20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كوممۇنىست رېجىمى دۇنيا سىياسىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، بولۇپمۇ تۈركىستان تېررىتورىيەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى، ئائىلە ئەنئەنىلىرى ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان. ھەقسۆيەر ئۆلىمالار ۋە مەرىپەتپەرۋەر بايلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەردە شېھىت قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلىپلا قالماي، چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى سالغان. شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇنلىغان ئالىملار دىنىنى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەزىز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، باشقا يۇرتلارغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
جۈملىدىن شەيخ ئەھمەد فەرىدمۇ ئائىلىسى بىلەن تاتارىستاننىڭ ئىدىل – ئۇرالدىن ئىستانبۇلغا، ئۇ يەردىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن.
شەيخ ئەھمەد فەرىد پەقەت دىنىي ئالىم بولۇپلا قالماي، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، پەلسەپە، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەردىمۇ يېتىشكەن كىشى بولۇپ، ئىدىل – ئۇرال، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي مەكتەپلەرنى ئېچىپ تەلىم – تەربىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكى ئۈچۈن تەفسىر، ھەدىس ۋە باشقا مۇھىم تېمىلاردا قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ تەييارلىغان كىشىدۇر.
شەيخ ئەھمەد فەرىد ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ھەسرىتى چېكىۋاتقان؛ ياقا يۇرتلاردا سەرسان – سەرگەردان بولۇپ، ھاياتنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرىنى يۇتۇۋاتقان؛ خەلق ئاممىسىنىڭ نادانلىقى ۋە بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن يەكلىنىپ، چەتكە قېقىلىۋاتقان؛ خەلق ئۇنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىنى قوللاش تۈگۈل، قارشى تۇرۇپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراش دېگەندەك قىيىن پەيتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان؛ كوممۇنىستلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، تۈرلۈك ئازاب – ئوقۇبەت ۋە جاپا – مۇشەققەتنىڭ شاماللىرى تەرەپ – تەرەپتىن دىماغقا ئۇرۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە «سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا» يول تۇتماي، قەددىنى پۈكمەي، قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىنى، ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى ۋە يېزىقچىلىق خىزمەتلىرىنى قەتئىي ئاقسىتىپ قويمىغان ھىممەتلىك، ئىرادىلىك، سەۋرچان، قەيسەر، يىراقنى كۆرەر بىر ئالىمدۇر.
خەلقنىڭ نادان ۋە بىلىمسىز قېلىشىغا، كوممۇنىستلارنىڭ ياۋۇزلارچە باستۇرۇشلىرى ئاستىدا ئىڭراشلىرىغا چىداپ تۇرالماي، يەڭنى تۈرۈپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تەلىم – تەربىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە تۈرلۈك كىتابلارنى يازغان؛ مىڭبىر جاپادا يازغان كىتابلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا نەشر قىلدۇرالماي، ھىندىستان قاتارلىق چەتئەللەردە نەشر قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا تارقاتقان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولغان؛ خەلقنى رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت كوممۇنىستلارغا قارشى جىھادقا ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچىگەن ئىش – ئىزلىرى ماختاشقا سازاۋەر، كاتتا بىر ئالىمنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن قانچىلىك كىشى بىلەر؟ مېنىڭچە، كۆپىنچە كىشىلەر بۇ ئىستېدات ئىگىسىنى تونۇمايدۇ.
مۇئەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرى
مۇئەللىپنىڭ تولۇق ئىسمى ئەھمەد فەرىد قارىي ئابباسىي ئوفاۋى سەمەنىي بولۇپ، مىلادىيە 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تاتارىستاننىڭ ئىدىل – ئۇرال شەھىرىنىڭ ئۇفا دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن.
شەيخ ئەھمەد فەرىد دەسلەپتە تاتارىستاننىڭ بەيرەكە ۋە مىنزەلە شەھەرلىرىدە مەسئۇد ھەزرەت ۋە شېرىف ئەھمەد قاتارلىق ئۆلىمالار بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، كېيىن 1922−1924- يىللىرى تاتارىستاننىڭ بوغۇلمە شەھىرىدە ئېچىلغان «ئىمام ۋە مۇدەررىسلەر مەدرىسەسى»دە ئۇستازى شەيخ زىيائۇددىن كامالىي (1360/1942) بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
شەيخ ئەھمەد فەرىد بوغۇلمە شەھىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلاردا، تاتارىستاندىكى چوڭ ئۆلىمالاردىن مەسئۇد ھەزرەت، فەخرۇددىن ۋە ئۇلاردىن باشقا بىر بۆلەك ئۆلىمالارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە ۋە تەفسىر قىلىشقا كىرىشىپ، تەفسىرنى تاماملىغان. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ دېيىشىچە، پۈتۈپ بولغان بۇ قىممەتلىك تەفسىر 1917 – يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا پارتلىغان بولشېۋىك ئىنقىلابى دەۋرىدە نابۇت بولغان.
شەيخ ئەھمەد فەرىد بوغۇلمە شەھىرىدە بىر مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇستازى زىيائۇددىن كامالىي ۋە ئاتاقلىق ئالىم ئالىمجان بارۇدىي (1339/1921) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ھازىرقى زامان پەن بىلىملىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تىمتىق شەھىرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان مەدرىسەگە يۆتكىلىپ بارغان.
بولشېۋىك ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ستالىن ۋە لېنىن قاتارلىق قانخور جاللاتلار تاتارىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى سېلىپ، نۇرغۇن ئۆلىمالارنى تۈرمىلەردە شېھىت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئەھمەد فەرىد ئائىلىسى بىلەن ئىستانبۇلغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن.
1930 – يىلى شەيخ ئەھمەد فەرىد تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق سودىگەر ئابدۇللاھ ئاخۇن باي دېگەن كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئەھمەد فەرىدنىڭ تالانتلىق مائارىپچى، ئىستېداتلىق ئالىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئابدۇللاھ ئاخۇن باي قايتىشىدا ئۇنى تەكلىپ بىلەن قەشقەرگە ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھازىرقى ياۋاغ 6 – باشلانغۇچ مەكتىپى ئورنىدا بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ، ئەھمەد فەرىدنى شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا قويغان. شەيخ ئەھمەد فەرىد مەكتەپتە دىنىي دەرس، ھېساب (4 ئەمەل ۋە ئاددىي كەسىردىن ئونلۇق كەسىرگىچە)، جۇغراپىيە، ئىنشا قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن.
مۇئەللىپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى دىنىي ھەم پەننىي مائارىپ بىلەن يېتىشتۈرۈش نەتىجىسىدە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قەشقەر شەھىرىدىكى ئاۋانگارت مائارىپچىلاردىن بىرى بولۇپ قالغان.
مۇئەللىپ قەشقەردە بىر تەرەپتىن دەرس ئۆگىتىپ، مىللەتنى ئاقارتىش، ئەۋلادلارنى يېڭىچە مائارىپتا تەربىيەلەش، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشلۇقى ئۈچۈن دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈپ چىقىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاڭ – ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قەشقەردە مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «تەفسىيرۇ سىراتىل مۇستەقىيم»نى يېزىپ قالدۇرغان.
ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، 1934 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ، «دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىنى ئاچقان. بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قەۋملىرىدىن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئوقۇغان ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىگە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ئاۋانگارت ئوقۇغۇچىلار دىنىي ۋە مىللىي مائارىپنىڭ گۈللىنىشى، تەلىم – تەربىيەنىڭ جانلىنىشى، يېڭى – يېڭى مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
مۇئەللىپ 1937 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى «دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، زالىم خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرمىدە يېتىپ، 1358/1939 – يىلى قىممەتلىك ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن تولغان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەخمىنەن 52 يېشىدا تۈرمىدە ۋاپات بولغان.
1. «تفسير الصراط المستقيم (تەفسىيرۇ سىراتىل مۇستەقىيم)». مۇئەللىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەسەر ئالتە توم ھالەتتە پۈتۈپ چىقىشى پىلانلانغان بولۇپ، ھازىر قولىمىزدا پەقەت «فاتىھە» سۈرىسىدىن تارتىپ «مائىدە» سۈرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تومىلا مەۋجۇت. كەمىنە ماگىستىرلىق رىسالىسىدە بۇ ئەسەرنىڭ تەفسىردىكى ئومۇم مېتودىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلغان ئىدىم. بايقىشىمچە، بۇ ئەسەردە ئىسلام پەلسەپىسى ۋە تۈرك تارىخى قاتارلىق ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن پەلسەپە ۋە تارىخ ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلار بار.
2. «الأنوار القدسية (ئەلئەنۋارۇل قۇدسىيە)». مۇئەللىپ بۇ ئەسەرنى 12 بابقا ئايرىپ، ھەر بابتا ھەدىسلەردىن 10 ھەدىسنى تاللاپ، جەمئىي 120 ھەدىس كەلتۈرگەن. كەمىنە بۇ ئەسەرنى نەشرگە تەييارلىدىم، ئىنشائاللاھ پات ئارىدا قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ھەدىس قىسمىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ئەسەر بولغۇسى.
3. «أركان الإسلام (ئەركانۇل ئىسلام)». بۇ ئەسەر 12 بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىدە ئىماننىڭ دەلىللىرىنى، فىقھىي ھۆكۈملەرنى ۋە ئىلمىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
4. «الطبيعة والرياضية والجغرافية (ئەتتەبىيئە ۋە رىيازىيە ۋە جۇغرافىيە)». بۇ ئەسەر 100 بەتلىك كىتاب بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالتە شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغان.
5. «جغرافية تركستان الشرقية والغربية (جۇغرافىيەتۇ تۈركىستان شەرقىييە ۋە غەربىييە)». بۇ قىممەتلىك ئەسەر نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن نابۇت بولغان.
6. «علم الأشياء (ئىلمۇل ئەشيائ)». بۇ ئەسەر 98 بەتلىك بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىنى «دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىدە دەرسلىك ئۈچۈن تەييارلىغان.
7. «اللغة العربية (ئەللۇغەتۇل ئەرەبىيە). مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىنى دىنىي مەدرىسەلەردىكى باشلانغۇچ سىنىپلىرىنىڭ دەرسلىكى ئۈچۈن تەييارلىغان.
مەنبە: ئابدۇرراززاق رەجەب: «تفسير الصراط المستقيم لأحمد فريد العباسي…»، ماگىستىرلىق رىسالىسى، 52‐55، 62، 72‐73 – بەتلەر.
تەييارلىغۇچى: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
0 Comments