ئەللامە مۇسا جارۇللاھنىڭ ئۆمەر بايغا يازغان مەكتۇپى

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

ئىيۇن 2, 2023

مۇسا جارۇللاھ ئىبنى فاتىمە قازانىي تاتارىي (1292−1369ھ/1875−1949م) رۇسىيەنىڭ روستۇف شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ئەرەبچە، پارسچە، تاتارچە، تۈركچە، رۇسچە قاتارلىق بىرقانچە تىلنى پىششىق بىلىدىغان، تەفسىر، فىقھ، پەلسەپە ئىلىملىرىدە يېتىشكەن ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان كاتتا ئالىم. 1917 – يىلى رۇسىيەدە بولشېۋىك ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ھاياتى خەتەر ئاستىدا قېلىپ، 1930 – يىلى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدىن ئايرىلىپ، يوشۇرۇن ھالدا قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ، ئۆمەر باينىڭ ئۆيىگە چۈشكەن. شەرقىي تۈركىستاندا سابىت داموللام ۋە زەرىف قارىھاجىم قاتارلىق بىرقانچە نەپەر ئۆلىما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. قەشقەردە ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، كوممۇنىستلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇ يەردىنمۇ ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، تۆت ئاي داۋام قىلغان ئاتلىق سەپەردىن كېيىن، فامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا بارغان. كېيىن بىرقانچە شەھەرگە بېرىپ، 1948 – يىلى ئاخىرقى ئۆمرىنى مىسىردىكى «دارۇل ئاجىزىن (ياشانغانلار ساناتورىيەسى)»دا ئۆتكۈزۈپ، 1949 – يىلى ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەردە يەرلىكىگە قويۇلغان (مەنسۇر ئىبنى ئابدۇلباقىي بۇخارىي: «ئۇلەمائۇ ماۋەرائەننەھر»، 47‐48).
مەزكۇر مەكتۇپ بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 2007 – يىلى 3 – سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ژۇرنالدا پەقەت تاتارچە يېزىقنىڭ ئوقۇلۇشىلا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھەمدە يېزىلىشىدىمۇ بەزى خاتالىقلار مەۋجۇت. بۇ مەكتۇپ ئەينى زاماندا پەيلاسوپ مۇسا جارۇللاھ ئۆمەر باينىڭ ھۇزۇرىدا كۈتۈۋېلىنغاندىن كېيىن، تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەرگە يوليورۇق كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى قەشقەر مائارىپىنى ۋە مائارىپ جەھەتتە چوڭ رول ئوينىغان ئۆمەر باي بىلەن مۇسا جارۇللاھنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مەن بۇ مەكتۇپنى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تاتارچە يېزىقنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن ۋە تەتقىقاتلىرىغا ياردىمى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە تاتارچىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ تەييارلىدىم:
مۆھتەرەم ساخاۋەتچى ئۆمەر ئاخۇن بايغا مەكتۇپ:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
﴿وَآَتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا وَإِنَّهُ فِي الْآَخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ﴾ ﴿دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر﴾(«ئەنكەبۇت»، 27).
كاتتا ھىممەتلىك، مۆھتەرەم، ساخاۋەتچى ئۆمەر ئاخۇن ئىسمائىل ئاخۇن باي ھەزرەتلىرى! مەزكۇر ئايەت كەرىمە ئاۋۋالقى ئۈممەتلەرنىڭ بۈيۈكلىرى ھەققىدە چۈشكەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئىسلام مىللەتلىرى ئارىسىدىكى سىزگە ئوخشاش شەخسلەر ھەققىدىمۇ نازىل بولغاندۇر.
دىيانەتلىك، راستچىل، توغرا ۋە گۈزەل ھاياتىڭىزنىڭ نەخ مۇكاپاتى بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ مۇشۇ دۇنيادىلا خەزىنىڭىزگە بەرىكەت، بۈيۈك مال – دۆلەت بەردى، ئەل ئارىسىدا سىزگە كاتتا ھۆرمەت ئاتا قىلدى، ھۆكۈمەت ئالدىدا ئابرۇي – ئىناۋەت، خەلق ئالدىدا ئىجتىمائىي نوپۇز بەردى. ﴿وَآَتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا﴾ دېگەن ئايەت كەرىمەنىڭ بىر مەنىسى شۇنداقتۇر. ﴿وَإِنَّهُ فِي الْآَخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ﴾ دېگەن ئايەت كەرىمەسى ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇنىڭ مۇھەققەق ئەبەدىي ۋەدىسىگە ئاساسەن، ئاخىرەتتىكى يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتتىكى بەخت – سائادەت ۋە ياخشىلىق سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ئادەملەرگە (بولىدىغانلىقى توغرىسىدا) قۇرئان كەرىمنىڭ بۈيۈك بېشارىتىدۇر. مىللەتنىڭ سىزگە ئوخشاش ئادەملىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇنىڭ بەختلىك بەندىلىرىدۇر.
ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتسىڭىز يەنى ھىممىتىڭىزنى، ساخاۋىتىڭىزنى، خەير – ئېھسانلىرىڭىزنى ئاۋۋالقىدەك داۋام قىلسىڭىز، تىرىشچانلىق يولىدا مۇستەھكەم تۇرسىڭىز، مال – دۆلىتىڭىز، ھۆرمىتىڭىز ۋە ئىناۋىتىڭىز ئاۋۋالقىدىنمۇ زىيادە بولىدۇ، مىراسخورلىرىڭىزغىمۇ مىراس قالىدۇ.
مەن سىزدە ئاجايىپ گۈزەل بىر خىسلەتنى كۆردۈمكى، بەرىكەتلىك مال – دۆلىتىڭىز شۇنچىۋالا كۆپ بولسىمۇ، ناھايىتى زاھىد، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆردۈم. ھىممىتىڭىز ۋە خەير – ئېھسانلىرىڭىز شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ھەرقانداق ئىشتا ھەركىمگە ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلە قىلغانلىقىڭىزنى كۆردۈم. ھەركىمگە بولۇپمۇ ئىلىم ئەھلىلىرىگە ھەتتا كىچىك تالىبۇلئىلىملەرگىمۇ قىلغان ئالىي ئېھتىراملىرىڭىزنى كۆردۈم. سىزگە ھال ئېيتىپ كەلگەن باي – كەمبەغەل، كۈچلۈك – ئاجىز ھەممەيلەنگە كاتتا شەپقىتىڭىزنى، ھۆكۈمدە بۈيۈك ئادالىتىڭىزنى، ھەر نەرسىدە توغرا قارىشىڭىزنى كۆردۈم ۋە بىلدىمكى، تەقۋادارلىقىڭىز، كۈچلۈك ئىمانىڭىز، دىنىي بۇيرۇقلارغا بولغان بۈيۈك ئېھتىرامىڭىز سىزنىڭ شۇنچە كۆپ مال – دۆلىتىڭىزدىن، ئالىي ھىممىتىڭىزدىنمۇ زىيادە ۋە كۈچلۈك ئىكەن.
سىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك مال – دۆلىتىڭىز سىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئىمانىڭىزدۇر. مەن سىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئېسىل شەرىپىڭىزنى كۆرۈپ مەمنۇن بولدۇم. قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىگە قارىتا ئۈمىدىم ئاشتى.
ئەگەر مال – دۆلىتىڭىز ئاز بولسا ياكى كاتتا بولسىمۇ مال – دۆلىتىڭىزگە نىسبەتەن دىنىڭىز سەل ئاجىز بولسا ياكى خەلق ئالدىدا نوپۇزىڭىز ۋە ھۆرمىتىڭىز بىرئاز تۆۋەن بولسا ئىدى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ۋە دىنىي مەدرىسەلەرنى ئىسلاھ قىلماسلىققا بىرەر توسالغۇ ياكى باھانە تېپىلار ئىدى. ئەمما، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھېچقانداق توسالغۇ يوق، كۈچىڭىز بار، ئارزۇلىرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز، دىنىڭىزمۇ سىزگە كۈچتۇر. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋە دىنىي مەدرىسەلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا بولغان ئېھتىياج ھەمدە خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرى بەك چوڭدۇر.
قەشقەرنىڭ مەسجىدلىرى ۋە جامىلىرى ھەقىقەتەن ئاۋات. ئىماملىرىڭىز قىرائەت، خۇتبە ۋە ۋەز – نەسىھەت قاتارلىق ئىشلاردا ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئادا قىلالمىسىمۇ، خەلقنىڭ مەسجىد، ناماز ۋە جامائەت ئەدەپ – قائىدىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم.
قەشقەرنىڭ مەسجىدلىرى ۋە نامازلىرىغىلا قانائەت قىلىپ قالسىڭىز، (بۇ ئىش) باشتىن تارتىپ بار. لېكىن، مەكتەپلىرىڭىزدە قولاي ۋە ئىنتىزاملىق مائارىپ، دىنىي مەدرىسەلىرىڭىزدە ئەدەبىيات ۋە دىن ئىلىملىرى دەرسلىرى يوق ياكى (بولسىمۇ بەك) ئاز. دەرس ئۆگىتىش ئۇسۇللىرى بەك قالاق، سەلەف – سالىھلارنىڭ ئۇسۇللىرىغا تامامەن مۇخالىپ، بۇزۇق بىر ئۇسۇلدۇر. مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەردە تەلىم – تەربىيە ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، مېۋىلىرى ۋە نەتىجىلىرى تولىمۇ ئاز.
مەھەللە ۋە كەنتلەرنىڭ ھەربىرىدە بىنالىرى گۈزەل سېلىنغان باشلانغۇچ مەكتەپلىرىڭىز بار. خەت تونۇش، ھۆسنخەت، ئىلمى ھال، ئەدەبىيات ۋە ھېساب قاتارلىق زۆرۈر مەلۇماتلارنى قولاي ئۇسۇلدا ئۈچ – تۆت يىلدا ئۆگىتىش يولىدا بىرەر مەكتەپنى ئۈلگە قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارسىڭىز، باشقا مەكتەپلەرمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئىسلاھ قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا خەت تونۇش ئومۇملاشقان بولاتتى.
شەھىرىڭىزدە ئون – ئون بەشكىچە مەدرىسە بار، بىنالىرىمۇ گۈزەل، (مۇشۇ مەدرىسەلەر) تامامەن يېتىدۇ. يەنە يېڭى مەدرىسە سېلىشقا ئېھتىياج يوق. يەنە كېلىپ، شەھىرىڭىزدە مەلۇماتلىق، ئىقتىدارلىق ئون – ئون بەش مۇدەررىسمۇ تەييار، سىرتتىن مۇدەررىس تەكلىپ قىلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
مەدرىسەلەرنىڭ بىرىدە ئەدەبىيات ۋە دىن ئىلىملىرى ھەققىدىكى دەرسلەرنى بەش – ئالتە يىل ئىچىدە تولۇق تاماملاش ئۇسۇلى بىلەن دەرس ئۇسۇللىرىنى ئىسلاھ قىلسىڭىز، پۈتۈن مەدرىسەلەرنىڭ دەرس ئۇسۇللىرى تامامەن ئىسلاھ قىلىنغان بولاتتى. ناھايىتى ئاسانلا ئىشقا ئاشىدىغان بۇ ئىشلار قەشقەر مۇسۇلمانلىرىغا ھاياتلىق بەخش ئېتەر ئىدى، ئۇلارنىڭ دىنلىرىنى ۋە دۇنيالىرىنى تېخىمۇ ئاۋات قىلار ئىدى، تارىخ بەتلىرىڭىزگە ۋە ياخشى نامە – ئەمەل دەپتەرلىرىڭىزگە پۈتۈلىدىغان بۈيۈك بەرىكەت ۋە شەرەپ بولار ئىدى.
(بۇ ئەھۋاللار) سىزگە مەندىن بەكرەك ئايان بولسىمۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە دىنىي مەدرىسە ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرىمنى زۆرۈرىيەت دەپ قاراپ يازدىم. سىز بىلەن ئىككى – ئۈچ ئاي سۆھبەتتە بولۇپ، ئۆتكۈر ئەقلىڭىزنى، تولىمۇ توغرا ۋە ئېھتىياتچان تەدبىرلىرىڭىزنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. (ئۇنىڭ ئۈستىگە) مەندە ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلغۇدەك ۋە مەسلىھەت بېرىپ ئولتۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى. (ئەگەر) رېئاللىقتا ئىككى – ئۈچ تۈرلۈك ئاچچىق ساۋاق بولمىسا ئىدى، مەكتەپ ۋە مەدرىسە توغرۇلۇق سىزگە خەت يازماس ئىدىم ۋە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپمۇ ئولتۇرمىغان بولاتتىم. بولشىۋېك قىتئەلىرىدىكى پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى سىزگىمۇ ئايان. دۇنيا ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابلىرى سىزگە، بەلكى ھەممىڭلارغا مەلۇم. مۇشۇ بۈيۈك ئىككى ساۋاق بولمىسا ئىدى، باشلانغۇچ مەكتەپ ھەققىدە سىزگە بىر نەرسە دەپ، خەت يېزىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، ئەلۋەتتە.
ناۋادا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىپ، دىنىي مەدرىسەلەرنىڭ بىرىدە ئەدەبىيات ۋە دىن ئىلىملىرى دەرسلىرىنى سەلەفلەرنىڭ ئۇسۇللىرىغا قايتۇرمىسىڭىز، گىرمانىيەدىكىگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپلەرگە بالىلىرىڭىزنى ئەۋەتىپ، مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن مائارىپ تەربىيەسى بەرمىسىڭىز، بولشىۋېزم خەتەرلىرى ۋە تۈركىيە ئىنقىلابلىرى سىزنىڭ دىيارىڭىزغىمۇ ئەلۋەتتە كىرىدۇ. ئۇ چاغدا دۇنيالىق دۆلىتىڭىزمۇ، دىنىي سائادىتىڭىزمۇ تامامەن قولىڭىزدىن كېتىپ قالىدۇ. ئاللاھ ساقلىسۇن!
رۇسىيەدە نىكولاي دەۋرلىرىدە مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلۇپ، ساۋات چىقىرىش ئومۇملاشقان بولسا ئىدى، بولشىۋېزم ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغان كۈچلۈك ئامىللار ۋە يوللۇق باھانىلەر تېپىلماس ئىدى. پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئېچىلىپ، تۈركىيە مەدرىسەلىرىدە ئەدەبىيات ۋە دىن ئىلىملىرى ئۆگىتىلگەن بولسا ئىدى، تۈركىيە ئىنقىلابلىرى خىلاپەتنى، شەرىئەتنى ۋە ئەرەبچە ئېلىپبە ھەرپلىرىنى تەرك ئەتمەس ئىدى.
نادان مىللەتتە ئىنقىلاب پىتنىلىرى يامرىغان تەقدىردىمۇ، دىنىي ئىلىملەر تەرەققىي قىلغاندا غايىب بولىدۇ. ﴿كَتَبَ اللَّهُ لَأَغْلِبَنَّ أَنَا وَرُسُلِي﴾ ﴿ئاللاھ (لەۋھۇلمەھفۇزدا): مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، دەپ يازدى﴾(«مۇجادەلە»: 21) دېگەن ئايەت كەرىمىنىڭ مەنىسى شۇدۇر.
دىنىمىزنى ۋە دۇنيايىمىزنى ئىنقىلاب پىتنىلىرىدىن، بولشىۋېزم خەتەرلىرىدىن قوغداش نىيىتىمىز بولسا، بۇ پەقەت ئىلىم ۋە دىن كۈچى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
(بۇنىڭ) چارىسى ناھايىتى ئوڭاي بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىڭىزنى ۋە دىنىي مەدرىسەلىرىڭىزنى ئىسلاھ قىلسىڭىز، مەسىلە تولۇق ھەل بولىدۇ. مەكتەپ ۋە مەدرىسەلىرىڭىزنىڭ خىراجەتلىرى بار، ئارتۇق خىراجەتلەرگە ئېھتىياجىڭىز يوق، سىرتتىن مۇدەررىس چاقىرىپ ئەكېلىش زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. (بۇ گەپلەرنى سىزگە دەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ سەۋەبى) سىزنىڭ مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان چەكسىز سۆيگۈڭىز ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان بۈيۈك ئېھتىرامىڭىزنىڭ بارلىقىدىندۇر. مۇشۇ سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتنىڭ بۈيۈك مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز، ئەڭ بۈيۈك ئىسلاھات نىشانىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ نام – شەرىپىڭىز مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبلىرىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ، خەلق تائەبەد سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ.
مېنى مەكتەپ ۋە مەدرىسەلىرىڭىزنىڭ خىزمەتلىرىگە تەكلىپ قىلسىڭىز، مەن ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆزۈم ۋە پۈتۈن ئائىلەمنى مەكتەپ ۋە مەدرىسە خىزمىتىگە خالىس ۋەخپە قىلىمەن، ئەلۋەتتە، ئىنشائاللاھ.
بۇ ھەقتە يەنى بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى قەشقەرنىڭ مەكتەپ ۋە مەدرىسەلىرى ھەققىدە سىزگە بىر مۇراجىئەت يازغان ئىدىم. قىزلىرىڭىز، ئائىلىڭىز ۋە رىغبەتلىك تالىپلىرىڭىز ئۈچۈن ئۆزۈم دەرس ئۆگىتەي دېگەن ئىدىم. ئاقىۋەت باشقا ئىشىك ۋە يوللار تامامەن تاقالغاندىن كېيىن، مېنى شەھىرىڭىزگە زۆرۈرىيەت ھەيدەپ ئەكەلدى، مەجبۇرىيەت ئاياغلىرى بىلەن شەھىرىڭىزگە كەلدىم. سىزنىڭ ۋە سىزگە تەۋە پۈتۈن شەھىرىڭىزنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېھتىراملىرىنى كۆردۈم. (بۇنىڭغا) تەشەككۈر ئېيتىمەن ۋە لايىقىدا تەشەككۈر ئېيتىشتىن ئاجىزلىق قىلىمەن.
اى خدايا بى چزاھا اى شرىف
قوت شكرت ندارداين حريف
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سەندىن باشقا ياردەمچىم يوق، بۇ ھەرپلەر ساڭا لايىقىدا شۈكۈر بەجا كەلتۈرۈشتىن ئاجىزدۇر.
كۈچلۈك، پاك دىيانىتىڭىز، كاتتا ئېھسانلىرىڭىز، خالىس ئېھتىراملىرىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە رىغبىتىم تېخىمۇ ئاشتى. ماڭا قىلغان كاتتا ئېھتىراملىرىڭىزغا جاۋابەن (مائارىپ) خىزمىتىمنى سىزگە تەكرار سۇنماقچىمەن. مەكتەپ خىزمەتلىرىگە پۈتۈن ئائىلەمنى، مەدرىسە خىزمەتلىرىگە ئۆزۈمنى سۇنىمەن.
والجود بالنفس أقصى غاية الجود
جان بىلەن سېخىيلىق قىلىش سېخىيلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.
تەكلىپ قىلسىڭىز، خىزمەتكە قايتىمەن. «خىلافت اسلامىيە»، «ھۇرۇفات ئەرەبىيە»، «شەرىئەت اسلامىيە»، «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسى قاتارلىق بۈيۈك ھەم ئەھمىيەتلىك تۆت – بەش تال كىتابىمنى ۋە ئون بەش – يىگىرمىگە يېقىن چوڭ – كىچىك كىتابلىرىمنى بېرلىن شەھىرىگە ئەۋەتتىم. رۇخسەت قىلسىڭىز ۋە قوبۇل كۆرسىڭىز، بىرىنچى كىتابىمنى سىزنىڭ نامىڭىزدا نەشر قىلدۇرماقچىمەن. بۇ ئارقىلىق بۈيۈك ئېھسانلىرىڭىز ۋە كاتتا ئېھتىراملىرىڭىز ئۈچۈن قۇربىم يەتكەنچە تەشەككۈر ئېيتقان بولارمەن.
شەئبان ۋە رامىزان ئايلىرىدا ئىنتايىن كاتتا، ھەشەمەتلىك سارىيىڭىزدا ناھايىتى ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئىككى – ئۈچ ئايغىچە مېھمان بولدۇم. سىزگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن باشقا بىر (ئىشقا) بەل باغلاشتىن ئاجىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، نامىڭىزغا ئاتاپ رامىزان كېچىلىرىدە (كۆڭۈل) خاتىرەمدىن بىر رىسالە يېزىپ، قەشقەر تالىپلىرىغا ھەدىيە قىلدىم. ئەدەبىيات ۋە دىن ئىلىملىرى دەرسلىرىگە كۈچلۈك رىغبىتىمنى ۋە ئوچۇق ھازىرلىقىمنى سىزگە بىلدۈرىدىغان بىر ئۆرنەك تەقدىم قىلدىم. رىغبەت ۋە قەدىرلەش سىزنىڭ قولىڭىزدىدۇر، تەۋپىق ۋە تەقدىر ئاللاھ جەللە جالالۇھۇنىڭ ئەمرىدۇر.
ئەبەدىيەن سىزگە تەشەككۈر ئېيتقۇچى:
مۇسا جارۇللاھ
قەشقەر، ھىجرىيە 1349 – يىلى، شەۋۋال
مىلادىيە 1931 – يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى.
تاتارچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This