جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى بەزى ئىشلارنىڭ ئۆز رېتى بويىچە يۈرۈشمەي، رېلىسىدىن چىقىپ كېتىشى، قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىشلارنىڭ ئۆز يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلماسلىقى، مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قاراپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىلماسلىقى، ۋاسىتە ۋە سەۋەبلەر ئورنىدا قوللىنىلماسلىقى، كىرىشكە تېگىشلىك ئىشىكتىن ئۆتۈپ كېتىپ، باشقا ئىشىكلەرنى چېكىپ يۈرۈشتەك ئەھۋاللاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۈم:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئېچىپ) كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. لېكىن، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن) قورققان ئادەم ياخشىلىق (ئىگىسى) دۇر. ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار﴾ [«بەقەرە»، 189].
بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە قارايدىغان بولساق، جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر ئېھرام باغلىغاندا ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرمەي، ئارقىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ كىرىشنى ئىبادەت ۋە ياخشىلىق دەپ قارايتتى. مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنىڭ ياخشىلىق بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان.
«سەھىھۇل بۇخارىي»دا بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار: ئەبۇ ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: مەن بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «بۇ ئايەت بىز ئەنسارلار توغرۇلۇق نازىل بولغان. ئەنسارلار ھەجدىن قايتىپ كەلگەندە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرمەي، ئارقىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ كىرەتتى. ئەنسارلاردىن بىرى ھەجدىن كېلىپ، ئىشىكىدىن كىرىۋىدى، باشقىلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئايەت نازىل بولدى» [«بۇخارىي»، 1803].
دېمەك، ھەركىم ياخشىلىققا ئېرىشىشنى، نىشانىغا يېتىشنى ۋە قىلغان ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۆزلەيدىكەن، ھەر ئىشنى ئۆز يولى بىلەن قىلىشى كېرەك.
بۇ ئايەت ئەسلىدە مەلۇم بىر ۋەقەلىك ھەققىدە چۈشكەن بولسىمۇ، ئۆلىمالارنىڭ بۇ ئايەتنى قانداق چۈشەنگەنلىكىگە ۋە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا ئىنچىكە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار﴾ دېگەن سۆزىنى تېخىمۇ كەڭرەك چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
شۇڭا، بىز بۇ ئايەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى رېئال ھاياتىمىزغا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىدىن تەتبىقلاپ ئۆتمەكچىمىز:
1. بىزنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان يول ئۇ زاتقا بەندىچىلىك ۋە ئىبادەت قىلىش بولۇپ، كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشمەكچى بولسا، ئاشۇ يولدا مېڭىشى كېرەك.
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك ۋە ئىبادەت قىلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ھىدايەت تىلەشمۇ سېپى ئۆزىدىن ئازغۇنلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان بىر يولنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇنىڭدىن باشقا يول بىلەن قانداقمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولسۇن؟ ۋاھالەنكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى شۇ يولغا چاقىرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتى، شۇ يولنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرسەتكۈچى قىلدى. بۇ يولدىن باشقا يولدا ماڭغۇچىلارغا ئىشىك تاقاقتۇر. بۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن ۋە بەخت – سائادەت ئاتا قىلىشىدىن مەھرۇمدۇر» [ئىبنۇلقەييىم: «تەھزىبۇسسۈنەن»، 1/3]. دېمەك، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا بەندىچىلىك ۋە ئىبادەت قىلىش ئىشىكىدىن كىرىش لازىم.
2. ئىلمىي ياكى ئەمەلىي، دىنىي ياكى دۇنيالىق ئىشلاردا كۆزلەنگەن نىشانغا يەتمەكچى بولغان ئادەم شۇنىڭغا ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ يېقىن ئىشىكتىن كىرىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، سەۋەبلەر بىلەن ۋاسىتىلەرنى توغرا ۋە ئەتراپلىق دەڭ سېلىپ، يېتەرلىك ئىلىم بىلەن قوراللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. قۇرئاننى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشنىڭ بىر يولى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى تۇنجى بولۇپ تەفسىر قىلغۇچى زاتتۇر. قۇرئاننى سۈننەتتىن ئايرىپ چۈشىنىمىز دېگۈچىلەر بەئەينى ئۆيگە ئىشىكىدىن كىرمەي، ئارقىدىن تۆشۈك ئېچىپ كىرگۈچىگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن، قۇرئاندا ناماز ۋە زاكاتنىڭ پەرزلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى، قانچە رەكەت ئىكەنلىكى، مال – مۈلۈك قانچىلىك مىقدارغا يەتسە، زاكات ۋاجىپ بولىدىغانلىقى قاتارلىق ھۆكۈملەر بايان قىلىنمىغان. ئەمما، بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر سۈننەتتە كونكرېت بايان قىلىنغان. دېمەك، قۇرئاننى ساغلام ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشنىڭ بىرىنچى ئىشىكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بولۇپ، قۇرئاننى سۈننەتسىز چۈشىنىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ.
4. ئىلىم يولىدا ماڭغان ھەرقانداق كىشى مەيلى شەرئىي ياكى باشقا ئىلىم بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزى ئوقۇۋاتقان ساھەدىكى قورال ئىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىشى، ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى، ئۇلىنى چىڭىتىشى، بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشى قاتارلىقلار چوڭقۇر ئالىم بولۇشنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ؛ بۇنداق ئادەم ئىلىم يولىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، غايىسىگە يېتىدۇ. چۈنكى، نىشان قانچە ئۇلۇغۋار بولسا، ئۇل شۇنچە مۇستەھكەم بولۇشى لازىم. دېمەك، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆز ئىشىكىدىن كىرىش كېرەك.
5. ئىسلام دەۋەتچىلىرى دەۋەتكە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، دەۋەت ساھەسىدە مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىشى بۇ ئۇلۇغۋار خىزمەتكە ئاتلىنىشنىڭ دەسلەپكى ئىشىكىدۇر.
دەۋەتچىلەر ئۆز ساھەسىدە سىستېمىلىق ئىلىم ئىگىلەپ، دەۋەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى ۋە باسقۇچلىرىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىشى لازىم. باشقىلارنى دەۋەت قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ۋە باسقۇچلىرىنى بىلمەيدىغانلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ھەمدە بۇ ساھەنى پېتىقلاپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا دەۋەت ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ ئېتىبارىنى پايخان قىلىشى مۇقەررەر. دېمەك، ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار﴾ دېگەن ئايەتتە كۆرسەتكەندەك، دەۋەت ساھەسىگىمۇ ئىشىكىدىن كىرىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
6. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا مۇناسىپ ئۇسۇل قوللىنىش، ئۇيغۇن ۋاقىتنى تاللاش، قارشى تەرەپنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىپ، توغرا يول تۇتۇش قاتارلىق بىرقانچە ئامىل سۆھبەتنىڭ ھالقىلىق ئاچقۇچى ۋە مۇھىم ئىشىكىدۇر. چۈنكى، ھەرقانداق سۆز دېيىلىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ، ئوبيېكتلارمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆلىماغا گەپ قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئادەتتىكى ئادەم بىلەن پاراڭلاشقاندەك گەپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ.
7. ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى ماڭا ئايالىنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: مەن ئايالىمدىن ئايرىلىپ كېتەي دېسەم، ئۇنىڭ گەردىنىمدە بىرمۇنچە قەرزى بار. مەنمۇ سەۋرسىز بىر ئادەم. شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمىدىم ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى يامان كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدىغان قاتتىق – قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ سېلىشتىنمۇ ساقلىنالمىدىم. مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: سېنىڭ قىلغانلىرىڭنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق. ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرمىسە بولمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. سەن خالىي ئولتۇرۇپ (ئويلىنىپ باقىدىغان) بولساڭ، ئۇ ئايالنىڭ ساڭا ئۆزۈڭنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك مۇسەللەت قىلىنغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن – دە، قىلغان گۇناھلىرىڭ ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ ئۆزۈر تىلەيسەن. ئايال كىشىنى ئازارلاپ بىئارام قىلغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق. بىر ئادەم سەلەف – سالىھلاردىن بىرىنى تىللىدى. ئارقىدىنلا ئۇ كىشى بېشىنى سەجدىگە قويۇپ: ‹ئى ئاللاھ! بۇ كىشىنىڭ ماڭا مۇسەللەت بولۇشىغا سەۋەب بولغان گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن› دەپ دۇئا قىلغان» [ئىبنۇلجەۋزىي: «سەيدۇل خاتىر»، 405].
پاراسەتلىك ۋەزخان، كاتتا ئالىم، ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي بىر كىشىنىڭ ئائىلە مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار﴾ دېگەن سۆزىنى قوللانغان. شۇڭا، بىز بۇ يەردە ئىبنۇلجەۋزىينىڭ ئۇشبۇ ۋەقەلىكىنى مىسال سۈپىتىدە كەلتۈردۇق. مەزكۇر ۋەقەلىكتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلغاندا شاخلىرىنى قويۇپ، يىلتىزىدىن بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
تەييارلىغۇچى: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
0 Comments