مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.
ماقالىلەر
جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر
مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]
رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.
دىللىرىمىزنىڭ كور بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر قىلايلى!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىننىڭ پاراسىتىدىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ» دېگەندىن كېيىن: ﴿ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى» [«تىرمىزىي»، 3127].
﴿ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار﴾
2. ئىلمىي ياكى ئەمەلىي، دىنىي ياكى دۇنيالىق ئىشلاردا كۆزلەنگەن نىشانغا يەتمەكچى بولغان ئادەم شۇنىڭغا ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ يېقىن ئىشىكتىن كىرىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، سەۋەبلەر بىلەن ۋاسىتىلەرنى توغرا ۋە ئەتراپلىق دەڭ سېلىپ، يېتەرلىك ئىلىم بىلەن قوراللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، ئەي ئايال!
ئەي ھاياتتىن مەنە ئىزدەۋاتقان، كۆڭۈللەرگە خۇرسەنلىك بەخش ئېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئەزىز ھەمشىرەم! دۇنيانىڭ قاراڭغۇ – زۇلمەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، قەدىر – قىممىتىڭىزنى تونۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىققا ئېرىشكۈڭىز بارمۇ؟ ئوقۇپ، بىلىملىك بولۇپ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ، بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلىق سۈپىتىڭىز بىلەن ياشاشنى خالامسىز؟
شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار
كىرىش سۆز ساھابە، تابىئىن ۋە تەبەئى تابىئىن قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىدا قانچىلىك چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دىنغا خىزمەت...
شەرقشۇناسلارنىڭ نىشانغا يېتىش ۋاسىتىلىرى
1. ئىسلام ۋە ئۇنىڭ يۆنىلىشلىرىگە، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە «قۇرئان كەرىم»گە دائىر خىلمۇخىل تېمىلاردا كىتاب يېزىش. ئۇلار بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىسلامىي مەنبەلەردىن نەقىل قىلغان مەزمۇنلارنى قەستەن بۇرمىلايدۇ ھەتتا تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، ئاندىن يەكۈن چىقىرماي، ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە، مەقسەتلىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.
شەرقشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ساھەلىرى
غەربلىكلەرنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىغا كىرىشىشىگە تۈرتكە بولغان بىرىنچى ئامىل دىن بولۇپ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، شەرقشۇناسلىق دەسلىپىدە خىرىستىيان راھىبلار بىلەن باشلىنىپ، ھازىرغا قەدەر شۇنداق داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
شەرقشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئۆلچەملىرى
1. شەرقشۇناس گولدزىھەر پۈتۈن ھەدىسلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بولماستىن، بەلكى ھىجرەتنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ توقۇپ چىققان سۆزلىرى دېگەن دەۋاسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرئىي ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا كاتتا ئىماملارنىڭمۇ شەرئىي ھۆكۈملەرنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تارىخىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يەنە بۇ خاتا قارىشىغا ئاساسسىز، ئويدۇرما رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ دەمىيرىينىڭ «ھاياتۇل ھەيەۋانىل كۇبرا» ناملىق كىتابىدىن: «ئەبۇ ھەنىفە (رەھىمەھۇللاھ) بەدر غازىتى بۇرۇن بولغانمۇ ياكى ئۇھۇد غازىتىمۇ، بىلمەيتتى» دېگەن رىۋايىتىنى نەقىل قىلغانلىقى مۇشۇ جۈملىدىندۇر.

