ئەللامە ئەبۇلھەسەن نەدۋىي
گەپنى قەيەردىن باشلاي؟ دەيدىغانلىرىم ۋە دەردلىرىم بەك كۆپ. كىشىنىڭ دەيدىغانلىرى ۋە دەردلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدىكەن.
مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.
سىلەرگە ئىلمىي ياكى تارىخىي بىر تېمىدا سۆز قىلماقچىمۇ ئەمەسمەن. چۈنكى، سىلەرمۇ بۇ تېمىلاردا توختىلىپ، قانائەتلىنەرلىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالايسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇنداق پاراڭلارغا خېلى تويۇندۇق دەپ قارايمەن.
سىلەر ئىنسانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي، سىياسىي كىرىزىس ۋە قىيىنچىلىقلار ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىسىلەر (دېمىسىمۇ، دەۋرىمىز كىرىزىسلار ۋە قىيىنچىلىقلار دەۋرىدۇر). يەنە بەزىلەرنىڭ ھاكىمىيەتتىن ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىسلاردىن باتناپ يۈرۈۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بىراق، شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بىرىنچى ئورۇندا قويۇشقا تېگىشلىك كىرىزىس ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسىدۇر. سىلەر يەر يۈزىنى كېزىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا قاراپ باقساڭلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم كىرىزىسنىڭ پەقەت ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسىدىن ئىبارەت بىرلا كىرىزىس ئىكەنلىكىنى كۆرىسىلەر. مانا بۇ، كىرىزىسلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كىرىزىس، مۇسىبەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر مۇسىبەتتۇر. ئىنسانلار دادلاۋاتقان كىرىزىسلار ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىمۇ دەل مۇشۇ. ئارىمىزدىن يوقالغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىز ئالەمشۇمۇل مۇسىبەتكە مۇپتىلا بولغان بىردىنبىر نەرسە ئىمان گۆھىرىدۇر. شەخسلەر، جەمئىيەتلەر، دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك بۇزۇلۇپ، ئالەمشۇمۇل بالايىئاپەتلەرگە گىرىپتار بولۇشىمىزغا سەۋەب بولغان يېگانە نەرسە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىدۇر. چۈنكى، ئىنسانلار بىر – بىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ، قىيامەتكىچە شۇنداق داۋاملىشىدۇ. قارىمامسىز، بىزمۇ بىر ئىنسان، بىزنى ئىدارە قىلىۋاتقانلارمۇ ھەم ئىنسان. بىراق، پۈتۈن دۇنيادا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان كىرىزىس ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسىدۇر. نۇرغۇن ئىنسانلار پۈتۈن مەسىلە ھۆكۈمەت ۋە پارتىيەگە قاراشلىق دەپ ئويلاپ، بىر كابېنت كېتىپ، ئورنىغا باشقىسى كەلسە ياكى بىر پارتىيە كېتىپ، باشقا بىرى كەلسە، كىرىزىس ھەل بولۇپ، قىيىنچىلىق تۈگەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كالتا پەملىك ۋە ئالدىراقسانلىق بىلەن چوتنى خاتا سوقۇشتۇر. چۈنكى، نۆۋەتتىكى مەسىلە پارتىيە ياكى ھۆكۈمەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەقىل، ئەقىدە، نەپس ۋە قەلب مەسىلىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. بىر پارتىيە كېتىپ، باشقىسىنىڭ كېلىشى؛ بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىغا باشقىسىنىڭ ئالمىشىشى ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئىنسانلاردا ماددىغا چوقۇنۇش، نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئۆز نەپسىگىلا چوغ تارتىش قاتارلىق ئىللەتلەر قاتتىق ئەۋج ئالدى. بۇ نەپسلەر بەزىدە تارىيىپ، پەقەت شەخسلەرگىلا ئايلىنىدۇ؛ بەزىدە كېڭىيىپ، پارتىيە ياكى گۇرۇھقا ئايلىنىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنياغا مانا مۇشۇ زېھنىيەت ھۆكۈمران بولماقتا. بىز دۇچ كېلىۋاتقان پۈتۈن جەمئىيەت ئەھۋالىنىڭ چىرىكلىشىشىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ مەنىۋى چىرىكلىك، ماددىغا چوقۇنۇش، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان، شەخسىيەتچى، ئۆزۈمچى زېھنىيەتنىڭ ھاكىم ئورۇندا تۇرۇشىدۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار! مانا بۇ، كېسەللىكنىڭ دەل ئۆزىدۇر. شۇڭا، ئۆز – ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىپ ھەقىقەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا قارىغىنىڭلاردا، پۈتۈن بالايىئەزىمنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيسىلەر. ئۇ بولسىمۇ «نەپسكە چوقۇنۇشتۇر». ماددىغا چوقۇنىدىغان بۇ نەپسلەر ئۆزگەرمىسە، ئەھۋال ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.
گېزىت – ژۇرناللاردا تارقىلىۋاتقان، ئۇزۇن يىل ھەرقايسى ئەللەرنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋېتىدىغان شىددەتلىك ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدىغان رىقابەت شەخسىي غەرەزلەر ئۈچۈن رىقابەتلىشىشتۇركى، ھەرگىز ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئارىسىدىكى رىقابەت ئەمەس. دەرۋەقە، ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدا بولۇۋاتقان كۈرەش ھېچقاچان ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتتە: ﴿(ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ)﴾(«ھەج»: 41) دېگەندەك ناچار ۋەزىيەتنى تۈزەش، ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىش، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئىنسانلار ئارىسىدا باراۋەرلىكنى ساقلاپ، ئادالەت بەرپا قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، نامازنى ئادا قىلىش ۋە زاكاتنى بېرىش ئۈچۈن ئەمەس.
ياق، ئەي قېرىنداشلار! بۇ بىر ھوقۇق كۈرىشىدۇر. ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمران بولماقچى. بۇ تالاش – تارتىشلارنىڭ ھەممىسى ھەرقانداق ئىشتا كېسىپ – پىچالايدىغان بولۇش، ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنى قاندۇرالايدىغان كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە ئۆز پارتىيەسىنىڭ مەنپەئىتىگىلا ئىشلەش ئۈچۈندۇر.
مەسىلەن، ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كوممۇنىزم لاگىرىغا قارشى تالاش – تارتىشلىرى ھەقىقەت ۋە ئادالەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. شۇنىڭدەك، كوممۇنىزم لاگىرىنىڭ ياۋروپا مىللەتلىرى بىلەن پات – پات چېكىشىپ قويۇشىمۇ، ھېچقاچان ئادالەت بەرپا قىلىش يولىدا بولغان ئەمەس. چۈنكى، ئۇلارنىڭ دىن ۋە پەزىلەت بىلەن ئىشى يوق. ئۇلار ھەرگىز ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت كوممۇنىستلارنىڭ ئىنسانىيەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلقئارا تىجارەتنى كونترول قىلىدىغان بىردىنبىر كۈچ بولۇشى ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىدۇ. ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئىشەنگەن ۋە ئۆز سېپىگە قوشۇلغانلارنىڭ بەختىيار ياشىشى ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىدۇ.
بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنۇشتۇر. بۇ رەزىل، چىركىن، سېسىق نەپس ئۆزگەرمىگۈچە، دۇنيانىڭ تۈزىلىشى، بەخت – سائادىتى ۋە پاراۋانلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈش «تېرەكتىن ئامۇت كۈتكەندەك»لا بىر ئىشتۇر.
قېرىنداشلار! ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشىدۇر. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئىنسانغا بويسۇنىدۇ؛ ئىنسان نەپسىگە، ۋىجدانىغا ۋە ئىمانىغا بويسۇنىدۇ. نەپس، ئىمان ۋە ئېتىقاد تۈزەلسە، ئىنسان تۈزىلىدۇ؛ ئىنسان تۈزەلسە، دۇنيا تۈزىلىدۇ.
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا، پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»(«بۇخارىي»، 52).
ئىنسانلار (بىر قىسىم چالا ئالىملارنىڭ خۇلاسىسى بويىچە) ئۇنداق ياكى مۇنداق ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ياكى پالان شەخس، پالان پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، جاھان تۈزىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ قەلب ۋە ۋىجداننىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلمەيدۇ. نەپس ۋە قەلبلەر تۈزەلمەيدىكەن، جەمئىيەتنىڭ تۈزىلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. قېرىنداشلار! بۇ، نەزەر دائىرىسى تار بىر ئادەمنىڭ سۆزى ئەمەس. بەلكى تەجرىبىلىك، ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان، بۇ تېمىدا چوڭقۇر ئىزدەنگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ سۆزىدۇر.
ئىنسان قاراڭغۇ ئۆيگە كىرگەندە، چىراغنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسماي تۇرۇپ ئىزدىگىنىنى تاپالمايدۇ. ئۆينىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدىغان كىشىلەر ئۆيگە كىرىپلا چىراغنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئۆينى يورۇتۇپ ئىزدىگىنىنى تاپالايدۇ. بۇلار پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغانلاردۇر. كۇنۇپكا بولسا ئىماندۇر. ئۇ ئېچىلىپلا قالسا، ئۇنىڭدىن چىققان نۇر دولقۇنى پۈتۈن دۇنيانى يورۇتىدۇ.
مەن ئەرەب، ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا ئەللەردە ئەقلى ئۆتكۈر، تەپەككۇرى كۈچلۈك، تەجرىبىسى مولدەك كۆرۈنىدىغان كىشىلەرنى كۆرىمەن، لېكىن ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ناھايىتى چولتا، خاملىقىدىن ھەيران قالىمەن.
ئۇلار سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە پىشمىغان، چالا موللىلاردەك گەپ قىلىپ يۈرۈشىدۇ. پالان پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، مەسىلە ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دەرۋەقە، شۇ پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ – يۇ، ئەھۋال ئۆزگەرمەيدۇ، بەلكى ئەھۋال ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتتەررەك بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىمىز. ئاندىن باشقا پارتىيەنى سىناپ باقىمىز. ئەپسۇس، يېڭىسى كونىسىدىنمۇ ناچار چىقىدۇ.
بىر شائىر نېمىدېگەن توغرا ئېيتقان: «ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، كۈندۈزلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. بۇ كېچىلەر بولسا قىز قېرىنداشلاردۇر. شۇڭا، ھېچبىر كېچە ۋە كۈندۈزدىن ئۆتمۈش يىللاردىكى كېچە ۋە كۈندۈزلەرنىڭ قىلمىشىدىن باشقىنى كۈتمە!».
بۇ تەجرىبىلەر بىچارە ئىنسانلارنىڭ بېشىدىن قاچانغىچە كەتمەيدۇ؟ قاچانغىچە پايدىسىز تەھلىل ۋە مۇلاھىزىلەرنى قىلىپ يۈرىمىز؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەرلەر بىزگە ساغلام ئىلىم ئۆگەتكەن، كېسەللەرنىڭ شىپالىق دورىسىنى بەرگەن ئەمەسمۇ؟!
ھەقىقەت شۇكى، ئاساسلىق مەسىلە نەپس مەسىلىسىدۇر. بىز مۇشۇ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈيدىكەنمىز، قىيىنچىلىقلىرىمىز ئەسلا ھەل بولمايدۇ.
بۇ مەدەنىيەتتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ۋە بالايىئاپەت شەخسلەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر. مەدەنىيەت ئىلىملىرى روھقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. جەمئىيەت، ئىدارە – ئورگان، ئىجتىمائىي ھەيئەت ۋە ھۆكۈمەتلەرگە مەركەزلىشىپ، شەخسلەر نەزەردىن ساقىت قىلىندى. ھالبۇكى، شەخسلەر جەمئىيەت، ئىدارە – ئورگان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىدۇر. بىز ئۇلارغا ئاۋازىمىزنىڭ بارىچە توۋلاپ:
‐ ھەي ئەپەندىلەر! شەخسلەر مانا ئالدىڭلاردا. ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىپ، ساغلام جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھازىرلاڭلار! ‐ دەيدىغان بولساق، ئۇلار:
‐ بىزنىڭ شەخسلەر بىلەن ئىشىمىز يوق. بىز ھازىر جەمئىيەتلىشىش خاراكتېرىگە ئىگە بىر ئىجتىمائىي دەۋردە ياشاۋاتىمىز، ‐ دەيدۇ. ئاندىن بىزمۇ ئۇلارغا:
‐ جەمئىيەتلىشىشنى قوبۇل قىلىمىز، لېكىن شەخسلەر بولمىغان يەردە جەمئىيەت نېمە قىلسۇن؟ ‐ دەيمىز. ئۇلار بۇنىڭغا جاۋابەن:
‐ جەمئىيەت تۈزەلسە، شەخسلەرمۇ تۈزىلىدۇ، ‐ دېيىشلىرى مۇمكىن. بار كۈچىنى جەمئىيەتكە قارىتىپ، شەخسلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلار بەئەينى قۇرت يەپ چىرىتىۋەتكەن تاختايلارنى يىغىپ، يۈك ياكى يولۇچى كېمىسى ياسىماقچى بولغانلارغا ئوخشايدۇ. يىراقنى كۆرەر بىر كىشى ئۇنىڭغا:
‐ بۇ تاختايلار يۈك ياكى يولۇچى كېمىسى ياساشقا يارىمايدۇ، ‐ دېسە، ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن:
‐ تاختايلار مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى كېمىدۇر. كېمە ياسىلىپ بولسا، بۇ تاختايلارنىڭ رولى قالمايدۇ. شۇڭا، تاختايلارنىڭ چىرىپ كەتكەنلىكى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. بۇزۇق ھامان بۇزۇقتۇر. لېكىن، بۇزۇقلار بىرلەشتۈرۈلسە، تۈزۈك پۈتۈپ چىقىدۇ. ئوغرى ھامان ئوغرى. لېكىن، ئوغرىلار توپلانسا، شەھەرنىڭ قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، ‐ دەيدۇ.
ئوغرى يەككە ھالەتتە ئوغرى، لېكىن ئوغرىلار گۇرۇھى ئىشەنچلىك. ياۋروپاچە زېھنىيەت مانا مۇشۇ. بۇ قانداق مەنتىقە؟
بۆرە ھامان بۆرە. بۆرىلەر توپلانسا، پادىچى بولىدۇ. چوغ ئۆينى كۆيدۈرىدۇ. بىراق، چوغلار بىر ئوچاقتا جەملەنسە، ئۆينى ئىللىتىپ، ئىسسىتىدۇ.
بۇ نېمىدېگەن كۈلكىلىك گەپ ھە! ئەمەلىيەتتە مەكتەپ، ھۆكۈمەت ۋە مەھكىمىلەردە قوللىنىلىدىغان ئاساس ۋە ئۇسۇل مۇشۇ ئەمەسمۇ؟!
ھۆكۈمەتلەر، سوتچىلار ۋە ئەسكەرلەر نەدىن كەلگەن؟ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇزۇق، لاياقەتسىز كىشىلەرمۇ؟ بۇ گۇناھكار توپلار قانداق بولۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئەخلاقلىق سالىھلار توپىغا ئايلىنىپ قالغان؟
مىڭ ئەپسۇسكى، پۈتۈن دۇنيا ھەتتا ئىلىم ساھەسىمۇ يۇقىرىقى مەنتىقىگە بويسۇنۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندىكى شەھەر باشلىقلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى، ئىلمىي ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمرانلار بۇرۇنقى چاغلاردا ھېچبولمىغاندا خىزمەتتىن قوغلىناتتى. ھەتتا، زىندانلارغا تاشلىنىپ، كىچىككىنە خىزمەتمۇ بېرىلمىگەن بولاتتى. ئەمما، ھازىر بۇ زېھنىيەت تەپەككۇرغا شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى، شەخس مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققانلار قالاقلىق ۋە قاتماللىق بىلەن قارىلىنىدىغان بولدى.
ئەي ئىمانلىق قەلب ساھىبلىرى! سىلەر بىر جەمئىيەت. چىرايىڭلاردا، پاك قەلبىڭلاردا ۋە ساغلام ئەقلىڭلاردا بىز ئارزۇ قىلىۋاتقان پارلاق كەلگۈسى ئۇخلىماقتا. ئۆزۈڭلارنى روھىي، ئەخلاقىي، ئىلمىي ۋە ئىمانىي جەھەتتىن ياخشى تەييارلاڭلار. مانا بۇ، دەۋرنىڭ چاقىرىقى، جىددىي ۋەزىپە، بۈگۈنكى جىھادتۇر.
مەن بارغان ۋە قېرىنداشلىرىمنى زىيارەت قىلغان ھەربىر مەملىكەتتە ئىسلام دۇنياسى مەسىلىسى سۆھبەت تېمىسى بولۇپ كەلدى. ئىسلام دۇنياسى ھېلىھەم مەۋجۇت بىر ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جاھىل ياكى ئەخمەقتىن باشقا ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ.
مەن بۇنىڭغا تامامەن ئىشىنىمەن. ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە، سۈرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق ئەللەردە بۇنىڭغا شاھىت بولدۇم. ئەي قېرىنداشلار! سىلەر ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى. ئەگەر سىلەر ئىسلام دۇنياسى بىزدىن باشقا ئىنسانلار بىلەن گۈللىنىدۇ. ئۇنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئەمەس دەپ ئويلىغان بولساڭلار، خاتالاشقان بولىسىلەر. مېنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقان ئىش كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھەممە نەرسىگە ئەھمىيەت بېرىشى بولۇپ، بۇ تولىمۇ ئاچچىق رېئاللىقتۇر. مەن دۇنيا ھەققىدە پىكىر قىلىمەن. ئەمما، مەن پەقەت دۇنيانىڭ بىر پارچىسى. مەن بۇ پارچىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىمەن. مەن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمنى كۆردۈم. ئۇلار ئۆزى ھەققىدە ئويلانمايدۇ، ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزلىرىدىن تامامەن ئايرىم دەپ قارايدۇ. بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز، ھەربىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەت بارلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم. بىر جەمئىيەتنىڭ پارچىلىرى تۈزەلگەندە، ئىسلام دۇنياسى تۈزىلىدۇ. قېرىنداشلار! بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇنۇ مىسالغا ئوخشايدۇ:
بىر پادىشاھ بىر كۆلنى سۈت بىلەن تولدۇرماقچى بولۇپ، كۆلگە سۈت ئەكېلىپ تۆككەنلەرگە ھەق بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىپتۇ. ئاندىن سۈتچىلەردىن بىرى «چوڭ بىر كۆلگە بىرەر چېلەك سۇ تۆككەنگە ھېچنېمە بولماس» دەپ ئويلاپ سۈتنىڭ ئورنىغا بىر چېلەك سۇ تۆكۈپتۇ. باشقىلارمۇ بىر – بىرىدىن خەۋەرسىز ھالدا شۇنداق ئويلاپ كۆلنى سۇ بىلەن توشقۇزۇپتۇ. دەرۋەقە، پادىشاھ ئەتىگەن كۆلنىڭ يېنىغا كەلگەندە، كۆلنىڭ سۇ بىلەن تولدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ ھېكايىمىزدۇر. بەلكىم ھەربىرىمىز: «مەندەك بىر ئادەمنىڭ بۇزۇق بولۇشى ئىسلام دۇنياسىغا قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلەتتى؟» دەپ ئويلايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى بۇزغان چۈشەنچىدۇر. ئازراقلا ئويلانساڭلار، پۈتۈن گەپلىرىڭلارنىڭ باشقىلار ھەققىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىلەر.
قېرىنداشلار! ئۆزۈڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن. نېمىشقا ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولىسىلەر؟ باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىش ئاسان، ئەمما ئۆزىنى تۈزەش قىيىن. ئىنسان ئاسان ئىشنى قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ئۆزىنى قويۇپ، باشقىلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ جىددىي تۈزىتىشكە تېگىشلىك چۈشەنچىدۇر.
ئىراقلىقلارمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى. ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئىبارەت بىر بىنانىڭ ياراملىق بىر پارچە خىشى بولۇشقا ھازىرلىشىمىز لازىم. ھەربىرىمىز ساغلام ئىمانلىق، پاك قەلبلىك، پىكرى ئوچۇق، كۈچلۈك، ۋىجدانلىق، قەلبى جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان مۇجاھىد يىگىت بولۇشىمىز كېرەك. بىز شۇنداق بولالىغىنىمىزدا، ئىشىنىڭلاركى، بۇ پىتنە – پاساتقا تولغان، بۇزۇق ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
نۆۋەتتىكى يەنە بىر كىرىزىس يىگىتلەر كىرىزىسىدۇر. قېنى شۇ يىگىتلەر؟ نۇرغۇن ئىنسانلار ھۆكۈمەتكە ئۈمىد باغلايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ھۆكۈمەتتە دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنى يەنە شۇ ئىنسانلار باشقۇرىدۇ. قاراپ بېقىڭلار، ھۆكۈمەتلەرنى كىملەر باشقۇرۇۋاتىدۇ؟ قانداق باشقۇرۇۋاتىدۇ؟ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ دەردى ۋە كېسىلى دەل مۇشۇ يەردە. ئۆزۈڭلارنى كەلگۈسىدىكى كۈرەش، «ئەخلاق كۈرىشى»، «سەمىمىيەت ۋە پىداكارلىق» كۈرىشىگە ھازىرلاڭلار! ناۋادا ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ، يېقىنلىرى ۋە پارتىيەسىنىڭ مەنپەئىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويالايدىغان بىر ئادەم ئوتتۇرىغا چىقسا، ھەر نەرسىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدىغان شەكىلدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ.
ئەينى چاغدا ھاۋا بۇلۇتلۇق ۋە زۇلمەتلىك، ئىسلام دۇنياسى زور قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. ھۆكۈمرانلار زالىم، ئىدارە سىستېمىسى بۇزۇق، زۇلۇملار باش كۆتۈرۈپ، ھەق – ھوقۇقلار ئاياغ ئاستى بولغان، ئىنسانلار خەۋپسىرەش ئىچىدە، ئىسلام دۇنياسى شەرقتىن غەربكىچە، شىمالدىن جەنۇبقىچە ھەر تەرەپتە قورقۇنچلۇق كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئىدى. دەل شۇ پەيتتە رەببىنى تونۇغان، ئۆزىنى ئۇنتۇغان، ئاخىرەت كۈنىنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز» ئىسىملىك بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ئېقىننىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا تەرەپكە بۇرىدى. شۇنداق ئىنسانلار قېنى؟ ئۇلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغانلار نەدە؟ ئۇلارنى مەكتەپلەر، فاكۇلتېتلار تەربىيەلەپ چىقامدۇ؟ ياق! ئۇلارنى ئىمان تەربىيەلەيدۇ، ئەقىدە ۋە ئەخلاق يېتىشتۈرىدۇ.
مېنىڭ يەنىلا سىلەرگە دەيدىغىنىم: ئۆزۈڭلارنى يېتىشتۈرۈڭلار! ئىمانىڭلارنى ۋە ئەقىدەڭلارنى مۇستەھكەملەڭلار! ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، ئىسلامنىڭ مەنپەئىتىگە ئىشىنىدىغانلاردىن بولۇڭلار! كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندا بۇزۇق مۇھىت يولدىن ئازدۇرالمايدىغان كىشىلەردىن بولۇڭلار! ساھابىلەر شۇنداق كىشىلەر ئىدى. ئۇلار بەدەنلىرىنى ياپقۇدەك كىيىم، تويغۇدەك تاماقمۇ تاپالمايدىغان دەرىجىدە نامرات ئىدى. ئەمما، دۇنيا ئۇلارغا باش ئەگدى، خەزىنىلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قىلچىلىك ئۆزگەرمىدى.
ئەبۇ ئۇبەيدە ۋە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار بۇرۇن قانداق بولسا، كېيىنمۇ شۇنداق ئىدى. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىراققا ۋالىي بولۇپ كەلدى. ئىراقلىقلار ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىققاندا، ئۇنىڭ ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
دۇنيا پەقەت شەخسلەر بۇزۇلغاندىن كېيىنلا بۇزۇلدى. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدرىسىسىدىن يېتىشىپ چىققانلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. بىز ئاشۇ سۈپەتكە بەكمۇ موھتاج. بىز بۇنى سىزدىن ۋە ئۆزىنى ئاددىي – ساددا ھاياتقا ئادەتلەندۈرگەن راستچىل مۇسۇلمان ياشلاردىن كۈتمەكتىمىز. ئەرەب مىللىتى مۇپتىلا بولغان ئىللەتلەر ئىسراپخورلۇق، ھەشەمەتخورلۇق، ئېسىل ماشىنا، چوڭ ئۆي، يۇقىرى مائاش بولمىسا ياشىيالمايدىغان، چېكىدىن ئاشقان ئادەتلەردۇر. مانا بۇ ئىللەتلەر ئۈممەتنى خار – زەبۇن قىلدى. رۇم ۋە پارسلارنىمۇ مۇشۇ ئىللەتلەر ۋەيران قىلغان ئىدى. ئۇلارمۇ ھەشەمەتخورلۇق ۋە مەدەنىيەتتە چېكىدىن ئاشقان ئىدى. مۇسۇلمانلار مەدائىنغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى پەتىھ قىلغاندا، يەزدىجەردنىڭ 1000 نەپەر ئاشپەز، قارچىغا ۋە شۇڭقارلىرىنى باقىدىغان 1000 نەپەر قۇشچىنى باشلاپ قېچىپ چىقىۋېتىپ، ھەسرەتلەنگەن ھالدا: «مەن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلىدىغان ئەھۋالدا قالدىم، ئارانلا مۇشۇلارنى ئالالىدىم» دېگەنلىكى ئۇلارنىڭ نەقەدەر ھەشەمەتخور كىشىلەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى چىرىكلىشىپ، شۇ چەككە يەتكەنلىكتىن ناھايىتى ئېچىنىشلىق ۋەيران بولغان ئىدى. (ئۇلار قانداقمۇ ۋەيران بولمىسۇن دەيسىز؟!) يەزدىجەردنىڭ بېشىدىكى تاج 50 مىڭ دىناردىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى. ئۇلار قىممىتى 30 مىڭ دىناردىن 50 مىڭ دىنارغا يېتىدىغان تۈرلۈك جاۋاھىراتلار ۋە ياقۇتلار قادالغان كەمەرلەرنى باغلايتتى. ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرى، شان – شەرەپلىرى ۋە باياشات تۇرمۇشلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىل دەل ئۇلارنىڭ چىرىكلەشكەن ساختا مەدەنىيىتىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى جىھادقا ۋە دەۋەتكە ھازىرلاڭلار! ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئالساڭلار، كامىل ئادا قىلىڭلار! بۇ مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمدۇر. بەلكى، سىلەر بۇنىڭغا پىسەنت قىلماسلىقىڭلار مۇمكىن. لېكىن، پات يېقىندا دېگەنلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. ﴿مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن﴾(«غافىر»: 44).
يەنە تەكرارلايمەنكى، نۆۋەتتىكى كىرىزىس يىگىتلەر كىرىزىسى، ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسىدۇر. «ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئالماشسىلا، ۋەزىيەت ئۆزگىرىدۇ» دەيدىغان ناتوغرا پىكىرگە ئىشىنىپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر. (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر ـ بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر. (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ)﴾(«ھەج»: 39—41).
بۇ ئايەتتە ئوت ساپ ئالتۇننى تاۋلاپ چىققاندەك ساھابىلەرنىمۇ تاۋلاپ چىققان؛ يۇرتلىرىدىن ناھەق قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە قۇدرەت تاپقۇزغاندا، نامازنى ئادا قىلغان، زاكاتنى بەرگەن، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسقان يىگىتلەرگە ئايلاندۇرغان جاپا – مۇشەققەت ۋە سىناقلارنىڭ نېمىشقا بۇرۇن تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار!
بىز بۇ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتمەي تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدە بايان قىلغان دەرىجىگە يېتەلمەيمىز: ﴿(ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ﴾(«ھەج»: 41)؛ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): (ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمىشقا جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمىشقا بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگىچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟) دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (ئاللاھتىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)﴾(«نىسائـ»: 77).
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھاكىمىيەت ۋە ئاقىۋەت ھەققىدە ھېچنېمە دېمىدى. پەقەت ئۇلارنى ئەخلاق ۋە چۈشەنچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بىر ئىسلام تەربىيەسى بىلەن يېتىشتۈردى. نەتىجىدە، نەپسلەر تەييار بولغان ھامان دولقۇن ھاسىل بولۇپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى.
سەمىمىي بىر نەسىھەت قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە دەيمەنكى: «دىن، ئەخلاق، تەربىيە ۋە پىكىر جەھەتلەردە ئۆزۈڭلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىڭلار! بىر شائىر: ›سەن ئۆزۈڭ بۈيۈك بىر دۇنيا‹ دەپ ئېيتقاندەك، ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىر ئىسلام دۇنياسى ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىڭلار».
ھاسىلكالام، بىز تۈزەلسەك، ئىسلام دۇنياسى تۈزىلىدۇ؛ شەخسلەر تۈزەلسە، جەمئىيەت تۈزىلىدۇ.
سۆزۈم تۈگىدى. ئۆزۈمگە ۋە سىلەرگە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
تەرجىمە قىلغۇچى: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
0 Comments