رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان: ئابدۇرراززاق رەجەب

ئىيۇن 2, 2023

ئىستېداتلىق ئالىم، ئىخلاسمەن دەۋەتچى، پاراسەتلىك تەربىيەتچى، تالانتلىق ئەدىب، ئۆزى ئەرەب بولمىسىمۇ، ئەرەبچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ئۇستا ناتىق، ئەرەبچە يازالايدىغان قابىلىيەتلىك يازغۇچى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ، دەردلىرىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن قەلبى ۋولقاندەك يېنىپ تۇرىدىغان جاسارەتلىك مۇجاھىد، رەببانىي ئالىم، دەۋەت يولىدا سەمىمىي بولغانلىقتىن، ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پۈتۈن ئۈممەتنىڭ تەربىيەتچىسى، سەلەف – سالىھلارنىڭ تىپىك نەمۇنىسى ھىندىستانلىق ئەللامە ئەبۇلھەسەن نەدۋىي رەھىمەھۇللاھ قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە پاساھەتلىك لېكسىيەلىرى بىلەن ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ۋە باشقا نۇرغۇن ئەللەردە كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئىگە زاتتۇر.شەيخ يۈسۈف قەرەداۋىي ئۇ كىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دىنىنى ئىسلاھ قىلىشقا، چىن ئىمانىنى قايتىدىن بەرقارار قىلىشقا ۋە ئۈستىگە چىگىلگەن رىسالەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتكەن تېپىلغۇسىز دەۋەتچىلەردىن بىرى ئىدى»(1).مۇئەللىپنىڭ نامى، نەسەبى ۋە ئائىلىسىمۇئەللىپنىڭ تولۇق ئىسمى سەييىد ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئابدۇلھەي ئىبنى فەخرۇددىن ئەلھەسەنىي بولۇپ، ھىجرىيە 1332 – يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 6 – كۈنى، (مىلادىيە 1914 – يىلى) ھىندىستاننىڭ رايبىرىلى شەھىرىگە قاراشلىق لۇكنوۋ شەھىرىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان «تەكىيە» كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇنىڭ ئەجدادى ئەرەب نەسلىدىن بولۇپ، ئۇلار تارىخ مابەينىدە ئۆزلىرىنىڭ نەسەب شەجەرىسىنى ياخشى ساقلاپ كەلگەن. گەرچە ئۇلار ئەسىرلەر مابەينىدە ھىندىستاندا ياشىغان بولسىمۇ، ئىسلام شەرىئىتىگە چىڭ ئېسىلىش، مەرىپەتچىلىك، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا بارلىقىنى بېغىشلاشتا ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، دىندار ئائىلە ئىدى.
بۇ ئائىلىنىڭ نەسەب شەجەرىسى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئىمام ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدۇ. شۇڭا، بۇ ئائىلە «ئەلھەسەنىيە» دېگەن نام بىلەنمۇ مەشھۇردۇر.
ھىجرىيە 7 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە موڭغۇل بالاسى پۈتۈن يەر – جاھاننى قاپلىغان كۈنلەردە، بۇ ئائىلىنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىدىن تۇنجى بولۇپ ئەمىر سەييىد قۇتبۇددىن مۇھەممەد ئەلمەدەنىي (ھ. 581‐677 / م. 1186‐1279) دېگەن كىشى بىر توپ ھەمراھلىرى بىلەن باغداد ۋە غەزنە ئارقىلىق ھىندىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان.
مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي (ھ. 1286‐1341 / م. 1869‐1923) ھىجرىيە 14 – ئەسىردە ياشىغان ھىندىستانلىق بۈيۈك ئالىملاردىن بىرى بولۇپ، ھىندىستان ئىلى ئېغىر سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە پىكرىي داۋالغۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان، مۇسۇلمانلار ئىنگلىزلار تەرىپىدىن قاتتىق ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىۋاتقان بىر دەۋردە ياشىغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشى، ھاياتتىكى ئەسلىي ئورنىغا قايتىپ كېلىشى ۋە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالىشى ئۇلارنىڭ ئىسلامنى ساغلام چۈشىنىشىگە، يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىغا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە دەۋرنى ياخشى چۈشىنىش بىلەن بىرگە ئىلىم – مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى؛ مۇسۇلمانلار مۇپتىلا بولغان بىرىنچى ئاجىزلىق ئالىملارنىڭ ھايات سەھنىلىرىدىن چېكىنىپ، ئۈممەتنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ ئىلىم، پىكىر ۋە ئەمەل قاتارلىق ساھەلەردە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن، «نەدۋەتۇل ئۇلەمائ (ئۆلىمالار ئۇيۇشمىسى)»نى قۇرۇپ چىققان.
ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.
مۇئەللىپنىڭ ئانىسى خەيرۇننىسا بىنتى زىيائۇننەبىي ئەلھەسەنىي بىر قولىدا قەلەم، يەنە بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتكەن، پەزىلەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان ئانا، تالانتلىق يازغۇچى، «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان، بىرقانچە پارچە كىتابلىرى نەشر قىلىنغان، ئىقتىدارلىق ئايال ئىدى. ئۇ يەنە «رەھمەت ئىشىكى» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاللاھقا يېلىنىش توغرىسىدا ۋە «رەھمەت ئاچقۇچى» دېگەن ئىسىم بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدھىيەسىگە دائىر ئىككى قىسىملىق شېئىرلار توپلىمى يېزىپ چىققان، شائىرە ئايالدۇر(3).

مۇئەللىپنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە دەسلەپكى ئوقۇشى
مۇئەللىپ دەسلەپكى ئوقۇشىنى ئۆز ئائىلىسىدە، ئانىسىنىڭ ياردىمىدە «قۇرئان كەرىم»نى يادلاشتىن باشلايدۇ. ئانىسى يۈكسەك پەزىلەتلىك، ئۈستۈن قابىلىيەتلىك، تەقۋادار، دىيانەتلىك، «قۇرئان كەرىم»نى يادقا بىلىدىغان، تۈرلۈك ئىجادىي ئەسەرلەرنى يازالايدىغان، سالىھە ئايال ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نەدۋىي ئوردۇ ۋە پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلەيدۇ. ئارقىدىن 12 ياشلىرىدا ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. ئۇ ئەرەبچە دەرسلىرىنى شەيخ خېلىل ئىبنى مۇھەممەد يەمانىيدىن ئالىدۇ. توپتوغرا ئىككى يىل ئەرەب ئەدەبىياتى ئۆگىنىپ، نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئەرەب ئەدەبىياتىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى شۇ دەۋردىكى ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئەرەب ئەدەبىياتىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا «نەھجۇلبەلاغە»، «دەلائىلۇل ئىئجاز»، «ھەماسە» قاتارلىق ئۈچ كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، پۇختا ئۆگىنىدۇ(4).

ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشى
مۇئەللىپ مىلادىيە 1927 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا لۇكنوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى ئىدى. باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلار ئىدى. بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ئۇنىڭ كىچىكلىكىدىن ئەجەبلىنىپ: «ۋاي ئاللاھ! قانداق بولۇپ ئاناڭ سېنى بۇ يەرگە كېلىشىڭگە رۇخسەت قىلغاندۇ؟» دېگەن. ئۇ شۇنچە كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ئىزچىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ ئالىي ئەدەبىيات گۇۋاھنامىسى ئالىدۇ ھەمدە نۇرغۇن ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا ۋە ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشىدۇ(5).

«نەدۋەتۇل ئۇلەمائ (ئۆلىمالار ئۇيۇشمىسى)» قارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرىشى ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتى
مۇئەللىپ مىلادىيە 1929 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا «نەدۋەتۇل ئۇلەمائ» قارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرىپ، دارۇلئۇلۇمنىڭ پېشقەدەم ھەدىس ئۇستازى ئەللامە ھەيدەر ھۈسەينخان تۇنەكىينىڭ قولىدا ھەدىس ئىلىملىرى ئوقۇيدۇ. ئۇ، شەيخنىڭ يېنىدا تولۇق ئىككى يىل تۇرۇپ، بۇ جەرياندا «تەفسىر بەيزاۋىي» ۋە «لوگىكا» دەرسلىرى بىلەن قوشۇپ، ھەدىس كىتابلىرىدىن «سەھىھۇل بۇخارىي»، «سەھىھ مۇسلىم»، «سۇنەن ئەبى داۋۇد» ۋە «سۇنەن تىرمىزىي» قاتارلىقلارنى تولۇق ئۆگىنىدۇ(6). ئۇ يەنە دىيوبەندتىكى دارۇلئۇلۇمدا بىرقانچە ئاي تۇرۇپ، بۇ جەرياندا بۈيۈك ئالىم ۋە مۇجاھىد شەيخ ھۈسەين ئەھمەد ئەلمەدەنىينىڭ ھەدىس دەرسلىرىگە قېتىلىدۇ. ئاندىن مىلادىيە 1932 – يىلى لاھورغا بېرىپ، داڭلىق مۇفەسسىر (تەفسىرشۇناس) شەيخ ئەھمەد ئەلىدىن تەفسىر ئىلىملىرىنى پىششىق ئۆگىنىدۇ.
ئۇ مەزكۇر جايلاردىكى ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن لۇكنوۋغا قايتىپ، شۇ يەردىكى ئۆلىمالار ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇمغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ دارۇلئۇلۇمدا 10 يىل تۇرۇش جەريانىدا بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك پەنلەردىن دەرس ئۆتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆلىمالار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ۋە ئۇستاز مەسئۇد نەدۋىي باش مۇھەررىرلىك قىلغان ئەرەبچە «زىيائ» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوردۇچە ئىجادىي ئەسەرلەرنى يېزىشقا كىرىشىپ، «شېھىد سەييىد ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. بۇ ئەسەر جەمئىيەتتە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، كەينى ـ كەينىدىن ئۈچ قېتىم بېسىلىدۇ.
ئاندىن كېيىن مۇئەللىپ دېھلىگە بېرىپ، بۈيۈك ئىسلاھات دەۋەتچىسى شەيخ مۇھەممەد ئىلياس بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە بۇ كۆرۈشۈش مۇئەللىپنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، شەيخ مۇھەممەد ئىلياس كاتتا جامائەت ئەربابى ئىدى.
مۇئەللىپ روھىيەت تەربىيەسىنى (تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى) كاتتا زاھىد ھەم ئارىف، بۈيۈك مۇرەببىي، تەسەۋۋۇپ پېشۋالىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلقادىر رائىيبورىيدىن ئالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سورۇن ۋە سۆھبەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ(7). ئۇ رەببانىي ئالىملارنىڭ سورۇن ۋە سۆھبەتلىرىدىن ئىلمىي تەجرىبىلەرنى، دەۋەت ئەخلاقىنى، ئاددىي – ساددا بولۇشنى ۋە كەمتەرلىكنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە روھىيەت تەربىيەسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، سەلەف – سالىھلارغا ئەگىشىش ئارقىلىق تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن ساغلام ھالدا بىر – بىرىگە باغلىغان، خۇداگۇي، ئىخلاسمەن ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

مۇئەللىپنىڭ مەشھۇر ئۇستازلىرى
1. شەيخ خېلىل يەمانىي:
مۇئەللىپنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن پېشۋالاردىن بىرى خېلىل ئىبنى مۇھەممەد يەمانىي بولۇپ، ئۇ كىشى ئېسىل ئەخلاقلىق، مۇنەۋۋەر تالىبلارنى يېتىشتۈرۈشتە كەم تېپىلىدىغان ئۇستازلاردىن ئىدى.
2. دوكتور تەقىييۇددىن ھىلالىي:
مۇئەللىپنىڭ پېشقەدەم ئۇستازلىرىدىن بىرى ئەللامە دوكتور مۇھەممەد تەقىيۇددىن ئىبنى ئابدۇلقادىر ھىلالىي بولۇپ، بۇ كىشى ئەينى زاماندا ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى ئىدى.
3. ئەللامە مۇھەددىس شەيخ ھەيدەر ھەسەنخان ئەتتۇنەكىي ئەلھەنەفىي:
ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىشى ئۆلىمالار ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇم ھەدىس قىسمىنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. مۇئەللىپ ھەدىس ئىلىملىرى ۋە بىر قاتار ھەدىس كىتابلىرىنى مۇشۇ كىشىنىڭ قولىدا ئوقۇغان.
4. شەيخ ئەھمەد لاھورىي:
مۇئەللىپنىڭ مەشھۇر ئۇستازلىرىدىن بىرى بۈيۈك تەفسىرشۇناس ئالىم شەيخ ئەھمەد لاھورىيدۇر. مۇئەللىپ بۇ كىشىنىڭ قولىدا تەفسىر ئىلىملىرى ئوقۇپ، شاھ ۋەلىيۇللاھ دېھلىۋىينىڭ «ھۆججەتۇللاھىل بالىغە» ناملىق كىتابىدىن دەرسلەر ئالغان.
5. مۇھەددىس ھۈسەين ئەھمەد مەدەنىي:
بۇ كىشى «شەيخۇلھىند» يەنى «ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ پېشۋاسى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئىنگلىزلارغا قارشى ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ۋە ھىندىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىدى. مۇئەللىپ دېيوبەندنىڭ دارۇلئۇلۇمدا ئوقۇغان مەزگىللىرىدە بۇ كىشىنىڭ قولىدا ھەدىس ئىلىملىرى ئوقۇغان

مۇئەللىپنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخسلەر
1. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ:
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ مۇھەددىس، فىقھشۇناس، ئەھلى سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ تۆت مەزھەپ ئىماملىرىدىن بىرى بولغان ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ پېشۋاسىدۇر.
مۇئەللىپ «ئىسلامدىكى دەۋەت ۋە پىكىر سەرخىللىرى» ناملىق تۆت توملۇق ئەسىرىدە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ تارىخىنى يازغان. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن سەلەف ئالىملىرىدىن كىمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغانلىقى سورالغاندا: «تۈرلۈك ئىمتىھان – سىناقلار بېشىغا كەلگەندىمۇ ئەقىدىسىدىن قىلچىلىك تەۋرەنمىگەن ئالىم ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل» دەپ جاۋاب بەرگەن(9).
2. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ:
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە تەقىييۇددىن ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلھەلىم ھەررانىي قاراش ۋە تەنقىدلىرى بىلەن ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كاتتا مۇتەپەككۇر، سەلەفىي ئالىم، ئۇلۇغ مۇجتەھىد ۋە مۇجاھىد. ئەقىدە، تەفسىر ۋە فىقھ ساھەلىرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. مۇئەللىپ «ئىسلامدىكى دەۋەت ۋە پىكىر سەرخىللىرى» ناملىق تۆت توملۇق ئەسىرىدە ئىبنى تەيمىيەنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىققان. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئالىملاردىن كىمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغاندا: «بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، شەرىئەت ۋە ھەقىقەت توغرىسىدا قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىسلاھاتچىسى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ» دەپ جاۋاب بەرگەن(10).
3. ئىمام رەببانىي ئەھمەد سىرھىندىي ئەلفارۇقىي رەھىمەھۇللاھ:
ئەھمەد سىرھىندىي كاتتا ئالىم، بۈيۈك مۇجاھىد ۋە مەشھۇر نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى بولۇپ، 17 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ تەفسىر ۋە ھەدىس ساھەسىدە ئۇستازلىرىدىن ئىجازەت ئالغان ۋە «ئەلمەكتۇباتۇررەببانىييە» ناملىق ئۈچ توملۇق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان كىشىدۇر. مۇئەللىپ «ئىسلامدىكى دەۋەت ۋە پىكىر سەرخىللىرى» ناملىق تۆت توملۇق ئەسىرىدە ئەھمەد سىرھىندىينىڭ تارىخىنى يازغان. نۆۋەتتە بىز تەرجىمە قىلغان قولىڭىزلاردىكى كىتاب «يېڭىدىن ئىسلامغا…» ناملىق ئەسىرىدىمۇ مۇنداق ئېيتقان: «ئىسلام فىقھشۇناسلىقى ۋە دەۋەت مېتودىنى ياخشى ئىگىلىگەن، ئىسلامغا خالىس نىيەت بىلەن خىزمەت قىلغان، كۈچلۈك ئىسلام روھىغا ۋە دىنىي غەيرەتكە ئىگە يېڭىلىق ياراتقان ئىسلاھات دەۋەتچىسى خۇداگۇي ئالىم ئەھمەد سىرھىندىي ۋە ئۇنىڭ تالىبلىرى تەۋرەنمەس كۈچلۈك ئىمانى بىلەن ئىسلامغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ۋە تۆت ئەسىر ئىسلام سايىسى ئاستىدا ياشىغان بىپايان ھىندىستان تۇپرىقىنى بىراخمانىزم جاھىلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلغان موڭغۇل ھۆكۈمدارى جەلالۇددىن ئەكبەر شاھنىڭ زامانىدا ئىسلامغا قارشى چىققان ئاشۇ شىددەتلىك بوران – چاپقۇن ئالدىدا تىك تۇردى. ئۇلارنىڭ ئىزچىل دەۋەت قىلىشى سايىسىدە ھىندىستان تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا، قايتىدىن ئىسلام قوينىغا كىردى. موڭغۇل ھۆكۈمدارى ئەكبەر شاھنىڭ تەختىدە بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئاستا – ئاستا ئىسلامغا مايىل بولۇش يولىغا كېتىۋاتقان كىشىلەر ئولتۇردى. نىھايەت، ئىسلام ۋە ئىسلاھات تارىخى شانلىق نامى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇردى(11). بىر كۈنى مۇئەللىپتىن ئىلگىرىكى ئالىملاردىن كىمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغاندا: «بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، شەرىئەت ۋە ھەقىقەت توغرىسىدا قىممەتلىك ئەسەرلەر يازغان، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىسلاھاتچىسى ئەھمەد سىرھىندىينىڭ…» دەپ جاۋاب بەرگەن(12).
4. شەيخ مۇھەممەد ئىلياس كاندېھلېۋىي:
دەۋرىمىزدە ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئاتاقلىق دەۋەتچىلەردىن بىرى، بۈيۈك دەۋەتچى، ئىسلاھاتچى شەيخ مۇھەممەد ئىلياس كاندېھلىۋىيدۇر. ئۇ ھىندىستاندىكى «دەۋەت ۋە تەبلىغ جامائىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، كۈنىمىزدە بۇ جامائەتنىڭ ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارىلىپ، ئىزچىل دەۋەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
مۇئەللىپمۇ ئۆزىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلغان كىشىلەردىن بىرىنىڭ مۇشۇ رەببانىي، ئىخلاسمەن ئالىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلغان.
5. شېھىد ھەسەنۇلبەننا:
بۇ كىشى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، مۇئەللىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇيەسسەر بولالمىغان. مۇئەللىپنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى «مۇزەككەراتۇددەئۋە ۋەددائىيە» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئوچۇق نامايان بولىدۇ.
6. شەيخ ئابدۇلقادىر رائىيبورىي:
ئەينى زاماندا بۇ كىشى رەببانىي ئالىم، تەسەۋۋۇپ پېشۋالىرىدىن بىرى ئىدى. مۇسۇلمانلار ھەر دەۋردە روھىيەت ئىسلاھاتچىسى رەببانىي ئالىملارنىڭ يېتەكلىشى ۋە يوليورۇق بېرىشى ئارقىلىق نەپسلىرىنى پاكلاشقا بەكمۇ موھتاج. مۇئەللىپمۇ مۇشۇ كىشىدىن روھىيەت تەربىيەسى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ سورۇن ۋە سۆھبەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
7. دوكتور مۇھەممەد ئىقبال:
مۇھەممەد ئىقبال ھىجرىيە 14 – ئەسىردە ياشىغان ھىندىستانلىق ئاتاقلىق مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، شائىرلاردىن بىرى ئىدى. مۇئەللىپنىڭ «مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئىسلامىي شېئىرلىرى» ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ(13).

مۇئەللىپنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى
مۇئەللىپ كىچىكىدىن تارتىپلا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن بولۇپ، مىلادىيە 1931 – يىلى مىسىرلىق ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا «مەنار» ژۇرنىلىدا مۇئەللىپنىڭ «سەييىد شېھىد ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئىرفاننىڭ تەرجىمىھالى» ھەققىدە يازغان تۇنجى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. مۇئەللىپ شۇ چاغدا 17‐18 ياشلار چامىسىدا ئىدى. ئۇ 1938 – يىلى ئەلىكەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئىسلامىي دەرسلىكلەر» ناملىق تۇنجى دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 1939 – يىلىنىڭ باشلىرىدا «سەييىد شېھىد ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق تۇنجى كىتابى ئوردۇ تىلىدا نەشر قىلىنىدۇ. ئۇ يەنە ھىندىستاندىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەرەب تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈنمۇ دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، جۈملىدىن بۇ ساھەدە «ئەرەب ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار»، «بالىلار ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى»، «توغرا ئوقۇشلۇق»، «ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابلىرى دارۇلئۇلۇم ۋە بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرسلىك قىلىنىدۇ.
مۇئەللىپ مىلادىيە 1944 – يىلى «مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى؟» ناملىق ئەرەبچە مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا باشلاپ، 1947 – يىلى تاماملايدۇ. ئۇ 1947 – يىلى ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىستاندا بېسىلىدۇ. شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە ھىندىستاننىڭ باش ۋەزىرى جەۋاھىر لال نەھرونىڭ چاقىرىقى بىلەن دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا يىغىنى»دا ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن ئىشتىراكچىلارغا «ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە خىتاب» ناملىق رىسالىسىنى يېزىپ چىقىدۇ.
مۇئەللىپ دەۋەت ۋە پىكىر ساھەسىدە كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ، 1958 – يىلى ئۇستازى ئابدۇلقادىر رائىيبورىينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قادىيانىيە مەزھىپى ھەققىدە «قادىيانىيلار ۋە قادىيانىيە مەزھىپى» ناملىق كىتابىنى، 1965 – يىلى «ئىسلام ئەللىرىدە ئىسلامىي ئىدېئولوگىيە بىلەن ياۋروپاچە ئىدېئولوگىيە ئارىسىدا كۈرەش» ناملىق كىتابىنى، 1967 – يىلى «تۆت ئەركان» ناملىق كىتابىنى پۈتتۈرىدۇ. مۇئەللىپ يەنە ئەرەبچە ۋە ئوردۇچە نۇرغۇن كىتابلارنى يازىدۇ. سەييىد مۇھەممەد تارىق زۇبەير نەدۋىي مۇئەللىپنىڭ ئەرەبچە يازغان كىتابلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 186 پارچىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان(14).

ئالىملارنىڭ مۇئەللىپكە بەرگەن يۈكسەك باھالىرى
سۈرىيەلىك مۇھەددىس، رەببانىي ئالىم ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددە مۇئەللىپ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ئەللامە دەۋەتچى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، ئاللاھ تائالا ئىلىم ئاتا قىلغان كىشىدۇر».
دوكتور مۇستافا سىبائىي مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ئىسلام ۋە ئىسلام دەۋىتىنىڭ تۈگىمەس بايلىقىدۇر. ئۇنىڭ كىتابلىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرى ئىلمىي جەھەتتىكى ئىنچىكىلىكى، شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشكە چوڭقۇر چۆكۈشى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ».
ئىسلام مۇتەپەككۇرى شېھىد سەييىد قۇتۇب مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇلھەسەن نەدۋىينى ئۇنىڭ يۈكسەك ئوبرازى ۋە ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق تونۇدۇم. مەن ئۇنىڭدا ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ساغلام قەلبىنى ۋە زېرەك ئەقلىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭدا ئىسلامنى ياخشى چۈشىنىپ، ئىسلام ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ۋە ئىسلامىي روھ بىلەن ياشايدىغان بىر كىشىنىڭ سىيماسىنى كۆردۈم. بۇ مېنىڭ لىللا گۇۋاھلىقىمدۇر».
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇلھەسەن نەدۋىي يېتۈك ئەللامىدۇر».
ئابدۇلھەلىم مەھمۇد مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇلھەسەن نەدۋىي قىلغان ئەمەللىرىدە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلىگەن، پۈتۈن ھاياتىدا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىخلاسمەن بىر مۇسۇلماننىڭ يولىدا ماڭغان، ئەمەلىي ئىش – ئىزلىرى بىلەن ياخشى ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق (بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن) ساغلام كىتابلىرىدا ۋە بارغان يەرلىرىدە ئىسلامغا دەۋەت قىلغان، مۇسۇلمانلارغا يوليورۇق كۆرسىتىپ، توغرا يولغا باشلىغان كىشىدۇر»(15).
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىسلامغا پەقەت ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان، ھوشيار قەلبلەرلا خىزمەت قىلالايدۇ. كور، بىخۇد قەلبلەرنىڭ ئىسلامغا خىزمەت قىلىشتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ»(16).

مۇئەللىپنىڭ زاھىدلىقى
يۈسۈف قەرەداۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن مەن دەۋرىمىزدە ئەبۇلھەسەن نەدۋىيدەك زاھىد، دۇنيانىڭ مال – ماتالىرىغا ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە بېرىلىپ كەتمىگەن، ئېزىتقۇلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالىغان بىر ئادەمنى كۆرمىدىم. ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىناۋىتىگە تايىنىپلا باياشات ياشاش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. ئۇ ئەمىر نۇرىددىننىڭ ئوردىسىدا تۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭغا راھەت – پاراغەت ئىچىدە ياشاش شارائىتى تەل قىلىپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇ ماقۇل كۆرسىلا ئازادە تۇرمۇشتا، راھەت – پاراغەتتە ياشاپ كېتەلەيتتى. بىراق، ئۇ باشقىچە بىر ھايات يولىنى تاللىدى يەنى ئۆزلىرى دۇنيادا ياشىسىمۇ، دۇنيا قەلبلىرىدە ياشىمايدىغان؛ دۇنيانى باشقۇرىدىغان، ئەمما دۇنيا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى باشقۇرالمايدىغان ئىخلاسمەن رەببانىيلارنىڭ ھايات يولىنى تاللىدى. گويا ئۇ بۇ دۇنيادا ئاخىرەتنى ئويلاپ ياشايدىغان، ئۆزى زېمىندا يۈرسىمۇ، كۆزلىرى ئاسمانغا تەلپۈنىدىغان ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم، فۇزەيل ئىبنى ئىياز ۋە جۇنەيد ئىبنى مۇھەممەد كەبى زاھىدلارنى ئۈلگە قىلىپ، سائادەت دەۋرىدىن ھازىرقى دەۋرگە ئۇلىشىپ كەلگەن ئادەمدەك ياشاپ ئۆتتى. ئۇ سالىھ ئىماملارنىڭ، زاھىد سەلەف – سالىھلارنىڭ ئاددىي – ساددا تۇرمۇشىنى تاللىدى.
ھېكايە قىلىنىشىچە، مۇئەللىپ ئىسلامغا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن، پادىشاھ پايسال تەرىپىدىن 300 مىڭ رىيال قىممىتىدىكى مۇكاپات بېرىلگەندىمۇ، مەزكۇر مۇكاپاتنى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىۋەتكەن»(17). سۆزلەپ كەلسەك، بۇنىڭغا ئوخشىغان مىساللار تولىمۇ كۆپ.
مۇئەللىپ ئىزچىل ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىي روھىنى كۈچلەندۈرۈش، قەلبلىرىنى ساغلاملاشتۇرۇش، نەپسلىرىنى تۈرلۈك ئىللەتلەردىن تازىلاشقا ھەرىكەت قىلىپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان دەۋەت ۋە لېكسىيەلەرنى سۆزلەش بىلەن بىرگە «ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەدەپ – ئەخلاق»، «ئىسلام دىنى راھىبلىق ئەمەس، بەلكى رەببانىيلىقتۇر» دېگەندەك قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.

مۇئەللىپنىڭ ۋاپاتى
شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مىلادىيە 1999 – يىلى (ھىجرىيە 1419 – يىلى) مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ جۈمە كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى رايبىرىلى ئۆلكىسىدىكى ئۆز يۇرتى تەكىييە يېزىسى مەسجىدىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتقاندا، جىھاد ۋە دەۋەتكە تولغان 86 يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۇنيادىن كەتتى. ئۇ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن تۇغقانلىرى، يېزا ئاھالىسى ۋە ئۆلىمالار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن شۇ يېزىدىكى «جەتېكىستىڭ قەبرىستانلىقى»غا دەپنە قىلىندى. ھىندىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەينى – كەينىدىن تەزىيەنامىلەر كېلىشكە باشلىدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غائىب نامازلىرى ئوقۇلدى. مۇبارەك رامىزاننىڭ 27 – كېچىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن بەش مىليوندەك مۇسۇلمان ھەرەمدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، ئۇنىڭ غائىب نامىزىنى ئوقۇدى.

 

مەنبەلەر:
(1) يۈسۈف قەرەداۋىي: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي كەما ئەرەفتۇھۇ»، 6 – بەت.
(2) بۇ كىتاب كېيىنكى زامانلاردا «ئەلئىئلام بىمەن فىلھىندى مىنەلئەئلام» دېگەن ئىسىم بىلەن نەشر قىلىنغان.
(3) يۈسۈف قەرەداۋىي: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي كەما ئەرەفتۇھۇ»، 31—36 – بەتلەردىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى.
(4) ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «مازا خەسىرەلئالەم بىئىنھىتاتىل مۇسلىمىن»، 16 – بەت.
(5) شاكىر ئالىم شەۋق: «سەييىد ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ھاياتۇھۇ ۋە ئىسھاماتۇھۇل ئىلمىييە»، «مجلة القسم العربي»، 56 – بەت.
(6) شاكىر ئالىم شەۋق: «سەييىد ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ھاياتۇھۇ ۋە ئىسھاماتۇھۇل ئىلمىييە»، «مجلة القسم العربي»، 56 – بەت.
(7) ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «مازا خەسىرەلئالەم بىئىنھىتاتىل مۇسلىمىن»، 16—17 – بەتلەر.
(😎 يۈسۈف قەرەداۋىي: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي كەما ئەرەفتۇھۇ»، 39—41 – بەتلەردىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى.
(9) ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «مازا خەسىرەلئالەم بىئىنھىتاتىل مۇسلىمىن»، 19 – بەت؛ شاكىر ئالىم شەۋق: «سەييىد ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ھاياتۇھۇ ۋە ئىسھاماتۇھۇل ئىلمىييە»، 57- بەت.
(10) ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «مازا خەسىرەلئالەم بىئىنھىتاتىل مۇسلىمىن»، 19 – بەت؛ شاكىر ئالىم شەۋق: «سەييىد ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ھاياتۇھۇ ۋە ئىسھاماتۇھۇل ئىلمىييە»، 58 – بەت.
(11) ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «ئىلەل ئىسلام مىن جەدىد»، 190 – بەت.
(12) ئەبۇلھەسەن نەدۋىي: «مازا خەسىرەلئالەم بىئىنھىتاتىل مۇسلىمىن»، 19 – بەت.
(13) يۈسۈف قەرەداۋىي: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي كەما ئەرەفتۇھۇ»، 41—43 – بەتلەردىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى.
(14) شاكىر ئالىم شەۋق: «سەييىد ئەبۇلھەسەن نەدۋىي ھاياتۇھۇ ۋە ئىسھاماتۇھۇل ئىلمىييە»، «مجلة القسم العربي»، 58—59 – بەت.
(15) يۈسۈف قەرەداۋىي: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي كەما ئەرەفتۇھۇ»، 202—205 – بەت.
(16) يۈسۈف قەرەداۋىي: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي كەما ئەرەفتۇھۇ»، 19 – بەت.
(17) يۈسۈف قەرەداۋىي: «شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىي كەما ئەرەفتۇھۇ»، 61—62 – بەت

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

دىللىرىمىزنىڭ كور بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر قىلايلى!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇئمىننىڭ پاراسىتىدىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ» دېگەندىن كېيىن: ﴿ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى» [«تىرمىزىي»، 3127].

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This