شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

ئىيۇن 2, 2023

Bir 1 kişi ve yazı görseli olabilir
كىرىش سۆز
ساھابە، تابىئىن ۋە تەبەئى تابىئىن قاتارلىق ئۈچ ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىدا قانچىلىك چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دىنغا خىزمەت قىلىش يولىدا پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخ ھەممەيلەنگە ئايان. ئەمما، بىزنىڭ مەزكۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخ بەتلىرىدىكى زۇلمەتلىك دەۋرىنى شانلىق دەۋرىگە قانداق باغلاشنى بىلمەي، ئۇلارنىڭ شانلىق دەۋرى ئالدىدا خىجالەتتىن يەرگە قاراپ قېلىشىمىز تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال ۋە بۇ، بىز مۇسۇلمانلارغا قەتئىي ياراشمايدىغان ئىشتۇر.
ھەممىگە ئايانكى، ئىسلام تارىخىدىكى بەزى ھادىسىلەرنىڭ ئەبجەش كۆرۈنۈشىدىكى ئاساسىي سەۋەب بىر قىسىم قارا قوللارنىڭ تارىخىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى بۇرمىلىغانلىقى ۋە بىزنىڭ تارىخىمىزنى بۇ ئۈممەتنىڭ ئىلاھىي ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىدىن باشقىلارنى گۇمانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىشەنچسىز قارا قوللارنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىقىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە بالىلىرىمىزنىڭ ھەرقايسى مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆگىنىۋاتقان تارىخ ماتېرىياللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئىسلام ئۈممىتىگە ۋە ئۇنىڭ شانلىق تارىخىغا قانچىلىك ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
(مىڭ ئەپسۇسكى)، بۇ ھۇجۇملارنى پىلانلاپ، ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىۋاتقانلار كاللىسىغا شەرقشۇناسلارنىڭ زەھەرلىك پىكىرلىرى قاچىلانغان ۋە شۇلارنىڭ ئىدىيەسىدە يېتىشكەن ئۆز ئەۋلادلىرىمىزدۇر. ئەمدى شەرقشۇناسلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن شۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىللىرى ئارقىلىق خالىغىنىنى دەيدۇ، شېرىن چۈشلىرىنى شۇلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچ – ئاداۋەتلىرىنىڭ ئەنتىنى شۇلار ئارقىلىق ئالىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاللىبۇرۇن شەرقشۇناسلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ بولغان.
ئوسمانىيلار ئەرەب دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرنى مىسال ئالىدىغان بولساق، شەرقشۇناسلارنىڭ ياكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ دەۋر ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئاساسسىز، ساختا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. چۈنكى، شەرقشۇناسلار مۇسۇلمان تۈركلەرنى «ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىشغال قىلىپ، بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلغان جاھانگىرلار. ئۇلار يىللاردىن بېرى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان ئەقىدە بىرلىكىدىن ئىبارەت بايراق (ئۇلارنىڭ جاھانگىرلىك ئەپتى – بەشىرىسىنى) يۆگەپ تۇرغان چۈمپەردە. ئۇلار ئاشۇ بايراق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جاھانگىرلىكتىن ئىبارەت غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرغان» دەپ قارايدۇ.
شەرقشۇناسلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىزگە ئىسلام مەدەنىيىتىنى رېئاللىققا تۈپتىن زىت شەكىلدە، چاكىنىلاشتۇرۇپ كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ غەرەزلىرى بۇ شانلىق مەدەنىيەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان بۈيۈك ئۇتۇقلىرىنى كەمسىتىشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلغاندا، ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىدۇ.
شەرقشۇناسلار پەقەت ئىسلام تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، بۇرمىلاش بىلەنلا قالماي، تەفسىر، ھەدىس ۋە فىقھ قاتارلىق ئىسلام ئىلىملىرىگە قەدەر قارا قوللىرىنى سوزۇپ، بەزىدە ئەسل تېكىستلەرنى ئۆزگەرتتى؛ ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتمىگەن نۇقتىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.
شەرقشۇناسلارنىڭ كىتابلىرىدا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار تەفسىر، ھەدىس، فىقھ، ئىسلام ئەدەبىياتى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام كۈلتۈرى قاتارلىق تېمىلار ئىنچىكە تەتقىق قىلىنغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىتابلىرى ئىنستىتۇت ۋە خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەزكۇر ساھەلەردە ئىختىساسلاشماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى قول تەتقىقات مەنبەلىرى بولۇپ قېلىشى، نەتىجىدە مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقشۇناسلارنىڭ ئىدىيە ۋە پىكىرلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان جارچىلارغا ئايلىنىپ قېلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر1.
مۇسۇلمانلار ئىلىم ۋە تەتقىقات ساھەسىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشى كېرەك
ئىسلام دۇنياسى ئۇزۇندىن بېرى ئىلمىي ساھەدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ۋە پىكرىي ئەركىنلىكىنى يوقىتىپ قويغاچقا، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا ھەتتا تەفسىر، ھەدىس، فىقھ قاتارلىق دىنىي ئىلىملەردىمۇ غەربكە موھتاج بولۇپ، ئۇلارنىڭ داستىخىنىدىكى تەييارتاپقا ئايلىنىپ قالدى. شەرقشۇناسلار ئىلمىي تەتقىقاتچىلىق، مەسىلىلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇستاز ۋە يېتەكچىلەر بولۇپ قالدى. تارىخ، پەلسەپە، ئىسلام ئىدىيەسى ۋە ھۆكۈملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىردىنبىر ئىسپاتقا يارايدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبەگە ئايلاندى. مەزكۇر ساھەلەردە رەت قىلىش ياكى قوبۇل قىلىپ بېكىتىشتە ئەڭ سالاھىيەتلىك نامزاتلارمۇ يەنە شۇلار بولدى.
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پوپلار، خىرىستىيان دىن تەشۋىقاتچىلىرى، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان رادىكاللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئوچۇم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئىسلامغا ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەشەددىي ئۆچمەنلىك قىلىپ كېلىۋاتقان، ئىسلام مەدەنىيىتىنى چاكىنا كۆرسىتىپ مەسخىرە قىلىۋاتقان، مەتىن (ئايەت – ھەدىس) لەر ۋە نەقىللەرنى بۇرمىلاپ، خىيانەت قىلىۋاتقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلمەيدىغان ۋە بۇ ساھەدە ئىختىساسلاشمىغان كىشىلەر بولغاچقا، مەتىنلەرنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ، تەرجىمە قىلىشتا كەچۈرگۈسىز ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلغان.
شەرقشۇناسلارنىڭ پىكىر ئېقىملىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى ئىسلام دۇنياسىدىكى يېڭى ئىلمىي مۇھىتلارغا سىڭىپ كىرىپ، «دىن سىياسەتتىن ئايرىم»، «دىن پەقەت شەخسنىڭلا ئىشى، جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسى يوق»، «دىن پەقەت ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاقتىنلا ئىبارەت، سىياسەت ۋە ئىدارىي ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق»، «دىنىي چۈشەنچىلەرگە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ھازىرقى زامان غەرب مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك» دېگەندەك ئىدىيە ۋە پىكىرلەر ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىسلام دۇنياسىدىكى شەرقشۇناسلارنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قولچوماقچىلىرى مۇشۇنداق ئىدىيە ۋە پىكىرلەرنى توختىماي بازارغا سېلىپ، ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
شەرقلىق مۇسۇلمان يازغۇچىلار ۋە مۇتەپەككۇرلار غەرب مەدەنىيىتىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئىككىلەنمەي، ئەركىن ۋە يۈرەكلىك ھالدا تەنقىد قىلالمىدى. (ئەپسۇس)، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەپەككۇردا زەئىپلىشىپ، تەقلىدچىلىك پاتقىقىغا شۇنچىلىك پېتىپ كەتتىكى، غەرب مەدەنىيىتى ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى، ئۇنىڭدىن يۇقىرى پەللە يوق دەپ جار سالماقتا. يەنە بەزىلىرى پۈتۈن غەرب مەدەنىيىتىنى شەرق دۇنياسىغا شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىش كېرەك دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ھەتتا، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، ياۋروپاغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان يۇنان مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك دەپ جار سالماقتا.
بۈگۈنكى ئەۋلادلاردا غەرب مەدەنىيىتىنى، ھايات پەلسەپىسىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى رەت قىلىپ، غەرب مەدەنىيىتىنى مۇكەممەل ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلەيدىغان ئىلىملىك، پاراسەتلىك، قانائەتلىنەرلىك چۈشەنچە بېرەلەيدىغان تالانتلىق مۇتەپەككۇرلار ئازلاپ كەتتى. ئەمما، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلغار مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان ياۋروپالىق ئۇستاز مۇھەممەد ئەسەدكە ئوخشاش قىممەتلىك شەخسلەرنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا دەپ قارايمىز، ئەلۋەتتە.
ناۋادا ئىسلام دۇنياسى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆز ئەقلىمىزگە تايىنىپ تەپەككۇر قىلىمىز دەيدىكەن، قانداق قىلسا قىلىپ بوينىدىكى قۇللۇق زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، غەرب مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ سەلبىي تەرەپلىرىنى تەنقىدلىيەلەيدىغان، شەرقشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە قاراشلىرىنى تەپەككۇر ئەلگىكىدە تاسقاپ، خاتالىقلىرىنى تۈزىتەلىگۈدەك سەۋىيەگە ئىگە زەبەردەست ئۆلىمالارنى ۋە پىكرى ئۆتكۈر يازغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. بۇلار ئىسلامىي ئىلىملەردە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى كاتتا شەرقشۇناسلارنىڭ خاتا قاراشلىرىنى تۈزىتەلىگۈدەك دەرىجىدە ۋايىغا يېتىشى ۋە ئىختىساسلىشىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا تەتقىقاتچىلار ۋە ئىلىم ئاشىنالىرى خۇددى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىگە بېرىشقا ئادەتلەنگەندەك، ئىسلام مەركەزلىرىگە كېلىشكە باشلايدۇ2.
بىز بۇ ماقالىمىزدە شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار، شەرقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، تەتقىقات ساھەلىرى، سەۋەبلىرى، شەرقشۇناسلارنىڭ نىشان ۋە غەرەزلىرى، ئۇلارنىڭ غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قوللانغان ۋاسىتىلىرى، ئاتاقلىق شەرقشۇناسلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە كىتابلىرى قاتارلىق تېمىلاردا توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز.
شەرقشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلار
«شەرقشۇناسلىق»: بۇ سۆز ئېتىمولوگىيەلىك جەھەتتە «شەرق» كەلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بىزنىڭ تىلىمىزغا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن. ئەرەب تىلىدا بۇنى «ئىستىشراق» دېيىلىدۇ. «ئىستىشراق» كەلىمىسى «شەرەقە» كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، سۆزلۈكتە «دىققىتىنى شەرققە مەركەزلەشتۈرۈش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىستېمالدا «شەرق ئەللىرىنىڭ تىل – يېزىقى، تارىخى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى، كۈلتۈر مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش» دېگەنلىكتۇر.
«شەرقشۇناس (مۇستەشرىق)» شەرق ئەللىرىنىڭ تىل – يېزىقى، تارىخى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى، كۈلتۈر مىراسلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىستۇر3.
شەرقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى
شەرق ئەللىرىنىڭ (تىل – يېزىقى، تارىخى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى، كۈلتۈر مىراسلىرىنى) تەتقىق قىلىشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن تۇنجى غەربلىكنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىشنىڭ قاچان باشلانغانلىقى نامەلۇم. ئەمما، غەربلىك بەزى راھىبلارنىڭ ئىسپانىيەنىڭ شانلىق دەۋرلىرىدە مۇشۇ يەرگە كېلىپ، مەدرىسەلەردە ئوقۇغانلىقى، قۇرئان كەرىم ۋە بەزى ئەرەبچە كىتابلارنى ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلغانلىقى، پەلسەپە، تېبابەت ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئالىملارغا شاگىرت بولغانلىقى تارىخىي ھەقىقەتتۇر.
بۇ راھىبلارنىڭ پېشقەدەملىرى مىلادىيە 999 – يىلى ئىسپانىيە ئىنستىتۇتلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەملىكىتىگە قايتقاندىن كېيىن، رىم چېركاۋىنىڭ پوپلىقىغا تەيىنلەنگەن فىرانسىيەلىك راھىب «جەربەرت»، ئېپىسكوپ پىررەلە ئانەرەرە (1092−1156) ۋە جىيراردىي كەرىيموندۇر (1114−1187).
مەزكۇر راھىبلار مەملىكەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ كۈلتۈرلىرىنى تارقىتىپ، داڭلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئارقىمۇئارقا نەشر قىلىشقا باشلىدى. كېيىن ئەرەبچە تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئەرەبچە «بادەۋى» مەدرىسەسىگە ئوخشاش ئىنستىتۇتلار قۇرۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، مۇناستىرلاردا ۋە ئەرەبچە ئۆگىتىلىدىغان مەدرىسەلەردە ئەينى زاماندا پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرىدە «ئىلىم تىلى» دەپ تونۇلغان لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنغان مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ كىتابلىرى ئوقۇتۇلۇشقا باشلىدى. تەخمىنەن ئالتە ئەسىر مابەينىدە ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابلىرىنى تەتقىقاتلىرىنىڭ ئانا مەنبەسى قىلدى.
شۇنىڭدىن تارتىپ غەربتە ئىسلام ۋە ئەرەب تىلىنى تەتقىق قىلىدىغانلار بىلەن قۇرئان كەرىمنى، ئەرەبچە ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدىغانلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ ئىش غەربنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىپ، بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىشقا باشلىغان 18 – ئەسىرگىچە داۋاملاشتى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى بىرقانچە ئالىمنىڭ «شەرقشۇناس» ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ پۈتۈن غەرب ئەللىرىدە ژۇرناللار نەشر قىلغانلىقى مەلۇم.
ئۇلار ئىسلام ئەللىرىدىكى ئەرەبچە نادىر قوليازما ئەسەرلەرگە كۆز تىكىپ، ئەسەرلەرنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان كىشىلەردىن ئەرزان باھادا سېتىۋالدى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چوڭ كىتابخانىلاردىن ئوغرىلىدى. ئۇلار قوليازما ئەسەرلەرنى (ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ) ئۆز مەملىكەتلىرىگە ياكى شەخسىي كۇتۇپخانىلىرىغا يۆتكەپ ئەكېلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەرەبچە نادىر قوليازما ئەسەرلەر ياۋروپا كىتابخانىلىرىغا يۆتكەلدى. مىلادىيە 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپاغا يۆتكەلگەن قوليازما ئەسەرلەرنىڭلا سانى 250 مىڭ پارچىغا يەتكەن. بۇ نادىر ئەسەرلەرنىڭ سانى كۈنىمىزگە قەدەر كۈنسايىن ئاشماقتا.
شەرقشۇناسلارنىڭ تۇنجى قۇرۇلتىيى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 1873 – يىلى پارىژدا ئېچىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى، دىنلىرى، مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرلىرى مۇنازىرە قىلىنىدىغان قۇرۇلتايلار ئارقىمۇئارقا ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇنداق قۇرۇلتايلار ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا4.
داۋامى بار…
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
مەنبەلەر:
———————————–
1 مۇستافا سىبائىي: «ئەلئىستىشراق ۋەلمۇستەشرىقۇن (مالەھۇم ۋەمائەلەيھىم)»، 1 – 6 بەتلەر.
2 ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «مازا خەسىرەل ئالەم بىئىنھىتاتىل مۇسلىمىن»، 237 – 238 بەتلەر.
3 ئەھمەد مۇختار ئۆمەر: «مۇئجەمۇل لۇغەتىل ئەرەبىيەتىل مۇئاسىرە»، «شەرەقە» پېئىلى.
4 مۇستافا سىبائىي: «ئەلئىستىشراق ۋەلمۇستەشرىقۇن (مالەھۇم ۋەمائەلەيھىم)»، 17 – 19 بەتلەر
İstatistikleri ve reklamları gör
Gönderiyi Öne Çıkar
<img class="x16dsc37" role="presentation" src="data:;base64, » width=»18″ height=»18″ />
Tüm ifadeler:

3

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This