ئادەتتە، ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش دەلىل – پاكىتلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئەمەس، بەلكى قەلبكە باغلىق. ئەگەر ئاللاھ تائالا قەلبكە نۇر ئاتا قىلسا، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ ۋە ھەقىقەت مەزكۇر قەلبتە گويا تولۇن ئايدەك روشەن ۋە ئېنىق بولىدۇ. قەلب ناۋادا قاراڭغۇ بولسا، بۇنداق قەلبلەر ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿شەكسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، پەقەت كۆكرەكلەردىكى قەلبلەرلا كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، قەلبى كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)﴾ [«ھەج»: 46].
دىللارنىڭ پاكىتلارنى ۋە ئىلاھىي مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ يېتىشى تەقۋادارلىق، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەتمەنلىك ۋە ئىبادەتكە تىرىشچانلىق قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿(ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (ھىدايەتنى ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر كەلدى. كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا، ئۆزىگە پايدا؛ كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمسا (يەنى باش تارتسا)، ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە (ئەمەلىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان) كۆزەتچى ئەمەسمەن (پەقەت سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن)﴾ [«ئەنئام»: 104].
مانا بۇ پاراسەت (قەلب كۆزى) دىللاردىكى مەرىپەت ۋە ئاڭ مەنبەلىرىنى ئاچىدۇ. قەلب كۆزىدە كۆرۈش دېگەن ئىزدىنىش ۋە ئوقۇش بىلەنلا يېتىلدۈرگىلى بولىدىغان تالانت ئەمەس. بىر بەندىنىڭ قەلب كۆزى قانچىلىك ئوچۇق بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۆز كىتابىنى ۋە دىنىنى توغرا چۈشىنىدىغان ئىقتىدارنى شۇنچە كۆپ ئاتا قىلىدۇ. پاراسەت دىل تۇپرىقىدا ئاينىيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق دىل ھەق بىلەن باتىلنى، يالغان بىلەن راستنى پەرق ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار﴾ [«ھىجر»: 75].
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىننىڭ پاراسىتىدىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ» دېگەندىن كېيىن: ﴿ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى» [«تىرمىزىي»، 3127].
دۇنيا ھاياتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ياخشى كۆرىدىغان ھەربىر ئۆلىما پەتىۋاسىدا، ھۆكمىدە، بەرگەن خەۋىرىدە ۋە ۋەزىپىسىدە ناتوغرا سۆزلەپ، ئاللاھقا بوھتان قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ غەرەزلىرى ۋە ئارزۇلىرىغا مۇخالىپ بولىدۇ، بولۇپمۇ ھوقۇقدارلارغا ياقمايدۇ. ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر كۆپىنچە ھەققە قارشىلىق قىلىش ۋە ئۇنى رەت قىلىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئۆلىما ۋە ئەمەلدارلار ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ھوقۇق تەمەسىدە بولىدىكەن، ھەقىقەتتىن كۆڭلىگە ياقمىغانلىرىنى رەت قىلىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. بولۇپمۇ بىر ئىشنىڭ ھەقلىقىگە گۇمان بىلەن قارىغاندا، گۇمان بىلەن شەھۋەت بىرلىشىپ، ھاۋايى – ھەۋەس تېخىمۇ كۈچىيىدۇ – دە، ھەقىقەت يۆگىلىپ، يۈزىگە پەردە تاشلىنىدۇ. بۇ چاغدا ھەقىقەت ھەرقانچە ئاشكارا ۋە شۈبھىسىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئىنسان يەنىلا ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ ۋە «تەۋبە قىلىشتىن ئىبارەت چىقىش يولى بارغۇ» دەپ تېخىمۇ بىخۇدلىشىدۇ. بۇ تىپتىكى ئىنسانلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى – خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ﴾ [«مەريەم»: 59]؛ ﴿ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھقا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىن ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟﴾ [«ئەئراف»: 169].
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىش قەلب كۆزىنى كور قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسان سۈننەت بىلەن بىدئەتنى ئايرىيالمايدۇ ياكى ئۇنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى قەلب كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ – دە، بىدئەتنى سۈننەت، سۈننەتنى بىدئەت كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا ھاياتىنى ئەلا بىلىدىغان، ھوقۇق قوغلىشىدىغان ۋە شەھۋەتلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان ئۆلىمالارنىڭ بالايىئاپىتى دەل مۇشۇ. مۇنۇ ئايەتلەر شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان:
﴿(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولۇشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى. ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى – خاھىشىغا بويسۇندى. بۇنداق ئادەم گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ، تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ؛ قوغلىۋەتمىسەڭمۇ، تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ﴾ [«ئەئراف»: 175−176].
مانا بۇ، ئىلمىگە قارشى ئىش قىلىدىغان ناچار موللىلارنىڭ مىسالىدۇر» [ئىبنۇل قەييىم جەۋزىي: «الفوائد»، 146−147].
دېمەك، ھەقنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن پاكىت بولغانغىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى قەلب كۆزى بولۇش لازىم. دەرۋەقە، ئىنسان دۇنيا ھاياتىغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ، گۇناھلىرى كۆپىيىپ كەتسە، قەلب كىرلىشىدۇ. چۈنكى، ھەربىر گۇناھ قەلبكە قارا چېكىت بولۇپ ئۇرۇلىدۇ. قارا چېكىتلەر كۆپەيگەنسېرى قەلبكە ھەقىقەت نۇرىنىڭ كىرىشىنى توسىدىغان قارا پەردە ھاسىل بولىدۇ. قەلبنى زۇلمەت باسقاندا، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆرەلمەيدۇ. ھەقىقەت مۈجمەللىشىپ، ھەقىقىي كۆرۈنۈشى ئاشكارا بولمايدۇ. بەزىدە قەلبمۇ ھەقنى باتىل، باتىلنى ھەق كۆرۈپ قالىدۇ. شۇڭا، تەقۋادارلىق قىلىش لازىم. شۇندىلا ھەق بىلەن باتىل ئېنىق نامايان بولىدۇ؛ قەلب ساپلىشىپ، ھەر نەرسە ئۆز رەڭگىدە، روشەن ۋە ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر﴾ [«ئەنفال»: 29].
تەرجىمىدە: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
0 Comments