇستەملىكىچى «ھەق ساھىبى» دەپ ئېلان قىلىنىدۇ…!
مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]
«دىنىغا مۇھەببىتى كۈچلۈك، ئىسلاھاتچى، ياخشىلىق سۆيەر» پىرئەۋىن مۇسانىڭ زېمىندا پىتنە – پاسات پەيدا قىلىشىدىن، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. مۇسانى ھايات قالدۇرۇشقا بولمايدىغان «تېررورچى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ!
دەل بۇ مەنتىقە جەنۇبىي ئافرىقىدا ئاق تەنلىك ئىستېلاچىلار تەرىپىدىن قارا تەنلىكلەرنى تازىلاش ئۈچۈن شوئار قىلىپ ئىشلىتىلگەن بولسا، فىلىپپىندىكى خىرىستىيانلارمۇ جەنۇبىي رايوندىكى مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىنى بۇ مەنتىق ئارقىلىق پەردازلىغان. بۇ مۇسۇلمانلار تېخى ئالدىنقى ئەسىرگە كەلگۈچە شۇ زېمىنلارنىڭ ئاساسلىق يەرلىكلىرى ۋە مۇنبەت تۇپراق ساھىبلىرى ئىدى. تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان ئىستېلاچىلار ئۇلارنى بىر قەبىلە – بىر قەبىلىدىن ئۈزلۈكسىز قىستاپ، دىنىغا ئەركىن – ئازادە ئەمەل قىلالمايدىغان، نامرات ۋە غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تار بىر دائىرىگە يۆتكىلىشكە مەجبۇرلىدى!
پات – پاتلا «ئەسلىيەتچى مۇسۇلمانلار»نىڭ تىراگېدىيەلىرىنى ئاڭلاپ، تېمىدىن ھەيران قالىمەن. ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىزدەنگىنىمدە، بۇ ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دائىرىسى ئىچىدە ياشاشتىن ئارتۇق تەلىپىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ دائىم رەت قىلىنىپلا قالماستىن، تېررورىزمنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
كېلىڭ، «نيويۇرك تايمىز» گېزىتىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئىسلامىي كەيپىيات ھەققىدە يېزىلغان بىر ماقالىنىڭ خاتىمىسىگە قىستۇرغان مۇنۇ خەۋىرىنى بىرلىكتە ئوقۇيلى. گېزىتتە مۇنداق دېيىلگەن: «غەربىي قىرغاقتىكى ‹بىيرزىيت› ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكۈزگەن مۇسابىقە ئاياغلاشتى. مۇسابىقىگە 400 نەپەر ئوقۇغۇچى 400 كانايدىن يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن چىققان ‹مەن مۇسۇلمان، مەن ئەرەب، مەن پەلەستىنلىك! › دېگەن ۋارقىراش بىلەن ئىشتىراك قىلدى».
گېزىت بۇ ۋەقەگە مۇنداق باھا بېرىدۇ: «نەق مەيداننى يېقىندىن كۆزەتكەن بىر سېكۇلار ئوقۇغۇچى بۇ كۆرۈنۈشنى ‹بىر تۈرلۈك تەھدىد› دەپ سۈپەتلىدى!».
(مانا شۇنداق!) ئىسلامىي تەۋەلىك بىر خىل تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق. ئەمما، باشقا ھەرقانداق تەۋەلىكتە ھېچقانداق مەسىلە يوق، ئۇنىڭ ھېچقانداق زىيىنىمۇ يوق!
شەيخ مۇھەممەد غەزالىينىڭ «الحق المر» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئاللاھ رازى بولسۇن!