«پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە 700 تەكلىپ» ناملىق بۇ كىتابتا ئاتا – ئانا بولغۇچىلارغا مۇنداق ئۈچ خىل تەربىيەۋى تەكلىپ سۇنۇلغان:
بىرىنچىسى، قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلگەن، ئىلگىرىكى ئۆلىمالارمۇ بىردەك قوبۇل قىلغان شەرئىي تەربىيە ئۇسۇللىرى؛
ئىككىنچىسى، ئاللاھ تائالا ئاتا – ئانىلارنىڭ قەلبىگە سالغان، ئاتا – ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىگە بەرگەن ساپ ۋە سەمىمىي مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى؛
ئۈچىنچىسى، سىناقتىن ئۆتكەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر، مىڭلىغان ئوي – پىكىر ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلىي تەجرىبە ھاسىلاتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.




