ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزى 2021 – يىلىنىڭ بېشىدا دىنىي ئىلىملەردە ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىق ئىلىملىرىدە مۇئەييەن سەۋىيەدە يېتىشكەن، يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە ئىقتىدارىغا ئىگە بىر گۇرۇپ بىلەن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئاكادېمىك مائارىپىنى، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ساھەنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىقچىلىق خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئېتىقادىنى كۈچەيتىدىغان، ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان، زېھنىنى نۇرلاندۇرىدىغان، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى بىلەن يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، ئازغۇن پىكىرلەردىن قوغدىيالايدىغان، دىنىي كىملىكى ۋە مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەسسە قوشىدىغان كىتاب ۋە ماقالىلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشىغا ۋە تەرجىمە قىلىنىشىغا موھتاج. ئۇلار يەنە ئۆز تارىخىدىكى ئۇنتۇلغان ۋەقەلەرنى بىلىشكە، ئۇلاردىن تەجرىبە – ساۋاق ئېلىپ، قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلىرىنى قېزىپ چىقىشقا موھتاج.
بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغاندىن بېرى نۇرغۇنلىغان ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاچچىق رېئاللىققا باش ئەگمەي، تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى:
ئىلمىي ئەمگەكلىرىمىز
ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزى ئەزالىرى 2021 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تۈرلۈك ژۇرناللاردا ۋە تور يۈزىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ھەمدە تۆۋەندىكى كىتابلارنى نەشرگە تەييارلاپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى.
ئىشلىنىۋاتقان كىتابلار
- قەشقەر تارىخى (وهو ترجمة تاريخ كاشغر كتِب في تركيا قبل 100 عام تقريبا بالتركية، يحتوي على محتويات تاريخية وثقافية حقيقية قيّمة تتعلق بتركستان الشرقية).
- ديوان سبق المجلِّي
- ثابت داملّا وأثره القيم «القصيدة السنية في العقيدة السنية»
- ئەسەرلەر توپلىمى (ھازىرقى زاماندىكى ئىسلاھاتچى ئالىملاردىن 7 كىشىنىڭ ئەسىرى).
- بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىلىدىغان 99 ئۇسۇل.
ھازىرغىچە بېسىلغان كىتابلار
- نىيەت ۋە ئىخلاس.
- لۇغاتۇل جىناس (ئەرەبچە).
- پەرز ئەين.
- پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە 700 تەكلىپ.
- ئەلئىكلىل مىن قەسائىدى ئابدىلجەلىل (ئەرەبچە).
- پەتىۋا، مۇپتى ۋە پەتىۋا سورىغۇچىلارنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى.
- ھەدىس كۆرسەتمىلىرى.
- يېڭىدىن ئىسلامغا!
- مۇقەددەس نۇرلار.
- تەسىرلىك بالىلار ھېكايىلىرى (5 قىسىم).
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 250 سوئال – جاۋاب.
- ئەلقەۋلۇل جەلىي فىي دىيۋانى سەبقى مۇجەللىي (ئەرەبچە).
- رامىزانلىق دۇئالار.