قايغۇرماڭ، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە!

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

ماي 28, 2023

 

قايغۇ − خۇشاللىققا زىت مەنىدىكى سۆز بولۇپ، ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن مەلۇم مۇسىبەت ياكى مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئاجىز، ئۈمىدسىز ۋە چۈشكۈن ھېس قىلىدىغان روھىي كەيپىياتتىن ئىبارەتتۇر.
قايغۇ پىسخىكىلىق بىر ھادىسە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان رېئال، سەلبىي تەسىرى ناھايىتى كۆپ ۋە چوڭ بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ئۆلۈم ھادىسىسىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قايغۇ قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ھەممە يەردە چەكلەش تۈسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قايغۇرماسلىق تەشەببۇس قىلىنغان. مەسىلەن، بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر»،[ئال ئىمران: 139].
يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى»، [تەۋبە سۈرىسى: 40].
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى غەم – قايغۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئىنتىلىش روھىغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ. ئۈمىد چوغىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنى بىر ئىشقا قىزىقمايدىغان، ھۇرۇن، تىرىكتاپ قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئايەتلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ قايغۇرۇشىنى خالىمىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ مەلۇم بىر دۇئاسىدا غەم – قايغۇدىن پاناھ تىلىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، [سەھىھۇل بۇخارىي: 2893].
قەدىرلىك دوستۇم! قايغۇرماڭ، چۈنكى ئاللاھ سىز بىلەن بىللە.
قايغۇرماڭ! چۈنكى، سىزنىڭ دۇنيادا ھېچقانداق قەۋمدە بولمىغان، مۇقەددەس قۇرئانىڭىز بار. يول تاپالماي قالسىڭىز، شۇ قۇرئان ئارقىلىق يول تاپالايسىز. ئاغرىپ قالسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن شىپالىق تاپالايسىز. قەلبىڭىز قاغجىراپ كەتسە، شۇ ئارقىلىق تەشنالىقىڭىزنى قاندۇرالايسىز.
قايغۇرماڭ! ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن كېيىن چوقۇم ئاسانلىق بار. مەغلۇبىيەتنىڭ كەينىگە غەلىبە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. قاراڭغۇ كېچىگە ئىللىق قۇياشنىڭ ئەلچىسى بولغان سۈزۈك تاڭ ئەگىشىپ كېلىدۇ. بىدارلىقتىن كېيىن شېرىن ئۇيقۇ، ئاچلىقتىن كېيىن توقلۇق، كېسەللىكتىن كېيىن ساقلىق، ئايرىلىشتىن كېيىن جەم بولۇش، چۆلدىن كېيىن كۆل، قورقۇنچتىن كېيىن خاتىرجەملىك قاتارلىقلار دۇنيانىڭ ئەزەلدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن قانۇنىيىتىدۇر. كۈنلەر يېڭىلىنىپ، دەۋر ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىر كۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز). (بۇ)، ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۇئمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر. سىلەرنى شېھىتلاردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شېھىتلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ»، [ئال ئىمران: 140].
قايغۇرماڭ! سىزنىڭ يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن دۇئايىڭىزنى تىڭشايدىغان، دەردىڭىزگە قۇلاق سالىدىغان، ھاجىتىڭىزنى راۋا قىلىدىغان پەرۋەردىگارىڭىز بار. غەمسىز چاغلىرىڭىزدا ئۇ زاتقا يۈزلىنىڭ. بېشىڭىزغا ئېغىر كۈن كەلگەندە، ئۇ زات سىزگە يۈزلىنىدۇ، سىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ.
قايغۇرماڭ! ئاللاھقا شۈكرىكى، سىز مۇسۇلمان. سىزدە پۈتۈن دۇنيانىڭ بايلىقلىرىغا تېگىشكۈسىز ئىماندىن ئىبارەت بىباھا نېمەت بار. ئەسلىدە قايغۇرۇشقا تېگىشلىك بەختسىز ئادەم ئىمان نېمىتىدىن مەھرۇم قالغان ئادەمدۇر.
قايغۇرماڭ! ئاللاھ سىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى يېقىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر»، [بەقەرە سۈرىسى: 214].
ئاسمان – زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا سىزگە تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان غەلىبە يوللىرىنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن.
قايغۇرماڭ! كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلماڭ! بەلكى ئىشلار سىز ئەندىشە قىلغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن؛ ئويلىمىغان يەردىن خۇشاللىق، غەلىبە – نۇسرەت كېلىشى مۇمكىن. كەلگۈسىگە پىلانسىز ۋە تەييارلىقسىز مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمىغاندەك، زىيادە ئەندىشە قىلىپ، ئۆزىمىزنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈۋېلىشىمىزمۇ تامامەن خاتا.
قايغۇرماڭ! سەۋر مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىدۇر. سەۋرسىزلىك، چىدامسىزلىق ئىنسان روھىيىتىنى بىتاپ قىلىپ، ئىش – كۈچلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سەۋر بولسا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىنسان روھىيىتىگە قايتىدىن ئوزۇق بېغىشلاپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئاتا قىلىپ، يېڭىدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ.
قايغۇرماڭ! چوقۇم بىر ئىش قىلىڭ، بىكارچىلىقتىن ساقلىنىڭ. بىكارچىلىق ئىنسانغا ئۆتمۈشتىكى بىر تالاي دەرد – ئەلەملەرنى ئەسلىتىدۇ، كەيپىياتنى بۇزىدۇ، تۈگىمەس خىياللارغا پاتۇرىدۇ، چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ئاكتىپ روھنى ئۆلتۈرىدۇ، قايغۇ دېڭىزىغا غەرق قىلىدۇ. شۇڭا، بىكار يۈرمەڭ، ناماز ئوقۇڭ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىڭ، كىتاب ئوقۇڭ، بىرەر نەرسە يېزىڭ، ئۆيىڭىزنى رەتلەڭ، باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ، بوش ۋاقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈڭ. چۈنكى، قىيامەت كۈنى بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىڭىزدىن بىر – بىرلەپ ھېساب بېرىسىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر»، [تەكاسۇر سۈرىسى: 8].
قايغۇرماڭ! ئۈمىدۋار ياشاڭ. ئۈمىدۋارلىق مەغلۇپ بولغان ئىنسانغا قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان ئابىھاياتتۇر. ئۈمىدۋارلىق چۈشكۈنلۈك زۇلمەتلىرى قاپلاپ كەتكەن قەلبىڭىزنى يورۇتىدىغان ئىللىق قۇياشتۇر. ئۇ سىزگە خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار. شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»، [يۈسۈف سۈرىسى: 87].
قايغۇرماڭ! ئۆتكەن ئىش كەتتى. ئوبدان قاراپ باقسىڭىز، سىز يەنىلا بەختلىك. ئاللاھنىڭ ساناقسىز نېمەتلىرى سىزنى ئوراپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىز نامرات بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىزدە خېلى – خېلى بايلاردا يوق ئىمان، ئىخلاس، سەۋر – قانائەت، ساغلاملىق دېگەندەك بىر تالاي نېمەتلەر بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر»،[نەھل سۈرىسى: 18].
ئەقىللىق كىشىلەر ئۆتمۈشىگە قايغۇرۇپ ئولتۇرماي، ھاياتىدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىشقا تىرىشىدۇ. چىقىپ بولغان قۇياشنى، تۇغۇلۇپ بولغان بوۋاقنى، كۆزدىن ئاققان ياشنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۆتمۈشنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرى بىلەن ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قاپسىلىپ ئولتۇرۇۋېلىش مۇسىبەت ئۈستىگە مۇسىبەتتۇر.
كېلىڭ دوستۇم، ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ، پارلاق كەلگۈسىڭىزگە ئىنتىلىڭ. بەختلىك كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا.
قايغۇرماڭ! تاپا – تەنە قىلغۇچىلار، تىل – ئاھانەت ياغدۇرغۇچىلار سىزنى تۈگەشتۈرۈۋەتمىسۇن. ئىنسان تىل – ئاھانەتتىن خالىي بولالمايدۇ. مېۋىلىك دەرەخكە تاياق كۆپرەك تېگىدۇ، ئەمەسمۇ؟! كىشىلەر ئەڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ تىللىغان ھەتتا ياراتقان پەرۋەردىگارىنىمۇ تىللاپ، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن ئەمەسمۇ؟!
بەزىدە تىل – ئاھانەتنىڭ پايدىسى بولۇپمۇ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلەر چىقىدۇ. سىز بەرىبىر كىشىلەرنىڭ ئېغىزىنى جىمىقتۇرۇپ بولالمايسىز. قانداقلا ئىش قىلماڭ، چوقۇم مالامەت قىلىدىغانلار چىقىدۇ. ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز، تېخىمۇ مالامەت قىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى توغرا، دۇرۇس بولۇپ، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىڭ! شۇنداق قىلغاندىلا نەتىجە قازىنالايسىز. باشقىلارنىڭ گېپىگە قاراپ يولىڭىزنى ئۆزگەرتمەڭ!
قايغۇرماڭ! بۇ دۇنيادىن كېيىن چوقۇم يەنە بىر دۇنيا بار. يامانلىق قىلغانلار، زورلۇق – زومبۇلۇق قىلغانلار بىر – بىرلەپ ھېساب بېرىدىغان كۈن بار. ئۇ كۈندە بۇ دۇنيادا بېشىڭىزغا كەلگەن ھەربىر مۇسىبەتكە ساۋاب بېرىلىدۇ. ھەتتا: «كاشكى، دۇنيادا كۆپرەك مۇسىبەتكە يولۇققان بولسامچۇ!» دەپ قالىسىز.
قايغۇرماڭ! بېشىڭىزغا غەم چۈشكەندە دەرھال نامازغا تۇرۇڭ، پەرۋەردىگارىڭىزغا مۇناجات قىلىڭ، سىردىشىڭ، بېشىڭىزنى سەجدىگە قويۇپ، ھەرقانداق دەردىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭ. بەلكىم ئۇزۇنغا قالماي پۈتۈن غەملىرىڭىزدىن، ئازابلىرىڭىزدىن خالاس بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (يەنى كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر»، [بەقەرە سۈرىسى: 45].
توغرا، قايغۇردىڭىز، قايغۇرۇش ئارقىلىق بىرەر پايدىغا ئېرىشتىڭىزمۇ؟ مەسىلەن، پەرزەنتىڭىز يولدىن چىقىپ كەتتى، قايغۇردىڭىز، ئەسلىگە كەلدىمۇ؟ دادىڭىز ئۆلۈپ كەتتى، قايغۇردىڭىز، تىرىلىپ كەلدىمۇ؟ تىجارەتتە زىيان تارتىپ قايغۇردىڭىز، پايدىغا ئۆزگەردىمۇ؟ ئاتا – ئانىڭىزدىن، خوتۇن – بالىچاقىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قايغۇردىڭىز، جەم بولالىدىڭىزمۇ؟ ياق، بەلكى دەردىڭىزگە دەرد قوشۇلدى، تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھۇزۇرى بۇزۇلدى، چۈشكۈنلەشتىڭىز، ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇردىڭىز. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى قايغۇرماڭ. ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ، ھەرىكەت قىلىڭ، ئۆزگەرتىڭ، ئىسلاھ قىلىڭ، ياخشى ئىشلارنى قىلىڭ، ۋاقتىڭىزنى مەنپەئەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ، پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ، دەرد – ئەلەمگە جەڭ ئېلان قىلىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاللاھ سىز بىلەن بىللە!
پايدىلانغان مەنبەلەر:
• مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ: «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى».
• ئىمام بۇخارىينىڭ: «سەھىھۇل بۇخارىي».
• ئائىز قەرنىينىڭ: «قايغۇرماڭ» ناملىق كىتابى.
• دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىلنىڭ: «علو الهمة» ناملىق كىتابى.
• ئائىز قەرنىينىڭ: «ابتسم» ناملىق كىتابى.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This