خىلۋەتتىكى گۇناھلار

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

ماي 18, 2023

خىلۋەتتىكى گۇناھلار

  ئاللاھ قەلب پەردىلىرىنى ئېچىۋەتكەن، پەزىلەتلىك ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بىر ئايەتنىڭ ئاجايىپ پايدىلىق ھېكمىتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى  يازغان: بىلەمسىز؟ ئاللاھ ساھابىلەرنى ئۇلار ئىهرامدا تۇرىۋاتقان مەزگىللەردە ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇلارغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئىمتىھان قىلغانىدى، (ھەج ياكى ئۆمرە قىلغانلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشى چەكلەنگەن) ھەتتا، ھايۋانلارنىڭ بىرى ھېچقانداق ئوۋ قورالى ئىشلەتمەستىنلا قولى بىلەن تۇتالايدىغان دەرىجىدە ساھابىلەرنىڭ يېنىغا كېلەتتى.

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾. [مائىدە سۈرىسى:94].

بۈگۈنكى زاماندا ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەمما باشقىچە ئۇسۇلدىكى ناھايىتى چوڭ سىناقلار تەكرارلىنىۋاتىدۇ…

قانداق دەمسىز؟

تەخمىنەن ئون يىل ئىلگىرى ئىسلامدا ھارام قىلىنغان شەھۋانىي رەسىم ۋە ۋېدىئولارنى تېپىش ھازىرقىغا قارىغاندا ئاسان ئەمەس ئىدى. ھازىر ئەھۋال دەل ئەكسىچە، ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ساقلىسۇن!

بۇ ئايەتنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ: ﴿ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾. [مائىدە سۈرىسى:94].

يالغۇز قېلىپ گۇناھ قىلغىنىڭىزدا ئەزالىرىڭىزنىڭ سۈكۈت تۇرغانلىقى سىزنى ئالداپ قويمىسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغان بىر كۈنى بار!

﴿شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ﴾. [ياسىن سۈرىسى: 65].

ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ: ﴿ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾.[مائىدە سۈرىسى:94].

بۇ مەنە ھەققىدە ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھ قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئىشىكىڭىزنىڭ پەردىسىنى شامالنىڭ قايرىۋەتكەنلىكىدىن قورقۇشنىڭ گۇناھى (شامالدىن قورقۇشىڭىز ئاللاھدىن قورقۇشىڭىزدىن يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن) قىلغان گۇناھىڭىزدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ».

شەھۋانىي نەرسىلەرگە قاراشقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلارنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىشىكنىڭ كەينىدە بىر ئاۋاز ئاڭلىدىم ، – دە، گويا يۈرىكىم بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ، نەپىسىم ئۈزۈلۈپ قالغاندەك بولدى، شۇئان كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ ئىشىكنى ئاچتىم. قارىسام ئۇ مۈشۈك ئىكەن…

ئەجىبا، بۇ بىچارە ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانمىدۇ؟

بۈگۈنكى زاماندا بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي تېلىفۇنى بىلەن شەھۋانىي شەرمەندىچىلىكلەر ئارىسىدا ئاللاھ قورقۇنچىسىدىن باشقا ھېچقانداق توسالغۇ يوق.

ئەللامە شەنقىيتى مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلىمالار بىردەك ئاللاھنىڭ يەر يۈزىگە «ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن ئاڭدىن باشقا ئەڭ ئۇلۇغ دەۋەتچى ياكى نازارەتچىنى چۈشۈرمىگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن».

گۇناھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى بۇ توساقنى چېقىۋاتقان ئادەم ھەقىقەتەن ئاللاھقا قاپيۈرەكلىك قىلغان بولىدۇ. ئاللاھقا قاپيۈرەكلىك قىلىش نېمىدېگەن قەبىھ ئىش، – ھە!

ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ بىرى: «ئاللاھقا تاشقى جەھەتتىن دوست، ئىچكى جەھەتتىن دۈشمەن كۆرۈنمەڭ».

بىز: «بۇ زامانلاردا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش بۇرۇنقى زامانلارغا قارىغاندا بەك ئاسان» دېگەن ۋاقىتىمىزدا يەنە مۇنداق دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك:

 

«بۇ زامانلاردا ھارامنى تاشلاش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ساۋابى باشقا زامانلاردىكىگە قارىغاندا بەكمۇ كۆپ بولىدۇ».

يان تېلېفون ساندۇققا ئوخشايدۇ، ئالدىڭىزدا ساۋابى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان ياخشىلىقلار ۋە گۇناھى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان رەزىللىكلەر تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا نېمىنى قويسىڭىز قىيامەت كۈنى ئەمەل دەپتەرلىرىڭىزدە شۇنى تاپىسىز.

قەدىرلىك قېرىندىشىم، خىلۋەتتىكى  گۇناھلاردىن بولۇپمۇ ئائىلىدىكىلىرىڭىز  ياكى ھېچكىم  يوق ۋاقىتتا  تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە تېلېۋىزور قاتارلىقلاردىكى گۇناھلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ. ئۇ دىنىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەتتا يىقىتىپ تاشلايدۇ.

مەخپى ئىبادىتىڭىز بولسۇن، بۇ ئارقىلىق سىز نەپسىڭىزنى شەھۋەت ھۇجۇملىرىدىن قوغدىيالايسىز.

ئەگەر سىز ئاخىرقى نەپەسىڭىزگە قەدەر دىنىڭىزدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم خىلۋەتتە ئاللاھتىن قورقۇشىڭىز كېرەك.

مەشھۇر ئالىم ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دەيدۇ: «خىلۋەتتىكى  گۇناھلار بالايى -قازانى چىللايدۇ».

بەندە ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا خىلۋەتتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەبرىدىكى يالغۇزلۇق ھاياتىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ.

قىيامەت كۈنىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە سەۋبان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۇممىتىمدىن شۇنداق كىشىلەرنى بىلىمەنكى: ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاپئاق تىھامە تېغىغا ئوخشاش كۆپ ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېلىدۇ، بىراق ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئۇلارنى ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ -توزانغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ».

بۇ چاغدا سەۋبان: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىلمەستىن ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى بىزگە سۈپەتلەپ بەرسىلە!-، دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن مۇنداق دېدى: «دىققەت قىلىڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار ۋە ئىرقىڭلاردىن كېلىدۇ، ئۇلار كېچىلىرى سىلەر ئىبادەت قىلغاندەك ئىبادەت قىلىدۇ، ئەمما يالغۇز قالسىلا ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.(بۇ ھەدىسنى  ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، مەشھۇر مۇھەددىس ئالبانى سەھىھ دەپ ھۆكۈم قىلغان).

ئى ئاللاھ! بىزگە گۇناھ بىلەن ئارىمىزدا توسالغۇ بولالايدىغان ئاللاھ قورقۇسى ئاتا قىلغىن!

ئى ئاللاھ! بۇ نەسىھەتلەردىن كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرگىن!

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە ساھابىلىرىغا رەھمەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغىن!

ئەرەپچە پىسىبۇك سەھىپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This