ئەللامە سابىت داموللام چەتئەل سەپىرىدىن نېمە ئېلىپ كەلگەن؟

haksever logo

تارقاتقۇچى ئورۇن: قاراخانىيلار ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مەركىزىمىز پايدىلىق ئىسلامىي كىتاب – ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئاپتور / تەرجىمان:

ماي 28, 2023

ئەزىز يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ ئىسلام نۇرىنى پارلاتقان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش شەرىپىگە نائىل بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قەبرىگاھى جايلاشقان، زەبەردەست ئۆلىمالىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاستىن ئاتۇشتىكى ئازاق كەنتىدە ھىجرىيە 1300 – يىلى (مىلادىيە 1883 – يىلى) دۇنياغا كەلگەن ئەللامە سابىت داموللام (ھ 1300 − 1352 / م 1883 − 1934) قەشقەر ۋە بۇخارادىكى داڭلىق مەدرىسىلەردە ئوقۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، چوڭقۇر ئىلمى ۋە ئىخلاسى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قەشقەردە نۇرغۇن تالىبۇلئىلىملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كاتتا ئۆلىما ۋە ئۇستازلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. سابىت داموللام پەقەت دىنىي ئىلىملەردە يېتىشىپلا قالماي، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە پارسچە قاتارلىق تىللارنى پىششىق بىلىدىغان؛ مەزكۇر تىللاردا نەسرىي ۋە شېئىرىي شەكىلدە، پاساھەتلىك سۆزلىيەلەيدىغان؛ ئۇستا ناتىق ھەم يازالايدىغان قابىلىيەتلىك يازغۇچى، قەلەمدە ھەم ئەلەمدە يېتىشكەن دۆلەت ئاتىسى، خەلقىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ، دەردلىرىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن قەلبى ۋولقاندەك پارتلاپ تۇرىدىغان، جاسارەتلىك مۇجاھىد زات ئىدى.
ئىخلاسمەن دەۋەتچى، پاراسەتلىك تەربىيەتچى بوۋىمىز ئەللامە سابىت داموللام 1349 – يىلى (1931 – يىلى) چەتئەلگە سەپەر قىلىپ، چەتئەلدە 15 ئاي تۇرغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىش ۋاقتىدا يۇرتىدىكى قەۋم – قېرىنداشلىرىغا خورما، زەمزەم ئالغاچ بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئورنىغا خەلقىنىڭ چاڭقىغان مەنىۋىيىتىنى ئىلىم شەربىتى بىلەن قاندۇرۇشنى؛ مەنىۋى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىنى سېلىشنى ئەۋزەل بىلىپ، «ئەقىدە جەۋھەرلىرى» ناملىق ئەسىرىنى چەتئەلدە نەشر قىلدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىغا ھەدىيە قىلغان.
ئەللامە سابىت داموللام (ھ 1300 − 1352 / م 1883 − 1934) بۇ قىممەتلىك رىسالىسىنىڭ بېشىدا كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، كىرىش سۆزىدە ئۆزىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇش جەريانىدا ئىگىلىگەن تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى، ئىنچىكە مۇلاھىزىلىرىنى، ئىلمىي يەكۈنلىرىنى ۋە مۇھىم تەلىماتلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان. پېقىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى دۆلەت ئاتىسى، مۇجاھىد بوۋىمىز سابىت داموللامنىڭ قىممەتلىك ئۈگۈتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈمىدىدە مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈدۈم:
كىرىش سۆز
پانىيلىق ۋە يوقلۇقنىڭ چەكسىز باياۋانى تېز سۈرئەتتە ئۇچۇۋاتقان پىلانېتالار ۋە سەييارىلەرنىڭ تېز سۈرئەتلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بېسىپ ئۆتۈلۈپ تۇرغان؛ ماددىي ئۇنسۇرلار بولغان پاراخوتلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئېقىشى بىلەن دېڭىزلارنىڭ توسالغۇلىرىدىن كېزىپ ئۆتۈلگەن؛ مەۋجۇدات بوستانلىرىنىڭ مۇھىت – ھاۋاسى مۆتىدىل، گۈل – گۈلزارلىرى گۈزەل، تاغلىرىدا سۇلار گويا ئېرىگەن كۈمۈشتەك پاك – پاكىز ۋە غۇبارسىز ئېقىپ تۇرغان؛ گۈل – چېچەكلەر ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك يارىشىملىق ۋە كۆركەم ھالدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان؛ نەرگىس گۈللەر بەجايىكى رەيھان بۇيلۇق شارابتا مەستخۇش بولغان كىشىدەك خۇمارلىق كۆزلىرى بىلەن تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان؛ بۇلۇتلار ئەتىگەن – ئاخشامدا سۆيۈملۈك مەھبۇبىسىدىن يىراقتا قالغان ئاشىقنىڭ دىلى كەبى چاقماقتەك چېقىپ تۇرغان؛ سەرۋى دەرەخلىرى تۈرلۈك – تۈمەن ناز – خۇلقلىرى بىلەن جىلۋە قىلىپ، نازىنىن مەھبۇبە – مەشۇقلار كەبى بۇلبۇللارغا ئېگىلىپ، قەلبلىرىدە ساناقسىز غەم – قايغۇ گۈلخانلىرىنى يېقىپ تۇرغان؛ باغلىرىدا ئەنبەر پۇراق جەننەتنىڭ باغلىرىغا ئوخشاش تۈرلۈك – تۈمەن گۈللەر مەشۇقلارنىڭ رۇخسارلىرىدەك گۈزەل، ئاق – قىزىل ئېچىلغان ئالما – ئانار شاخلىرىدا ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ئاجايىپ سەنئىتى روشەن نامايان بولۇپ تۇرغان؛ ئاسماندىن تۆكۈلگەن يامغۇرلار گويا يىپى ئۈزۈلگەن مەرۋايىتلاردەك رەتسىز ھالدا چېچىلىپ تۇرغان؛ بۇلبۇللار خىلمۇخىل نەغمە – ناۋالىرى، ئاجايىپ مۇڭلۇق ئاۋازلىرى ئارقىلىق گۈللەرگە ئۆز سىر – ئەسرارلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىغان چاغلار ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ، ئۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇق مىراس ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان ھەمشەھەرلىرىم تەبىئەت دارۇلفۇنۇننىڭ تىل شۆبىسىدىكى ھۆرمەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ قۇسۇرسىز تەربىيەسى ئارقىلىق پاساھىتى زاھىر، ئىستىلىستىكىلىق گۈزەللىكى روشەن، مەجاز ۋە زىننەت ئىستىئارىلىرى ئاجايىپ، مىسال ۋە كىنايىلىرى قالتىس، سۆز – جۈملىلىرى قىسقا، ئەمما مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى راۋۇرۇس، ئۇسلۇبى ئەيىب – نۇقساندىن خالىي بولغان تۈرك ئۇيغۇر تىلىنى بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم خالىس تەبىئەت مەكتىپىدە ئەبەدىي ئىنايەتنىڭ پەزل – ئېھسانى بىلەن، ئەسلىدە بەزىلەر بۇت – سەنەمنى، بەزىلەر يۇلتۇزلارنى، يەنە بەزىلەر بولسا ئاتەشنى مەبۇدلۇققا تاللاپ، ئازغۇنلۇق – زالالەت باياۋانىدا يولدىن ئازغان سەرگەردان بولۇپ يۈرۈش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاللاھنىڭ پەزل – ئىنايىتى ۋە پۈتمەس – تۈگىمەس ياردىمى بىلەن دىل لەۋھەلىرىگە كەلىمە تەييىبەنى يېزىپ، تىللىرىدا زىكىر – تەكرار قىلىپ، جانابى ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈپ، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىپ، ھىدايەتنى قوبۇل قىلغان بولدى.
دىنداشلىرىم دەۋرنىڭ مەدرىسىلىرىدە مۇئەللىملىرىدىن كېچە – كۈندۈزلەپ تەجرىبە – ساۋاقلار ئېلىپ، يۈكسەك تىرىشچانلىق ۋە يېتۈك ئىجتىھاد بىلەن ئىلىم ئېلىۋاتقان؛ ھىممەتلىك دوست – يارەنلىرىم مەۋجۇدات دەرسخانىلىرىدا قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇز مۇئەللىملىرىنىڭ تەسىرلىك تەلىملىرى ئارقىلىق، دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەردە ماھىرلاشقان چاغلار ئىدى.
ئەمدى ئىلىم – مەرىپەت بابىدا بەجايىكى ئالەمنى يورۇتقان قۇياش مىسالى نۇرانە دىللىق مەشھۇر خۇجا – ئۇستازلىرىمغا ئايانكى، بۇ ئىلىم – مەرىپەت دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ خالىس خىزمەتكارى، دىن ۋە مىللەت جەڭگاھىنىڭ ئىلىمدار، ۋاپادار پىداكارى داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقىي ئەلكاشغەرىي قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۆز ئەھۋالىنى مۇنداق ئىزھار ۋە بايان قىلىدۇ:
كەمىنە 1349 – يىلى (مىلادىيە 1931 – يىلى) قىلغان ھەج سەپىرىمدە ئىستانبۇل، ئىسكەندەرىيە، مىسىر، ھىجاز، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن ئىلىم – مەرىپەتلىك زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن گويا يېشىللىقلار يامغۇردىن، كانلار قۇياشتىن بەھرىمەن بولغاندەك بەھرىمەن بولدۇم، جانابى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، بۇ سەپىرىمدە نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم، ساناقسىز ئىمتىھان – سىناقلارغا دۇچ كەلدىم.
مەككە مۇكەررەمە، مەدىنە مۇنەۋۋەرە ۋە تائىف شېرىپ قاتارلىق مۇقەددەس شەھەرلەردە 15 ئاي تۇرۇپ، شۇ دەۋردىكى ئۆلىما ۋە مۇدەررىسلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى، ئۇلۇغ زېمىننىڭ شاراپىتى ۋە خاسىيىتى بىلەن خېلى كۆپ تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئىگىلىدىم.
تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ سەپىرىمدە قەيەرگە بارسام، ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ (كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى) ھەمدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇزۇن – ئۇزۇن ئويلاندىم. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ۋە ئىش – ئىزلىرىنى، ساھابە، تابىئىن ۋە سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم. ئىسلام دىنىنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى ۋە دىنىي ھۆكۈملەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەھلىل قىلىپ يېشىپ چىقتىم. قۇرئاندىكى چۈشىنىش قىيىن بەزى ئايەتلەرنى باشقا ئىقتىدارلىق ئۆلىمالاردىن سوراپ پايدىلاندىم. ئاندىن دىنىي قېرىنداشلىرىمنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەمەللىرىنى، تەلىم – تەربىيە ئۇسۇللىرىنى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرەتلىرىدىن، «خۇلەفائى راشىدىن» بولغان تۆت خەلىپىنىڭ سۈننەتلىرىدىن، سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن پايدىلىنىپ يەكۈنلىگەن ئۇسۇل – قائىدىلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە باشلىدىم.
سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە خالىس، ئىمانىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى؛ ئۇلارنى ھەر دائىم سۈننەت ئىچىدە، «سىراتۇل مۇستەقىيم (توغرا يول)» ئۈستىدە، بىدئەتتىن يىراق، رىياكارلىقتىن ۋە نام – شۆھرەتتىن ئۇزاق، گۇناھنىڭ يامان تەسىرىدىن پاك ھالەتتە كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە ئەمەللىرىنىڭ مىزانى، ھاكىمىيەتنىڭ ئىدارىي ۋە سىياسىي ئىشلىرىنىڭ قانۇنى قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بولغاچقا، ئۇلاردا ئەدەپ – ئەخلاق، ساداقەت، ۋاپادارلىق، ساپلىق، رەھىم – شەپقەت، ھۆررىيەتپەرۋەرلىك، پاكلىق قاتارلىق ئېسىل ئەخلاقلارنىڭ غايەت يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزلەشكەنلىكىنى؛ تەمەخورلۇق، قورقۇنچاقلىق، ئاچ كۆزلۈك، ھىيلىگەرلىك، مەككارلىق، باش – باشتاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك قاتارلىق يامان ئىللەتلەردىن پۈتۈنلەي پاك ۋە ساغلام كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿(ئى مۇھەممەد) سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر﴾(«زۇمەر»، 17-18) دېگەن ئۇشبۇ ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەل قىلىپ، دىنىي مەسىلىلەردە ئەسلا قارىغۇلارچە مۇتەئەسسىپلىك قىلمايدىغانلىقىنى كۆردۈم.
ئەمما، خەلەفلەر (يەنى ئۇلاردىن كېيىنكىلەر) بولسا كالام ۋە تەسەۋۋۇپ ئىلىملىرى ئارقىلىق تەۋھىد ئەقىدىسىگە يۇنانلىقلارنىڭ گۇمانىي پەلسەپىلىرىنى، ئىرانلىقلارنىڭ خۇراپاتلىرىنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيات خەۋەرلىرىنى، ئاشۇرىي ۋە كەلدانىيلارنىڭ ئاساسسىز ھېكايىلىرىنى، فىنىكلارنىڭ خىياللىرىنى، رافىزىيلارنىڭ جاھالەتلىرىنى ئارىلاشتۇرغانلىقى ئايان بولدى. بۇلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى سەلەف – سالىھلارنىڭ ئەقىدىسىدەك خالىس ھەم پاكىز ئەمەس ئىدى. بۇلار قۇرئان كەرىم ۋە «سەييىدۇل مۇرسەلىين» بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنىڭ يوليورۇقىدىن چەتنەپ، پەقەت جانابى ئاللاھ تائالادىنلا تەلەپ قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى مەخلۇقلاردىن تەلەپ قىلىشتى، ئاللاھ تائالاغىلا خاس بولغان سۈپەتلەر بىلەن بەندىلەرنى سۈپەتلەشتى.
ئەقىدىمىزنى توغرا بېكىتىش ئۈچۈن كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ پارلاق يوليورۇقلىرى، روشەن دەلىل – پاكىتلىرى كۇپايە قىلمايدۇ دەپ پەرەز قىلىشىپ، ئىلمى كالامنى ئىختىيار قىلىپ، ھەتتا ئىلمى كالامنى كىتاب ۋە سۈننەتنى چۈشىنىشنىڭ تۈپ ئاساسى دەپ بىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ گەپلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا گويا تاشقا ئويۇلغان نەقىشتەك ياكى كىچىك ۋاقتىدا كۆپ تەكرارلاپ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن قۇرئان سۈرىلىرىدەك چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
ھەر خىل ئوي – پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە – مىكىرلىرى كۈنسايىن ئاشتى. ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرى بويىچە شەكىللەندۈرگەن پىكىر ئېقىمىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بازار تاپقۇزۇش ئۈچۈن باشقا ئېقىملارنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
مۇسۇلمانلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىگە چۈشۈپ قالدى: «(ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى)، بەنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر خۇددى كەشنىڭ ئىككى پېيى بىر – بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل كەلگەندەك، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بېشىغىمۇ بىرمۇبىر كېلىدۇ ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاشكارا ھالدا ئۆز ئانىسىغا چېقىلغانلار بولسا، مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىمۇ شۇنداق قىلىدىغانلار بولىدۇ. بەنى ئىسرائىل 72 پىرقىگە بۆلۈنگەن بولسا، مېنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلۈنىدۇ، بىر پىرقىدىن باشقا ھەممىسى دوزاخقا كىرىدۇ» دېدى. ساھابىلەر:
‐ ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ قايسى پىرقە؟ ‐ دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
‐ «مەن ۋە ساھابىلىرىم تۇتقان يولنى تۇتۇپ، شۇ يولدا ماڭغانلار» ‐ دەپ جاۋاب بەردى، («تىرمىزىي»، 2641).
خەلەفلەر (يەنى كېيىنكىلەر) ئۇشبۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، دىننىڭ تۈپ ئاساسى بولغان ئەقىدىدە نەچچە پىرقىگە بۆلۈنۈپلا قالماي، ھۆكۈملەردىمۇ ئىختىلاپ قىلىشتى؛ ئەمەل – ئىبادەتلىرىگە بەزى بىدئەتلەر قوشۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن، بەزى سۈننەتلەر تاشلىنىپ، بىدئەتلەر سۈننەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى؛ تۈرلۈك ئۆرپ – ئادەت ۋە قائىدە – يوسۇنلار ئىسلامىي ئەھكاملارنىڭ قاتارىدا ئورۇن ئالدى؛ ئاخىرقى ھېسابتا مەسىلە ۋە پەتىۋالاردىكى ئىختىلاپلار كۈنسايىن كۆپەيدى.
كېيىنكىلەر مەيلى تەۋھىد ۋە ئىسلامنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىدە بولسۇن، مەيلى ھۆكۈملەردە بولسۇن سەلەف – سالىھلاردىن تۆۋەنرەك دەرىجىدە بولغاچقا، ئۇلاردا ئىبادەتنىڭ (ھەقىقىي مېغىزى بولغان) روھى قالماي، (تاش پوستى قالغاچقا)، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق بولالمىدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا «جالال (ئۇلۇغلۇق)» سۈپىتى بىلەن قاراپ، «جامال (گۈزەللىك)» سۈپىتى بىلەن تەجەللى قىلمىدى.
بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇزۇن تەپەككۇر قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق ئويغا كەلدىم: «خەلەفلەر (يەنى كېيىنكىلەر) سەلەف – سالىھلارغا ئوخشاش كىتاب ۋە سۈننەتكە لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلىپ؛ ئىمان، ئىسلام، ئېھسان، قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، راستچىللىق، پاكلىق، سەۋرچانلىق، ۋاپادارلىق، ئادالەتپەرۋەرلىك ۋە ياخشىلىق قاتارلىق ئۇلۇغ سۈپەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن بولسا ئىدى، يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيات خۇراپاتلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، تەۋھىد ئەقىدىسىنى ساپ قىلىپ، ئىبادەتلىرىنى سۈننەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە ئادا قىلىپ، بىدئەتلەردىن تامامەن قول ئۈزۈپ، تەلىم – تەربىيەلىرىنى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە كىراملارغا، ساھابىلەر تابىئىنلارغا تەلىم – تەربىيە بەرگەندەك ئېلىپ بېرىپ، تارىخ ئىلمىنى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلغان بولسا ئىدى، ئىبادىتىگە جان پەيدا بولۇپ، جانابى ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە نائىل بولار ئىدى».
بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىستانبۇل، ئىسكەندەرىيە، مىسىر، ھىجاز ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچى ئۆلىمالار بىلەن ئىلمىي مۇزاكىرىلەردە بولدۇم. ئۆلىمالار ئىچىدە كەم تېپىلىدىغان بۈيۈك يېتەكچى، مەشھۇر «مەنار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، مۆھتەرەم ئەللامە رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى بىلەن نەچچە سورۇندا بىرگە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردۇم.
رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى ئاخىر يەكۈن چىقىرىپ، ئۇستازى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىلىم – مەرىپەتنىڭ شېرىن سۈتلىرىنى بىللە ئېمىشكەن ئەزىز بۇرادىرىم، دەردمەن قېرىندىشىم! كېيىنكىلەردە كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق مۇسۇلمانلار بەك ئاز. ئۇلار ئىسرائىلىيات خۇراپاتلىرىغا چۆمۈپ، ﴿ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم ئېسىلىڭلار﴾(«ئال ئىمران»، 103) دېگەن ئايەت ئېنىق تۇرسىمۇ، مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكى بىلەن ئېتىقادتا، تارماق مەسىلىلەردە، تەسەۋۋۇپتا ھەر خىل پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، بىرى يەنە بىرىنى ئازغۇنغا چىقىرىپ، 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئىسلام دىنىنى ۋاپاسىز ئەۋلادلىرى غېرىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. «ئىسلام غېرىپ باشلانغان، يەنە بالدۇرقىدەك غېرىپ ھالىتىگە قايتىدۇ. غېرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن»(«مۇسلىم»، 232) دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئېنىق نامايان بولدى. ھەي قېرىندىشىم! بۇ ئۈممەتنىڭ ئاۋۋىلىنى نېمە ئىسلاھ قىلغان بولسا، ئاخىرىنىمۇ شۇ نەرسە ئىسلاھ قىلىدۇ. تاكى مۇسۇلمانلار بىر – بىرىگە ئىنساب قىلىپ، ئۆزئارا ئىختىلاپلارنى تاشلاپ، كىتاب ۋە سۈننەتكە قايتمىغۇچە ئىش ئوڭشالمايدۇ».
ئاندىن ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەمىيرۇل بەيان» دەپ نام ئالغان ئەدىب، قەلىمى ئەمر ئىبنى مەئدىيكەرىبنىڭ قىلىچىدىنمۇ ئۆتكۈر، لىۋانلىق مەشھۇر ناتىق شەكىب ئارسلاننىڭ «مۇسۇلمانلار نېمىشقا ئارقىدا قالدى، باشقىلار نېمىشقا ئىلگىرىلەپ كەتتى؟» ناملىق كىتابىنى ماڭا بەردى. كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ كىشىمۇ دەل مۇشۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلغان ئىكەن. ئويلاپ باقسام، كەمىنە «ماھىر كامانداز بولمىسىمۇ، ئوقنى نىشانغا تەگكۈزۈپتۇ» دېگەندەك ئىككى زاتنىڭ ئوقدانلىرىدىن ئوق ئېتىپتىمەن. بۇنىڭغىمۇ كۆپ شۈكۈر قىلدىم.
ئاندىن بۇ پىكىرنى تېخىمۇ پىششىقلاش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئۆلىمالارغا مۇراجىئەت قىلدىم. ماھىر، يېتىشكەن تەتقىقاتچى ئۆلىمالارنىڭ ئۇشبۇ پىكىردە بىردەك قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. مىڭ ئەپسۇسكى، بۇ ئۆلىمالارغا ھەقىقەت مۇشۇ دەرىجىدە روشەن كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، يەنە ئۆزلىرى ئەخلاق، ئىش – ھەرىكەت، سۆز، ئەمەل، قانائەت، زاھىدلىق، پەرھىزكارلىق، ئىبادەت، تەۋەككۈل، بويسۇنۇش، تەقۋادارلىق ۋە ئېھسان قاتارلىق ئىشلاردا لايىق رەۋىشتە سەلەف – سالىھلارغا ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىلمىي مەرتىۋىسىگە قارىغاندا ئەمەل مەرتىۋىسىنىڭ تۆۋەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىلىملىرى كۆپ راۋاج تاپقانلىقتىن كىتاب ۋە سۈننەتكە (لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلىپ) ئەگەشكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.
ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، بۇ مۇبارەك سەپىرىمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئىگىلىگەن بولدۇم ھەمدە ئىككى قېتىم ئەرەفاتتا تۇرۇپ ھەج قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
ئاندىن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، دۇنيانىڭ جەننىتى ۋە خەلقلىرىمۇ جەننەت ئەھلىدەك ئەدەپ – ئەخلاقلىق بولغان ئەزىز ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستانغا قايتىدىغان ۋاقتىمدا، ۋەھىي چۈشكەن جايدىن، ئىسلام تۇنجى باشلانغان ماكاندىن قەۋم – قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ئىچكەنگە تۈگىمەيدىغان، يېگەنگە ئازلىمايدىغان، جانلارغا غىزا، دىللارغا شىپا تۈرلۈك خورما ۋە زەمزەمدىن ئالغاچ بېرىپ، ھەدىيە قىلىش خىيالىمغا كەلدى.
(شۇنداق بولسىمۇ، قېرىنداشلىرىمغا خورما ۋە زەمزەم ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا)، پۈتۈن قېرىنداشلىرىم مەنپەئەتلەنسۇن دەپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان «ئىسلام قانۇنى» ناملىق كىتابىمنى بېسىپ چىقىرىپ، ھەدىيە قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
قارىسام، سەپىرىم سەل ئۇزىراپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى، «ئىسلام قانۇنى» ناملىق كىتابىم ئىككى توم بولۇپ، بۇنى بېسىپ چىقىرىشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىپ قالاتتى. بۇ سەۋەبتىن، كىچىك بالىلار ئۈچۈن خالىس تەۋھىد ھەققىدە سوئال – جاۋابلىق قىلىپ، «ئەقائىد جەۋھەرىي (ئەقىدە جەۋھەرلىرى)» ناملىق رىسالىنى تۈزۈپ چىقتىم؛ بۇنىڭغا قوشۇپ ئەقىدە ساھەسىدە پەۋقۇلئاددە مۆتىۋەر، قورال كىتاب ھېسابلىنىدىغان ئىمام تاھاۋىينىڭ «بەيانۇسسۈننە» ناملىق ئەسىرىنى قىسقا ۋە ئىخچام شەكىلدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدىم ھەمدە مەزكۇر كىتابلىرىمنى بارلىق دىنىي قېرىنداشلىرىمغا ھەدىيە قىلماقچى بولدۇم.
«ئەقىدە جەۋھەرلىرى» ناملىق بۇ كىتاب گەرچە قۇرئاندىكى «ئەسر» سۈرىسىدەك ئىبارىلىرى قىسقا بولسىمۇ، ئىسلامنىڭ يىلتىزلىرىنى، ئەقىدە ئاساسلىرىنى، دىنىي ئەركانلارنى ۋە ئىماننىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي قېرىنداشلىرىمنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا نائىل بولار دېگەن ئۈمىدتىمەن. «بەيانۇسسۈننە» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسىدە ئەرەبچە گىرامماتىكا، سىنتاكسىس ۋە ئىستىلىستىكا قائىدىلىرى بايان قىلىنماي، مەزمۇنلىرىلا بايان قىلىندى. چۈنكى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئەرەبچە گىرامماتىكا، سىنتاكسىس ۋە ئىستىلىستىكا قائىدىلىرىنى سۆزلەپ يۈرۈش نۆۋەتتىكى نىشانىمىزغا تازا ئۇيغۇن ئىش ئەمەس.
داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقىي
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈگۈچى: ھەقسۆيەر ئىسلام تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇرراززاق رەجەب
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ….

ئىمان ۋە ئەخلاق كىرىزىسى

مەن پەقەت سىلەرگە ئۆزۈم ئىشەنگەن ۋە ئەقىدە قىلغان بىرنەرسە توغرۇلۇق سۆز قىلماقچىمەن. سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا بېقىپ، قۇلاقلىرىڭلارغا خۇشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىش نىيىتىم يوق. ۋىجدانىم ۋە ئىمانىم رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلالىساملا، ماڭا شۇ كۇپايە. چۈنكى، ۋىجدانىم ئارام تاپسا، ئەلۋەتتە سىلەرنىمۇ رازى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسى بىر

مەن بۇ ئاپەتنى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشتا رېكورت ياراتقان يېڭى دەۋرنىڭ «بىدئىتى» دەپ قارايتتىم. ئەمما، يېقىنقى ئويلىنىشلىرىمدىن زامانى پەرقلىق بولسىمۇ، جىنايەتچىلەرنىڭ مەنتىقىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ يەتتىم! قۇرئان كەرىم بىزگە پىرئەۋىننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن!!»﴾ [سۈرە غافىر، 26-ئايەت]

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

رەببانىي ئالىم ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىپنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھەي ئەلھەسەنىي بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ھىندىستان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە 30 يىل ئىچىدە يېزىپ چىققان «نزهة الخواطر وبهجة المسامع والنواظر»(2) ناملىق 4500 نەپەر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى سەككىز توملۇق قىممەتلىك ئەسىرى بىلەن «ھىندىستانلىق ئىبنى خەللىكان» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «الثقافة الإسلامية في الهند» ۋە «الهند في العهد الإسلامي» ناملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار.

0 Comments

Submit a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Share This