شەرقشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئۆلچەملىرى (4)

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: admin

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

مارت 27, 2023

كۆپىنچە شەرقشۇناسلار ئىسلامىي تېمىلاردىكى تەتقىقاتلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە تامامەن يات بەزى ئۆلچەملەرگە تايىنىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، سەمىمىي ئالىملار تەتقىق قىلماقچى بولغان تېمىلاردا ھەر تۈرلۈك ھاۋايى – ھەۋەسلەردىن، شەخسىي غەرەزلەردىن خالىي ھالدا دەلىل – پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ، ئاساسلانغان دەلىل – پاكىتلارنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ؛ دەلىل – پاكىتلارنى ۋە ئىشەنچلىك مەنبەلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئىنچىكە تەكشۈرگەندىن كېيىن يەكۈن چىقىرىدۇ.

ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمدەك، كۆپىنچە شەرقشۇناسلار ئاۋۋال كاللىسىدا مۇئەييەن بىر ئىدىيە تۇرغۇزۇۋالىدۇ، ئاندىن شۇ ئىدىيەنى توغرىلاش ئۈچۈن دەلىل – پاكىت ئىزدەيدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن دەلىللەرنىڭ ساغلام بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى پەقەت ئېرىشكەن دەلىللەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىشتۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار كۆپىنچە جۈزئىي مەسىلىلەردىن كۈللىي قائىدىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىپ، زىددىيەتلىك ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ۋە يامان غەرەزلىرىگە يېڭىلمىسە ئىدى، بۇنداق خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ قالالايتتى.

بىز تۆۋەندە بۇنىڭ بەزى مىساللىرىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز:

1. شەرقشۇناس گولدزىھەر پۈتۈن ھەدىسلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بولماستىن، بەلكى ھىجرەتنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ ئەسىردىكى كىشىلەرنىڭ توقۇپ چىققان سۆزلىرى دېگەن دەۋاسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرئىي ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا كاتتا ئىماملارنىڭمۇ شەرئىي ھۆكۈملەرنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تارىخىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يەنە بۇ خاتا قارىشىغا ئاساسسىز، ئويدۇرما رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ دەمىيرىينىڭ «ھاياتۇل ھەيەۋانىل كۇبرا» ناملىق كىتابىدىن: «ئەبۇ ھەنىفە (رەھىمەھۇللاھ) بەدر غازىتى بۇرۇن بولغانمۇ ياكى ئۇھۇد غازىتىمۇ، بىلمەيتتى» دېگەن رىۋايىتىنى نەقىل قىلغانلىقى مۇشۇ جۈملىدىندۇر.

شۈبھىسىزكى، تارىختىن ئازراق خەۋىرى بار ئادەملەر بۇنداق رىۋايەتلەرنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ھالبۇكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ فىقھىدا ئىسلامنىڭ جەڭ ھۆكۈملىرىنى ئەڭ كۆپ بايان قىلغان ئالىملارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلمىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ۋە ئىمام مۇھەممەد قاتارلىق تالىبلىرىنىڭ كىتابلىرىدا شۇ تىپتىكى ھۆكۈملەر كونكرېت بايان قىلىنغان. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، ئەبۇ ھەنىفەدەك بىر زاتنىڭ جەڭنىڭ فىقھىي ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىشتا ئاساسلانغان رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىنى ۋە غازاتلىرىنى بىلمەسلىكى ئەقىلگە ياتىدىغان ئىش ئەمەس.

بىز بۇ يەردە خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلىق تېمىسىدا يېزىلغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدىغان ھەنەفىي فىقھىسىنىڭ ئىككى مۇھىم كىتابىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا پايدىلىق دەپ قارىدۇق:

بىرىنچىسى، ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ: «ئەررەددۇ ئەلا سىيەرىل ئەۋزائىي» ناملىق كىتابىدۇر.

ئىككىنچىسى، ئىمام مۇھەممەدنىڭ: «ئەسسىيەرۇل كەبىير» ناملىق ئەسىرىدۇر. ئىمام سەرەخسىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنى شەرھلىگەن. بۇ ئەسەر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تېمىسىدا ئەڭ دەسلەپ يېزىلغان ۋە ئىسلام فىقھشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان شاھانە ئەسەردۇر. كېيىنچە بۇ ئەسەر «جامىئەتۇددۇۋەلىل ئەرەبىييە (ئەرەب دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى)»نىڭ نازارىتى ئاستىدا، «مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي خەلقئارا قانۇن كومىتېتى»نىڭ تەلىپى بىلەن نەشر قىلىنغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىلمىنى تارقاتقان شاگىرتلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە تۆت خەلىپىنىڭ دەۋرىدىكى غازاتلارنىڭ تارىخىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلىقى مۇشۇ ئىككى كىتابتىن چىقىپلا تۇرىدۇ.

گولدزىھەردەك بىر ئادەمنىڭ مەزكۇر ئىككى كىتابتىن خەۋىرى بولماي قالمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغان – بىلمەيدىغانلىقىنى راستتىنلا بىلىش نىيىتى بولسا ئىدى، دەمىيرىينىڭ «ھاياتۇل ھەيەۋانىل كۇبرا» ناملىق كىتابىدىكى بىر رىۋايەتكىلا ئېسىلىۋالماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى باشقا ئەسەرلەردىن ئىزدەپ تاپالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دەمىيرىينىڭ ئۆزىمۇ بىر تارىخچى ئەمەس؛ كىتابىمۇ يا فىقھ، يا تارىخ كىتابى ئەمەس.

گەرچە بۇ كىتابتىكى ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنىڭ سەنەدى سەھىھ بولسىمۇ، دەمىيرىي ئۇنىڭدا تېمىغا مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىغان ھېكايە ۋە نادىر رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىنى جەملىگەن.

يەنە كېلىپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئۇنىڭ دەۋرداشلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئارىسىدا چۈشەنچە ۋە مېتود جەھەتلەردە زور پەرقلەر بارلىقى ھەممىگە ئايان. مەزكۇر پەرقلەر ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنى ماختاش ياكى سۆكۈشكە ئالاقىدار ۋەقە ۋە ئويدۇرما رىۋايەتلەرنى يازغان ھېكايىچىلەر ۋە رىۋايەتچىلەرنىڭ بىردىنبىر دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالغان. دەرۋەقە، بۇنداق ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى ياخشى كۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن، يا ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان بولغاچقا، ئۆلىمالار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدە قىلچىلىك ئىلمىي قىممىتى يوق.

گولدزىھەر بولسا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ تەرجىمىھالى خاتىرىلەنگەن ساغلام ئىلمىي ئەسەرلەرنى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سېلىپ، «سۈننەت ئاۋۋالقى ئۈچ ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسە» دېگەن يامان غەرىزىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۇ دەرىجىدە يالغان، ئويدۇرما بىر رىۋايەتكە تايانغانكى، ئۇ رىۋايەتنى (ھېلىغۇ تولغان ئالىملاركەن)، باشلانغۇچ سەۋىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىسىمۇ، ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلايدۇ.

2. گولدزىھەرنىڭ ئىسلامىي ئەسەرلەردىن ئۆزىنىڭ دېپىنى چالىدىغان يىپ ئۇچى ئىزدەيدىغانلىقىغا دائىر يەنە بىر مىسال سۆزلەپ ئۆتەيلى: پۈتۈن ھەدىس راۋىلىرىنى باھالاشنى باش تېما قىلغان كىتابلار ۋە تارىخىي مەنبەلەردە بۈيۈك ھەدىسشۇناس ئالىم ئىمام زۆھرىينىڭ (50 − 124 ھ / 670 − 741 م) ھەدىس ئىلمىدە ئىشەنچلىك، ئامانەتدار، تەقۋادار، دىندار زات ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىردەكلىكنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنىڭ پەزىلەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ھەتتا ئۇنىڭ ئۇمەۋىلەر ئۈچۈن ھەدىس توقۇپ بەرگەنلىكىنىمۇ دەۋا قىلغان.

ئۇنىڭ گۇمانىچە، ئىمام زۆھرىي «پەقەت ئۈچ مەسجىدكىلا يۈك – تاق تېڭىپ بېرىشقا بولىدۇ…» دېگەن ھەدىسنى ئۇمەۋى خەلىپىسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئۈچۈن توقۇپ بەرگەنمىش. گولدزىھەرنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىلى بۇ ھەدىسنى ئىمام زۆھرىينىڭ رىۋايەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان بىلەن بىر دەۋردە ياشىغانلىقىدۇر. مەن ئۇنىڭ بۇ ئاساسسىز قارىشىنى «ئەسسۈننە ۋە مەكانەتۇھا فىتتەشرىيئىل ئىسلامىي» ناملىق كىتابىمنىڭ 385 – بېتىدە قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدىم.

3. شەرقشۇناسلار بۈيۈك ئىسلام فەتىھلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەرەبلەرنىڭ ئەجەم (ئەرەب بولمىغان) مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەجەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى كەمسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ھەقتە شەرقشۇناس كارل بىروكلىمان «تارىخۇششۇئۇبىل ئىسلامىيە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن:

«ئەرەبلەر رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەشكىل قىلغان چاغلاردا ئەرەب بولمىغانلار رەئىييە (پادا) نىڭ ئورنىدا ئىدى. ‹رەئىييە› كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈكى ‹رەئايا› بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ پۇقرالارنى ‹رەئىييە› دەپ چاقىرىشى سامىيلارنىڭ قەدىمكى بىر تەمسىلىدۇر. ھەتتا، بۇ كەلىمە ئاشۇرىيلىقلارنىڭ تىللىرىدىمۇ قوللىنىلىپ كەلگەن».

(بۇنىڭدىن ئاشكارا بولىدۇكى)، مەزكۇر شەرقشۇناس مۇسۇلمانلارنىڭ پەتىھ قىلغان جايلاردىكى پۇقرالارغىمۇ ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئەرەب – ئەجەم دەپ ئايرىماستىن، ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي پاكىتلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، «رەئىييە» كەلىمىسىنىڭ بىر مەنىسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ، بۇ كەلىمىدىن ئەرەبلەرنىڭ ئەجەملەرنى بىر توپ پادىنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنى داۋراڭ سالغان. ناۋادا بىز لۇغەت كىتابلىرىغا قارايدىغان بولساق، «رائىي» كەلىمىسى رەئىس، باشلىق مەنىسىدە؛ «رەئىييە» كەلىمىسىنىڭ مال – چارۋا دېگەن مەنىدىن باشقا، قەۋم، مىللەت، خەلق دېگەندەك مەنىلەردىمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالالايمىز.

ھەممىگە ئايانكى، ئىسلام بۇ كەلىمىنى پۇقرالارغا قوللانغاندا، پادىنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئەجەملەرگىلا قوللانماي، پۈتۈن پۇقرالارغا قوللانغان. يەنە تېخى «رەئىييە» كەلىمىسىنىڭ كارل بىروكلىمان چۈشەنگەن مەنىدە قوللىنىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. ئىمام بۇخارىي ۋە باشقا ھەدىس ئىماملىرى رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىس شۇ جۈملىدىندۇر:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:

«سىلەرنىڭ ھەممىڭلار بىر پادىچى (يەنى بىر جاۋابكار)، (شۇڭا) ھەممىڭلار پاداڭلاردىن (يەنى مەسئۇلىيىتىڭلاردىن) سوراق قىلىنىسىلەر. پادىشاھمۇ بىر پادىچى (يەنى خەلقىدىن جاۋابكار)، ھەربىر ئادەم ئۆز ئەھلىگە بىر پادىچىدۇر (يەنە جاۋابكاردۇر)، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا پادىچى (يەنى جاۋابكار)، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلاردىن (مەسئۇلىيىتىڭلاردىن) سوراق قىلىنىسىلەر» (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس).

شەيخۇلئىسلام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەزكۇر ھەدىستىكى ‹رائىي› ئۆزىگە ئامانەت قويۇلغان نەرسىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ئىشەنچلىك، تەقۋادار دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مەنپەئەتلىرىنى روياپقا چىقىرىشى كېرەك بولغان كىشىدۇر».

ئىمام بۇخارىي ۋە باشقا ھەدىس ئىماملىرى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە «رەئىييە» كەلىمىسى «مۇسۇلمانلار» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىر كىشى مۇسۇلمان بىر قەۋمگە باشلىق بولسا، ئاندىن ئۇ ئۆز قەۋمىگە خىيانەتكار ھالەتتە ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ» («بۇخارىي»، 7151).

(مۇشۇنچىۋالا ھەقىقەت ئالدىدا)، كارل بىروكلىمان قانداقمۇ بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمالىغاندۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ پەتىھ قىلغان جايلاردىكى ئەجەم مىللەتلىرىنى بىر توپ پادىنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇشۇ مەنىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا «رەئىييە» كەلىمىسىنى قوللانغانلىقىنى دەۋا قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن قانداقمۇ راۋا كۆرگەندۇ؟ ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان دەلىلى پەقەت «رەئىييە» كەلىمىسىنىڭ لۇغەتتە «قوي» مەنىسىدە كەلگەنلىكىدىنلا ئىبارەتتۇر. ھالبۇكى، بۇ كەلىمىنىڭ مەنىلىرى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەممىگە ئايان. يەنە كېلىپ، بۇ كەلىمە پەقەت ئەجەم مىللەتلىرىگىلا خاس ھالدا قوللىنىلغان دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، ئۇنىڭغا دائىر ھېچبىر يىپ ئۇچىمۇ يوق. بۇ پەقەت ھاۋايى – ھەۋەس ۋە يامان غەرەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

4. مەرگىلىيوسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، شەرقشۇناس مايور مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەب تىلىنىڭ بالاغىتىگە ۋە راۋان سۆزلىشىشكە ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن كىشىلەر سەھرالىق ئەرەبلەر ئىدى. شۇڭا، مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) بۇ ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەپ، كامالەتكە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن».

مانا بۇلار شەرقشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئۆلچەملىرىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، مايور بۇ قارىشىدا رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان گۇمانىي يەكۈنلەرگە تايانغان. ھالبۇكى، ئەرەبلەر بالاغەت ئىلمى ئۆگەنمىگەن، بالاغەت قائىدىلىرىنى بېكىتىدىغان ئۇستازلار، ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەرمۇ يوق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى بالاغەت ئىلمى ئۆگەنمىگەن ئىدى. قولىمىزدا مايورنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. ئەكسىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن، قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن نەسرىي ياكى شېئىرىي سۆزلەرنى دېگەنلىكى نەقىل قىلىنمىغان.

شەرقشۇناسلارنىڭ ئىسلامىي تېمىلارنى تەتقىق ۋە تەنقىد قىلىش ئۆلچەملىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، تەتقىق قىلغان تارىخي ۋەقەلەردىن مەلۇم سەۋەب ۋە نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا تەرەپبازلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ۋەقەلەردىن چىقارغان سەۋەب ۋە نەتىجىلىرىنىڭ گۇمان ۋە قۇرۇق گەپتىن باشقا ئاساسى يوق.

ئۇلارنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرى ۋە پوزىتسىيەلىرى باشتىن تارتىپ خاتا بولغاچقا، شەرق ئەللىرىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە ئەدەپ – ئەخلاقلىرىنى شەرق ئەللىرىدىكى ئەرەب مۇسۇلمانلارنىڭ كۈلتۈرلىرىگە تامامەن يات، غەربچە خىياللىرى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىدۇ؛ ھەر مۇھىتنىڭ ئۆزىگە خاس قەدىر قىممەت ئۆلچەملىرى، زەۋقلىرى ۋە ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ.

فىرانسىيەلىك مۇسۇلمان شەرقشۇناس ناسىرۇددىن دەنىيەر ئاددىي نەرسىگە ھۆكۈم قىلىشتىمۇ زىددىيەتلىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان شەرقشۇناسلارنىڭ شەيئىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۆلچەملىرىنى ناھايىتى گۈزەل شەكىلدە بايان قىلغان:

«شەرقشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى ياۋروپانىڭ ئەقلىي مېتودى بويىچە تەھلىل قىلىشقا ئۇرۇنغاچقا، يولدىن ئادىشىپ كەتكەن. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىسلام تارىخىدىكى ۋەقەلەر باشقا، ياۋروپا مەنتىقىسى باشقا نەرسىدۇر. ياۋروپا مەنتىقىسىگە تايىنىپ شەرقتە ياشىغان پەيغەمبەرلەر ھەققىدە توغرا نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىش مۇمكىن بولمايدۇ. شەرقشۇناسلار مۇشۇ خىل ياۋروپاچە ئۇسۇلغا تايىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى تەنقىد قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىردەك قاراشتا بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ ساپ تارىخىنى يىقىپ تاشلاش ئۈچۈن 75 يىل ئىنچىكە تەتقىق قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، ئۇلار شۇنچىۋالا ئۇزۇن مۇددەت، ئىنچىكە تەتقىقاتلارنى قىلغاندىكىن، رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىكى ساغلام قاراشلارنى ئاجىزغا چىقىرىپ، مەشھۇر رىۋايەتلەرنى ئويدۇرما كۆرسىتەلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلىدىمۇ؟ ياق. ئۇلار كىچىككىنە بولسىمۇ يېڭى بىر نەرسە ئىسپاتلىيالمىدى. بىز فىرانسىيەلىك، ئەنگلىيەلىك، گېرمانىيەلىك، بىلگىيەلىك ۋە گوللاندىيەلىك شەرقشۇناسلار ئىلگىرى سۈرگەن يېڭى قاراشلارغا چوڭقۇر نەزەر سالغىنىمىزدا، پۈتۈن قاراشلارنىڭ قالايمىقان، بۇرمىلانغان پاكىتلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. يەنە كېلىپ، ئۆزلىرىچە تەتقىقاتچى بولۇۋالغان مەزكۇر شەرقشۇناسلاردىن بىرى رەت قىلغان قاراشنى يەنە بىرى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە بىرى قوبۇل قىلغان قاراشنى باشقا بىرى رەت قىلىدۇ».

ناسىرۇددىن دەنىيەر شەرقشۇناسلارنىڭ زىددىيەتلىك قاراشلىرى ھەققىدىكى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

«ناۋادا بىز شەرقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىكى زىددىيەتلىك قاراشلارنى ئىستاتىستىكا قىلىدىغان بولساق، ئىش تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلاردىن ھېچقانداق ھەقىقەت تاپقىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، يەنىلا ئىسلام ئالىملىرى يازغان تەرجىمىھال ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا چارە يوق».

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This