تالىپلار قوللانمىسى
كىتاب ئىسمى: تالىپلار قوللانمىسى
ئاپتور: سەدىدىددىن كاشىغەرىي
تەرجىمان / ھازىرلىغۇچى :مۇھەممەد ئەمىن بىشارەت
كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە
كاتىگورىيەسى:
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2025/07/01
قىسقىچە مەزمۇنى: «تالىپلار قوللانمىسى» ناملىق بۇ كىتاب بۇنىڭدىن يەتتە ئەسىر ئىلگىرى ئەزىزانە قەشقەردە دۇنياغا كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخىدىلا ئەمەس، ئەرەب تارىخىدا، يەمەن تۇپراقلىرىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان مول - ھوسۇللۇق ئۆلىمالىرىمىزدىن بىرى سەدىدىددىن كاشىغەرىينىڭ ئەرەبچە ئەسەرلىرىدىن «تىلبەتۇتتەلەبە فىي تەرىقىل ئىلمى لىمەن تەلەبەھ» ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدۇر. كىتاب ئىلىمنىڭ ماھىيىتى، فىقىھ ئىلمى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، ئىلىم ئۆگىنىشتىكى نىيەت، ئىلىم يولىدىكى تۈرلۈك تاللاشلار، ئىلىمنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇستازنى ئۇلۇغ بىلىش، ئىلىم ئېلىش ئۇسۇللىرى، ئىلىم ئۆگەنگۈچىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقلار ۋە تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىللەتلەر قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە توختىلىدۇ.